- تىزىملاتقان
- 2012-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 403
- نادىر
- 1
- يازما
- 403
|
-----------------------------------
«مورىنىيو كوماندىسى» نىڭ ئاساسلىق غولى كوماندىدىن ئايرىلمايدۇ .
كاسىللاس ، دىئېگو لوپېز ، مارسېلو ، ۋارانې ، راموس ، ئالونسو ، ھېدرا ، ئۆزىل ، مودرىچ ، كرىستىئانو ھەم بېنزىماغا چېقىلىشقا بولمايدۇ .
كوماندا ئەزالىرىنى سېتىش پىلانى ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، ئۇلارنىڭ ئورنى مۇستەھكەم ، سېتىلمايدۇ ، ئۇلار رېئال مادرىدنىڭ 2013-2014 مۇسابىقە پەسلىدىكى غوللۇق ئەزاسى . ئۇلار : كاسىللاس ، دىئېگو لوپېز ، مارسېلو ، ۋارانې ، راموس ، ئالونسو ، ھېدرا ، ئۆزىل ، مودرىچ ، كرىستىئانو ۋە بېنزىما .
كۇلۇب يۇقارقى ئەزالارنى چۆرىدىگەن ئاساستا توپچى سېتىۋىلىپ ، يېڭى بىر غالىبىيەت قوشۇنى ياسايدۇ . ئاق رەڭلىك ئاسمان پەلەك بىنا ئۇلارنى ئاساسىي غول قىلىپ ياسىلىدۇ .
پىلان ناھايىتى ئاددىي ، ھەم مۇۋاپىق . يېڭى مەشقاۋۇل ئۇلارنىڭ ئويناش ئۇسۇلىنى بىكىتىدۇ ، لېكىن يەنىلا ماسلىشالايدىغان توپچىلارغا مۇھتاج . بۇ دەل لۇئىس ئاراگونېس ئېيتقان بىخەتەرلىك تونىلى .
ئاۋۋال جەزىملەشتۈرۈلگەن ئورۇن بولسا ئىككى ۋاراتار . ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت پايدىلىق . مورىنىيو ئايرىلغاندىن كېيىن ، بۇ دۇنياۋى ۋاراتار نەچچە ئايدىن بېرى ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كېلىۋاتقان دىئېگو لوپېز بىلەن رىقابەتلىشىدۇ .
راموس ۋە ۋارانې ، مۇداپىيە تۈۋرۈكى
بۇ ئىككى مۇداپىيە تۈۋرۈكى كەلگۈسى بىر قانچە يىلغىچە سېتىلمايدۇ . ۋارانې بۇ مۇسابىقە پەسلى تېز سۈرئەتتە پىشىپ يىتىلدى ، كۇلۇپ تەرەپتىن ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر بىك بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىغا تولۇق ئىشىنىدۇ ، ئۇ ئەزەلدىن ئايرىلىشنى ئويلاپ باقمىغان . راموس كەلگۈسىدىكى كاپىتان . بۇندىن سىرت مارسېلومۇ ئىنتايىن مۇھىم .
ئوتتۇرا مەيداندا ئالونسو ، ھېدرا ، مودرىچ ۋە ئۆزىل كوماندىدىن ئايرىلمايدۇ . ئالونسو فلورىنتىنو ئىككىنچى دەۋرىنىڭ تۇنجى يىلى كەلگەن . ھېدرا بولسا مورىنىيو قالدۇرۇپ كېتىدىغان تەۋەرۈك .
مودرىچ ۋە ئۆزىلنىڭ يىتىلىشى تېز بولىۋاتىدۇ ، بۇلار كەلگۈسىدە مادرىدنىڭ گۈزەل پۇتبولىنى يارىتىدۇ ، بۇ تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ . كرىستىئانو ۋە بېنزىمامۇ ھەم شۇنداق . گەرچە پورتۇگالنىڭ توختام ئۇزارتىش ئىشى تېخىچە پۈتمىگەن بولسىمۇ ، ھېچكىم رېئال مادرىدنىڭ ئون يىل بۇيانقى ئەڭ ياخشى توپچىنى قويۇۋىتىشىگە ئىشەنمەيدۇ . بېنزىمامۇ رەئىسنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ، ئۇمۇ كومادىدىن ئايرىلمايدۇ .
يەنە بەزى توپچىلار ئاساسىي جەھەتتىن كوماندىدىن ئايرىلمايدۇ ، لېكىن باھا قويۇلغان ئەھۋال ئاستىدا كېتىش ئېھتىمالى بار ، ئۇلار : ئالبىئول ، ئاربىلوئا ، كاللېخون ، موراتا ، ناچو .
---------------------------
مەنبە : ماركا گېزىتى |
|