- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7078
- نادىر
- 16
- يازما
- 7078
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-3 13:30

بارسېلونا بىلەن بايرىن ئوتتۇرسىدىكى ياۋروپا ئۇزغانلىق يېرىم ھەل قىلغۇچتا مېسسى بىر مىنۇتمۇ مەيدانغا چىقماي زاپاس ئەزا قاتارىدا كوماندىسنىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغىنىنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆرۈپ ئولتۇردى .ئۇنداقتا بارسېلونانىڭ كوزۇر توپچىسى مېسسى مۇشۇنداق ھايات-ماماتلىق مۇسابىقىدە نېمىشقا مەيدانغا چىقمايدۇ ؟ بۇ پۈتۈن دۇنيا توپ مەستانىلىرى بىلىشكە تېگىشلىك قىزىق نۇقتا !
كاتالونىيە تېلېۋىزىيە قانىلى مۇسابىقە باشلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن بۇ توغىرسىدا خەۋەر بەرگەن ، يەنى ،مەشقاۋۇل بىلانوۋا مېسسى بىلەن سۆزلەشكەن .مېسسىنىڭ كەيپىياتى تازا ياخشى ئەمەس ،بىئارامسىزلىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەن .مېسسى ئالدىنقى كۈنىدىكى مەشىققە قاتناشقان .لېكىن ھالىتى ياخشى بولمىغان .بارسېلونادىكى كۆپلىگەن ماھىرلار ۋە بەدەن يىتەكچىسى مېسسىنىڭ مەيدانغا چىقماسلىقىنى تەشەببۇس قىلغان .چۈنكى ، مېسسى مۇشۇنداق چاغدا مەيدانغا چىقسا ئاسان يارلىنىدۇ دەپ قارىغان .مۇبادا بارسېلونادا ئازراق ئۈمىد تۇغۇلسا مېسسى ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە مىنۇتتا كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقماقچى بولغان .
بىراق موللېر ئۈچىنچى توپنى ئۇرغاندىن كېيىن بارسېلونا مېسسىنى چىقىرىشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەن .ئەمىلىيەتتىمۇ مېسسى بۇ نەتىجىنى ئۆزى يالغۇز ئۆزگەرتىشكە ھەقىقەتەن ئامالسىز .بارسېلونا مېسسىنى يەنە تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەيدانغا چىقىرىشنى خالىمايدۇ .« دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى » نىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە ،پارىژ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يارىلانغاندىن كېيىن ، مېسسى ھازىرغا قەدەر تولۇق % 100 ساقىيىپ بۇلالماپتۇ .شۇنداق قىلىپ مېسسىنىڭ ياۋروپا ئۇزغانلىقتا ئۇدا بەش قېتىم مەرگەن بولۇش نىشانى ئاخىرلاشتى .ئەمدى مېسسى كېيىنكى پەسىل قايتىدىن كېلىشى كېرەك !
 |
|