- تىزىملاتقان
- 2008-11-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1615
- نادىر
- 0
- يازما
- 1615
|
bawdun يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 05:27 
بىچارا بارسلۇنانىڭ تېرىنىرى كېسەل كارتىۋىتىدىن دەس تۇ ...
گەپ دىگەننى ئويلاپراق قىلايلى. كاكا مادرىت ئۈچۈن توپ ئوينايدىغان چاغدا، ياردار دەپ ئۇرۇندۇق باقتى. لىكىن بىرازىليە ئۈچۈن ياردار ھالاتتە توپ ئوينىدى. شۇنداق قىلسمۇ بىرازىليە يەنىلا ھەل قىلغۇچقا كىرەلمىدى. شۇ ياردار ھالاتتە توپ ئوينىغاندىن كىينلا ئۇنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتى نابۇت بولدى ھازىرغىچە پۇت دەسسەپ تۇرالمايۋاتىدۇ. بەزىلەر بۇنى مورنيودىن كۆردى. لىكىن بۇنى كاكا ئۆزىدىن كۆرسە بۇلىدۇ. مېسسىنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. گەپنى پارىژ بىلەن بولغان مۇسابقىدىن باشلىساق، مېسسى توپنى ئۇرۇپ بۇلۇپلا پەقەتلا يۈگىرەلمىدى. چۈشۈپ كەتتى. ئىككىنچى ئۇچۇرشۇشتا ئامال بولماي چۈشتى بىر ھۇجۇم قىلدى توپ كىردى 15-20 مىنۇت مېڭىپلا ۋاقىت توشقۇزدى. بايرىن بىلەن بولغان 1.ئۇچۇرشىشتا چۈشتى، كۈچەپ باقتى ئامال يوق. دىمەك بۇ قېتىمقى يارلىنىش ئۇنداق ئاددي ئەمەس. نۇرغۇنلىغان ئىسىل پۇتبولچىلار يارلىنىش سەۋەبىدىن پۇتبولچىلىق ھاياتى نابۇت بولدى. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى ئوۋىن. بۇ ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق بۇ يىل بىلەن تۈگمەيدۇ، ھەر يىلى بار. مېسسى چۈشسە بۇلاتتى مەنمۇ شۇنى ئۈمۈت قىلغان. مەن مەيدانغا چۈشكەن ئاساسلىق ئەزالارغا قاراپلا مېسسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ چاتاقلىقىنى، مۇسابىقىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى جەزىملەپ بولغان. چۈشكىدەك يىرى بولسا چۇقۇم چۈشەتتى. بۇ مۇسابىقە بىرلەشمىگە ئوخشىمايدۇ. مۇنداقلا ئويناي دىسمۇ ئوينىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا بۇ مۇسابقىدە يارلىنىش كۆپرەك بۇلدۇ. يارلانغانلار ئۇنداق ئاسان ساقايمايدۇ. ئەگەر ئۇ چۇشۇپ يارلانسا شۇنىڭ بىلەن پۇتبولچىلىق ھاياتى نابۇت بولسا بۇنداق پۇتبولچىدىن نەچچە يىلدا بىرسى چىقا. مەن شەخىس مەستانىسى ئەمەس لىكىن، بارساغا مېسسى بولمىسا بولمايدۇ. بارسا بۇنى سېتۋەتسە ئەمدى بۇنداق پۇتبولچىنى تاپالىشى بەك تەس. (مېسسىمۇ ئۆزىنىڭ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرغا قويغان) شۇڭا مەنچە كۇلۇپ مەنپەتىنى ئويلاشقاندىمۇ مېسسىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە چۈشمەسلىكىنى مېسسىدىن كۆرۈپ بەك ئەيىپلەپ كىتشكە بولمايدۇ. نۇرغۇنلىغان سەۋەپلەر بارسانىڭ شاللىنشنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسلىسى ئىككەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئەگەر بۇنى چۇقۇم بىر ئادەمگە ئارتىشقا توغرا كەلسە بىلانوۋاغا ئارتىش كىرەك. مېسسىنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ دەپ قارايمەن. |
|