akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 944|ئىنكاس: 25

تاققا - تۇققا پاراڭلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەر قايسى چوڭ بىرلەشمىلەرنىڭ ئوزغۇنلىرى ئاساسى جەھەتتىن ئايرىلىپ بولدى ، ئەمدىكى ئەڭ قىززىق نوقتا يەنىلا ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ 4 كۈچلۈككە كېرىش جېڭى . شەلىكلەر باش كۆتۈرۈپ چىققاندىن كىيىن لىۋىرپول ئەنئەنىۋى 4 كۈچلۈك سىپىدىن چۈشۈپ قالدى، چاتاق يىرى توتتىنھام بىر قانچە يىلدىن بىرى توختىماي چېپىپ 4 كۈچلۈك قاتارىغا بۆسۈپ كىرىش ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىرىشماقتا .

ئىتىپاق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچقا كىرگەن 2 كوماندا ئوزغانلىق ئويناش سالاھىيتىگە ئېرىشىدۇ دېگەن پىلان پىلان پىتى قالغان چىغى چېلسى ھەل قىلغۇچقا كىرسىمۇ مەن ھىچ قايسى بىر تور بەتتىن چېلسى ئوزغانلىق سالاھىيتىگە ئېرىشتى دېگەن خەۋەرنى كۆرمىدىم . چېلسىنىڭ كىيىنكى رەقىبلىرى توتتىنھام، ئالۋاستى، ئاستون ۋىللا، ۋىگان، ئىۋىرتون .  توتتىنھام بىلەن بولغان مۇسابىقىسى كىيىنگە سۈرۈلگەن، ئالۋاستى  بىلەن بۈگۈن كەچتە ئوينايدۇ، ۋىگان بىلەن ئاستون ۋىللا دەرىجە ساقلاش ئۈچۈن جاننى تىكمىسە تىخى، مۇشۇلارنىڭ ئېچىدە خەۋىپ خەتىرى ئاز دىيىلسە ئىۋىرتون . چۈنكى ئىۋىرتوننىڭ 4 كە كىرىش مۇمكىنچىلىكى يوق دىيەرلىك، ھەر يىلقى نىشانى 6دىن 8 گىچە ھەم ئۇلار بۇ نىشانغىمۇ يەتتى .


يۆتكىلىش بارىزى خەۋەرلىرى توختىماي يىڭىلانماقتا . ھازىر ياۋرۇپادا قىززىق نوقتا نەچچە يىلدىن بۇيانقى نىيمار ئەمەس بەلكى لەيۋەندىروۋىسكى . 24 ياشلىق بۇ پولشالىق ھۇجۇمچى يىشىنىڭ كىچىكلىكىگە باقمىغان تەمكىنلىك، تىخنىكىسىنىڭ ھەر تەرەپلىمىكى جەھەتتە كۆزنى قاماشتۇرغاچقا ھەر قانداق بىر زەردارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى. بۇ نەگىلا بارسۇن چاقنىيالىشىدا گەپ يوق .

گۇتىز .  گو تازنىڭ تەلىپى بويىچە بايرىنغا قىتىلدى . تاكتىكىسىغا مىسسىدىن كىيىنكى ئەڭ مۇۋاپىق نامزاتمىش ، مەنچە بولسا بوي ئىگىزلىكى دەل چۈشتى . تونى كىروس قۇربانلىق بولىدىغان بولدى دە . ئەسلىدە رۇيىس بىلەن ئايرىۋەتمەسلىك كىرەك ئىدى، بايرىن بىلەن دورتموندتىن تەشكىل قىلىنغان گىزمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم ئۈنۈمدارلىقى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقان ۋاقىتتا بۇنىڭ بايرىنغا بىرىشىنى گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن ياخشىلىقتىن بىشارەت دەپ ئويلۇدۇم .

فالكاۋ .  بىر ھۇجۇمچى ئۆزىنىڭ پەۋقۇلاددە ئىپادىسى بىلەن قارشى كوماندىنى مەغلۇپ قىلالىسا شۇ كوماندا رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە مەستانىلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىنىشى ھەمدە ئوۋ نىشانىغا ئايلىنىشى تەبئى ئەھۋال . مىسال ئۈچۈن لەيۋەندىروۋىسكى . ئۇ ھازىر مادىرىتنىڭ نوقتىلىق ئوۋ نىشانى .  مىنىڭ بىلىشىمچە فالكاۋ چىلسىغا 3 توپ ئۇرالىغان 2- توپچى، ئەسلىدە بوئاس بورتودىن ئېلىپ كىلىشكە تىگىشلىك توپچى ئىدى ئەپسۇس مادىرىت ئاتلىتكا چاققان چىقىپ كەتتى . چېلسى بۇ سودىنى پۈتتۈرۈشتە مادىرىت ئاتلىتكىغا ئىجارىگە بىرىلگەن ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولاۋاتقان چىخنىڭ ئىزباسارىنى كوزۇر قىلماقچى . ئاتلىتكا يەنە بىر يىل ئىجارىغا ئېلىش تەكلىپىنى سۇنۇپتۇ . باشقىچە ئەھۋال يۇز بەرمىسىلا بۇ سودىمۇ پۈتۈش ئالدىدا .  باھاسى 48 مىليۇن بولىشى مۇمكىن .

يۇۋىنتۇس ئىبرايىمنى يۆتكەپ ئەكىلدىغانلا ئىش بولسا ناپولىدىكى كاۋانىنىڭ يۆتكىلىشى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرىشى مۇمكىن .
ئىزچىل توختام ئۇزارتىشنى كەينىگە سۈرۈپ كىلىۋاتقان خاۋى ئالونسۇ، يايا تورىمۇ قىززىق نوقتا .  خاۋى ئالونسۇ ئاستىرىتتىن شەپە بىرىۋاتسىمۇ لىۋىرپولنىڭ جىم يىتىۋالغىنى قىززىقتە، لىۋىرپول سۇيارىسنىمۇ تۇتۇپ قالالماسلىقى مۇمكىن، بۇ ۋەمپايىر 12 مەيدان چەكلەنگەننى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ يۆتكىلىشنى ئىلتىماس قىلمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ . يايا تورىغا كەلسەك بىز ئېلىۋالىدىغان بولساق، فالكاۋمۇ ، مورىنومۇ كەلسە قايسىڭ بار مەيدىمىزنى تىك تۇتۇپ تۇراقتۇقتە، كىلەر يىلى بۇ ۋاقىتتا 4 كۈچلۈككە كىرىشنىڭ غىمىدە ئەمەس 5.21 نى ساقلاپ ئولتۇراتتۇق

تېرېنىرلارغا كەلسەك ئەڭ قىززىق نوقتا مورىنخونىڭ كىيىنكى بىكىتى ۋە مادىرىتنىڭ يىڭى نىشانى .

بىنىتىزنىڭ بۇ پەسىل ئاياغلاشقاندىن كىيىن توختام مۇددىتى توشىدۇ، چېلسىمۇ تېرىنىرسىز قالىدۇ . ئابلا رومان مەستانىلەرنىڭ قارشىلىقىغا پىسەنت قىلىدىغان يۇمشاق باش ئەمەس، ناۋادا قارشىلىققا تىز پۈكۈدىغان ئىش بولسا ئەينى ۋاقىتتا مورىنونى ئىشتىن بوشاتمىغان، كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى يوغان قۇلاقنى ئالغان  دىماتىئونى ئىشتىن بوشاتمىغان شۇنداقلا مەستانىلەر ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان بىنىتىزنى ئىشقا قويمىغان بولاتتى . مورىنخونىڭ سىتانفۇرت كۆۋرۈكىگە قايتىپ كىلىشىدىكى مىش مىش پاراڭلارنىڭ ئايىغىنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى بەلكىم ئابلا روماننىڭ ئەينى ۋاقىتتا خاتا قىلغانلىقىنى ئىتىراپ قىلغانلىقى شۇنداقلا مورىنونىڭ تالانتىغا كۆز يۇممىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئەسلىدە ئابلا رومان گو تازنى ئەكىلىپ سەنئەتلىك پۇتبول ئوينايدىغان يىڭىچە چېلسىنى بەرپا قىلماقچى ئىدى، شۇنداقلا ماتا، ئوسكار، ئازار قاتارلىق تىخنىكىلىق ئوتتۇرا مەيدانلارنى يۆتكەپ ئەكىلىپ ئاساسمۇ سالغان، ئەمما گو تاز  قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چېلسىنى رەتكە سالىدىغانغا كۆزى يەتمىدىمۇ ياكى نەتىجى ناچار بوپ قالسا رەھىمسىزلەرچە ئىشتىن بوشىتىلىش خەۋپىگە دۇچار بولۇشتىن ئەنسىردىمۇ ئىشقىلىپ تەييار تاماق بايرىننى تاللىدى .
ئابلا روماننىڭ ئىچىگە كىرىپ چىقساق ئۇ ئالدىنقى يىلى ئالغان ئوزغانلىقتىن ئانچە بەك رازى ئەمەس، رازى بولغىنىدا موراتتىدەك ھاياجانلانغان، كۈلگەن بولاتتى ھەمدە كوماندىنىڭ نەتىجىسى قانچىلىك ناچار بوپ كەتسۇن دىماتىئونى ئىشتىن بوشاتمىغان ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرگەن بولاتتى .
ئۇنىڭغا 1گە1 ئىلىشىپ قارشى تەرەپنى غالىپلارچە مەغلۇپ قىلغاندىن كىيىنكى لوڭقا كىرەك . بۇنىڭغا ھازىرچە مورىنودىن باشقا مۇۋاپىق نامزات بولمىسا كىرەك . BRT دېيىشتىن بۇرۇن ئىنتىرنىڭ بارسا بىلەن تۇتۇشقان تۇنجى ئايلانمىدىكى 3:1 نەتىجىنى كۆز ئالدىڭىزغا ئەكىلىڭ، تىپىك بولغان مۇداپىيە قايتۇرما ھۇجۇم تاكتىكىسى . گەرچە بارسانىڭ توپ كونتىرولى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە بولسىمۇ . بايرىنغا ئومومى نەتىجىدە 7:0 بولغان مۇسابىقىدىمۇ بارسانىڭ توپ كونتىرولى يەنىلە ئۈستۈنلۈكتە . ئىككىنجى مەيداندا كەلسەك ئاپتوبۇس بىكىتىنى بۇسكىس سېلىپ بەردى .

شۇنداق ئىيتالايمەنكى ئابلا رومان بۇرۇنقى لوڭقا قوغلاشقۇچىدىن جەريان قوغلاشقۇچىغا ئايلاندى .


مورىنودىن كىيىنكى قىززىق نوقتا ئەنچىلوتتى، بىنىتىز، ئىنژىنىر، دىماتىئو . لىدىنكىناپ .
ئارسىنال مەستانىللىرى يىقىندا ۋىنگىرنى ئىشتىن چۈشۈش توغرىسىدا غەۋغا كۆتۈرگەن بولسىمۇ كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمى يەنىلا ۋىنگىرغا ئېشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى . سىر بەلكىم يەنە بىرەر يىل تۇرۇشى مۇمكىن، ئىچكى قاتلامدىن دورتموند تېرېنىرىنى سىرنىڭ ئىز باسارلىقىغا تاللاپتۇ . ئەنچىلوتتى بۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كىيىن پارىژدىن ئايرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىشارەت بەردى، بەلكىم كىيىنكى بىكىتى مادىرىت بولۇشى مۇمكىن . لىۋىرپول روجىزنى ئىشلىتىۋىرەمدۇ ياكى بىنىتىزنى ئەكىلەمدۇ بۇمۇ بىر قىززىق نوقتا .
قىزىل رەقەم پاتقىقىغا پىتىپ قالغان مالاگا كوماندىسىنى 8 كۈچلۈككە ئەكىرىشنى ئەلۋەتتە ئىنجىنىرنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ، بۇنىڭغا بىرەر زەردارنىڭ كۆزى چۈشمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ . دىماتىئومۇ خىلى ياخشى ئارام ئىلىۋالدى، بۇ يوغان قۇلاقلىق ئەپەندىنىڭ كىيىنكى بىكىتى گىرمانىيە بىرلەشمىسى بولۇشى مۇمكىن .
ئاللىقاچان دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن QPR كىيىنكى پەسىلدە مالىيە قىزىل رەقىمىنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن كوزۇر توپچىللىرىنى سىتىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى، بۇنداق ئەھۋالدا لىدىنكىناپمۇ تۇرمايدۇ .
يۇۋىنتۇس كونتىنى تۇتۇپ قىلىش ئۈچۈن توختامغا توختام بۇزۇش سوممىسىنى كىرگۈزۈپتۇ . كونتى ئۆتكەندە بايرىننىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغاندا ھۆرمىتىم قوزغالدى . ئەركەك دېگەن مۇشۇنداق بولىشى كىرەك . بۇ گۇيمۇ ئۆز ماكانىدا قالغىنى ياخشى .
ماجاتنىڭمۇ خەۋىرى بار ، تېلېفوندا غىل پاللا كۆرۈپ قالدىم . تەپسىلاتىدىن خەۋىرىم يوق .

__________________________________________________________________

قوشۇمچە ئورنىدا

نەچچە كۇندىن بۇيانقى مادىرت دورتموند تۇنجى ئۇچرىشىشىدىكى مۇلاھىزىلەردە مادىرت مەستانىسى بىر نوقتىنى تىلغا ئالمىدى .



گالاتا ساراي بىلەن ئوينالغان 2-ئايلانمىدا 17-نۇمۇرلۇق ئاربىئول رېپېرغا ھاقارەت قىلىپ قىزىل كارتىنى زورلاپ يەۋالمىغان بولسا يىڭىلا ساقايغان پىپىنىڭ مەيدانغا چىقىشى مۇمكىنمۇ . بەزىلەر مورىنو دورتموندنى كۆزگە ئىلماي مۇشۇ سەپ شەكلىنى ئىشلەتتى دېيىشتى . ئىسىڭلاردىمۇ ؟ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە مورىنو ناۋادا دورتمود شاللاش باسقوچىغا قەدەم قويسىلا ئۇلارنىڭ ئوزغانلىققا ئېرىشكۈدەك ئەمەلى كۈچى بار دېگەن . بۇ گەپنى قىلغان ئادەم ھەرگىزمۇ ئۇلارنى كۆزگە ئىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس . ئاۋۇ 17-نۇمۇر دېگەن سولتەكنىڭ كاللىسىغا سۇ كىرىپ كەتكەندىن كىيىن ئوڭ بىكنى ئوينايدىغانغا رامۇسنى ئوتتۇرىدىن ئوڭغا تارتقان . ئەلۋەتتە ئىسسىنى چىقارسىمۇ بولاتتى، دورتموند مەيدانىدا ھەرىلەرنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقى ئىنىق، شۇڭا ياشقا چوڭ ئىسسىنى ئويلاشمىغان . ئوزىلنى ئوڭغا تارتىش، مۇدىرىچنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەم تاكتىكىنىڭ بىر قىسمى . مۇدىرىچ تىپىك ھۇجۇمسىمان ئارقا بەل، بىسىلىپ قالغاندا ئارقىغا يانسا 3 ئارقا بەل بولىدۇ قايتۇرما ھۇقۇم ئوينىغاندا ئالدى بەللىك رولىنى ئۆتەيدۇ .
ئۆزىلنى ئوڭغا تارتسا كەينىدە رامۇس بولغاندىن كىيىن ئوزىلنىڭ مۇداپىئە ناچارلىقى بىلىنىپ كەتمەيدۇ ، ناۋادا ئوتتۇرىغا ئوزىلنى، يانغا دىمارىيانى چىقارغان بولسا ھەرىلەر ئوتتۇرا يولدىن قۇيۇندەك ئۆتۈپ كەتمىسۇن دەپ مۇداپىيەگە ياخشىراق مۇدىرىچنى چىقارسا بۇ سىرىق تۈك رەسمى سىرىقلارنىڭ ئالدىدا ساختا چىقىپ قالدى . بۇ سەپ شەكلىدىن مەلۇمكى مورىنو سىرىق ھەرىلەردىن ھەقىقەتەن ئىھتىيات قىلغان .
ئەپسۇس نەچچە يىللاردىن بىرى مادىرىتنىڭ تۆمۈر بىكى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان پى پالۋان سەۋەپلىك چوڭ نەتىجە كېلىپ چىقتى .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 تۆھپە +15 شۆھرەت +5 يىغىش سەۋەبى
tagderem + 50 + 5 + 5 قالتىس مۇلاھىزىلەر
bezlar + 50 + 10 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-5 16:48:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏يوۋۋۋۋۋۋ........ ماۋۇ ئادەممۇ بىر نېمە يازىدىكىن مۇنبەرگە ئۇنداق يوقاپ كەتمەي ئانچە - مۇنچە يوقلاپ تۇرۇڭلا مۇنبەرنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-5 16:48:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-5 16:51:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-5 16:52:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېلسى 34 مەيدان ئويناپ بولدى. چېلسىنىڭ كېيىنكى رەقىبلېرى بۈگۈن ئاخشامقى مانچىستېر ئاندىن  توتىنھام ئاندىن  ئاستۇن ۋېللا ئاندىن ئېۋىرتون شۇنىڭ بىلەن  38 مەيدان تۈگەيدۇ. ۋېگان بىلەن ئارسىنالنىڭ مۇسابقىسى بار. چېلسى بىلەن ئوينىمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-5 16:53:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭ ئېسسىن قاتارلىق ئەزالارنى چىقارماسقدىكى سەۋەپ ئالدىنى  مەيداندا يارلانغان ،كىيىنكى ئايلانمىغا ئۈلگۈرۈپ ئاران ساقايدى بۇ قارۋاي  ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-5 16:53:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-5 16:57:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرت يەتمىسۇن قەلەملەرگە ...

مۇنبەردە مۇشۇنداق تېما يازىدىغانلارنى بۇرۇن بارلىقىنى ئاڭلىغان ، ئەمما مەن ئەزا بولغاندىن بۇيان تۈزۈك كۆرمەپتىكەنمەن . قايتا بىر ئوقۇپ ئىنكاسنىڭ داۋامىنى يازاي ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-5 16:57:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا يوللىغان ۋاقتى  2013-5-5 16:53
فالكاۋنىڭ ۋاكالەتچىسىمۇ مىندىزكەنغۇ..مورىنيۇ چىلىسىغ ...

ئۇنداق دىگىنىڭلار بىلەن ئەنچىلوتىدىن مىراس قالغان توررېس بار تۇرسا ئۇ چاغدا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-5 17:00:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا يوللىغان ۋاقتى  2013-5-5 16:48
شەلىكلەر يايا بىلەن بىر ئاينىڭ ئالدىدا  توختام ئۇزارت ...

مانىڭدىن خەۋەرسىزكەنمەن .  كاساپەت، چېلسىغا كەلسە ئىككىنجى ماكىلەلەي بولىشىدا گەپ يوق ئىدى . ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۋىتەمدىكى دەيمەن، بوي دېسە بوي، تىخنىكا، بەدەن ھەممىسى با . كاللىسىمۇ ئوچۇق گۇيتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-5 17:01:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسىنالنىڭ كېيىنكى ئىككى رەقىبى ۋېىگان بىلەن نىيۇ كاستېل. ئىككىلىسى دەرىجە ساقلاش رايونىدا شۇڭا جىنىنى تېكىپ ئېلىشىدىغان كۇلۇبلار. توتىنھامنىڭ ئۈچ رەقىبى بولسا بىرى چېلسىنىڭ مەيدانىدا ئوينايدۇ. يەنە بىرى مۇداپىئەسى ياخشى سىتوك شەھىرى يەنە بىرى يىقىندىن دىكانىئونىڭ قوماندانلىقىدا روھلاندۇرۇش دورىسى يەۋالغاندەك كۈچلىنىپ كېتىۋاتقان دەرىجە ساقلاش رايونىدىكى  ساندىرلاند. شۇڭا چېلسى بولسۇن ئارسىنال بولسۇن كېيىنكى مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىلا ھايات-ماماتلىق كۈرەش.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-5 17:01:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق . م تەرەپلەردە بىرىنچى .ۋە ئىككىنچى ئورۇننىغا تالاش-تارتىش قىلشىپ يۇرسەك ماۋۇ ئىنگىلادنىڭ بەزى كۇلۇبلىرى توت كۇچلۇككە كىرىشنى تالشىپ كىتىپتۇ
دورتمونىت ياخشى ئوينىدى ، تۇنجى ئۇچۇرشىتا مورىنىيو ئەزالارنى ئىشلىتىشتە خاتالىق ئۆتكۇزدى ، بۇلۇپمۇ ئۇزىل ،،،، مۇدىرىچمۇ ئەدىلىكتىن كوماندىغا ماسلىشىشنى ئۇگۇنۇپتۇ ، ئامال قانچە ھەر قانچە مۇنازىرە قىلساقمۇ نەتىجە ئۆزگەرمەيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 09:35

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش