- تىزىملاتقان
- 2013-4-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 261
- نادىر
- 0
- يازما
- 261
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار ئاللاھ ھەممىڭلارنى سالامەت قىلسۇن ،يىڭى دوستۇڭلار ئەجەمجاندىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام
ئەزىز قىرىنداشلار مەن مۇنبەرگە يىڭى كىرگەن بولساممۇ پۇتبول مۇنبىرىنىڭ خىلى كونا مىھمىنى ، تورغاچىقىش پۇرسىتى بولسىلا كىرىپ تۇرىمەن ،
مەن ئالتە سائەتنىڭ ئالدىدا ھۇررا مۇنبىرىدە بىر خوش خەۋەر كۆرگەن ئىدىم ،ئەمما شۇندىن بىرى بىزنىڭ مۇنبەردە بۇھەقتە ھىچقانداق خەۋەر تىما يوق ، قىرىنداشلار بىلەن ئورتاقلاشساق دىگەن مەخسەتتە ، كۆچۇرۇپ يوللىدىم
مەملىكەتلىك u-15 بىرىنجى باسقۇچلۇق پۇتبول مۇسابىقىسى يېقىندا ۋۇخەندە باشلانغان بولۇپ ،بىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدلىرىمىزدىن بولغان شىنجاڭ u-15كوماندىسى ياش تىرىشچان تېرىنىىر دىلشات ئابدىرشىتنىڭ يىتەكچىلىكىدە (بۇرۇنىقى شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسىنىڭ كاپىتانى،شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ يېڭى دەۋر ۋەكىللىك توپچىسى )،تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە 1گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن چىڭداۋ جۇڭنىڭ u-15كوماندىسنى ،ئىككىنجى مەيدان مۇسابىقىدە 2گە قارشى 3نەتىجە بىلەن گۇاڭجۇۋ فۇلى كوماندىسىنى ،ئۈچىنجى مەيدان مۇسابىقىدە نەنجىڭ پۇتبولچىلار جەمئىيتى كوماندىسىنى 2گە قارشى 4 نەتىجە ،تۆتىنجى مەيدان مۇسابىقىدە داليەن ئاربىڭ كوماندىسى بىلەن 90مىنۇتتا 1-1 تەڭلىشىپ ،ئاخىرىدا نۇقتا توپ تىپىش ئارقىلىق 2گە قارشى 4تەتىجە بىلەن مۇسابىقە غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى .بەشىنجى مەيدان مۇسابىقىدە شىەنشى چۇەنيۈن (全运)كوماندىسىنى 1گە قاشى 4 نەتىجە بىلەن ،بۈگۈن ئەتىگەن خېبىي كوماندىسىنى 1گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ،6مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ،18نومۇر بىلەن گۇرۇپىدىن 1-بولۇ پ چىقىپ 6-ئايدىكى ھەل قىلغۇچ باسقۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىشس سالاھىيىتىگە ئېرىشتى !!!!!!!!!!!!!!!بىز بۇ كىچىك شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇندىن كىيىنى مەشىق ھەم مۇسابىقىلىرىگە ئۇتۇق ھەم ئوچۇق يول تىلەيمىىز ،سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز !
قەلبىمىزدە ئۈمۈت،ئەقلىمىزدە پۇتبول!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
|
|