akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: ئەلقۇت

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى خەۋىرى ( 2013.05.02 )

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-5-2 04:58:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنڭچە بۇمۇسابىقلەر ياۋروپا پۇتبولچىلار جەمىيتى ئويلغاندەك بولدى ،ئەسلى (بەسەيلونا--مادىرىت)(بايرىن---دورتمىندو)چۇشسە ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-2 05:00:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-2 05:04  

مىسسىنىڭ مۇسابىقىگە ئاساس ئەزا بولاپ چۈشمەيدىغانلىقى 45 مىنۇت بۇرۇن بىلىنىپ بولدىغۇ .
تىزىملىكنى 45 مىنۇت بۇرۇن چىقارغان تۇرسا .

چۈشەندۈرگۈچىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىمىدىڭلارما .
بىر توپ يىگەندىكىنلام ، 45 مىنۇتمۇ قالمىغان ۋاقىتتا 5 توپ كىرگۈزۈش مۇمكىن بولمىغاچ مىسسى مەيدانغا چىقىشتىن ۋاز كەچتى .
ئامال  يوق  ئۇ مەيداندىكى  مەستانىلەرنىڭ  بېسىمىدا ، پىسخىكىسىنى كونتىرول قىلىپ جىدىيلەشمەي توپ  ئۇرالىشى ، شۇڭا ئىززەت ھۆرمىتىنى ساقلاپ  مەيدانغا  چۈشمەي مۇسابىقىنى چىرايلىق تۈگىتىۋەتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-2 05:05:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بايرىن مەستانىلىرى ۋىنبىلىدا قاتتىق توتۇشقىدەكمىزدە ئەمدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-2 05:07:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇبىن تاز  ئاران ئۈچ توپ ئۇردى .
2010- ئېنتىردىن ھېچكىم باھالىنالمىغاندەكلا ، بايرىندىنمۇ ھېچكىم باھالىنالمامدىكىن .
بۇ خۇددى 2006 دىكى ئىتالىيە  كوماندىسىدىكىدەكلا ئىش بولار بولدى .
شۇ ۋاقىتقۇ ئىپادىسى ياخشى دەپ كاناۋارونى پۇتبول ئەپەندىسى قىلغان .

ئەمدى بۇ يىل  كىملەرنى باھالاپ كىتە،  بىر قىزىق نۇقتا بولىدىغان بولدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-2 05:10:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بالىلار ئەمدى  مەن  دەيمەن خان مادرىد ياخشى ئوينىدىمۇ بارسىلونامۇ »مانا مۇشۇ  مەسلنى پۇتبولنى چۇشندىغان ھەرقانداق ئادەم .ئايرىيا لايدۇ .مادرىدبىزگە ھەقىقى بولغان بىرمەيدان مۇسابىقىنى سۇنغان ئىدى ئەپسۇس تەلەي بۇنىڭغا بوي سۇنمىدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-2 05:13:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشقا چوڭ ئەمما ئېغىزى بىزەپ كىشلەر خىلى باركەن مۇنبەردە  ،  پۇتبۇل ھەپتىلىكى دە خىلى ئېغىر بېسىق كۆرۈنگەن بولمىسا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-2 05:13:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپتۇ كىلەر پەسىل كورشەرمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-2 05:18:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئىككى ئايلانمىدا مۇللىر ھەمىدىن ئىپادىسى ياخشىكەن 100 تۇمور.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-2 05:19:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇز2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-2 07:25  

ھەر قانداق كوماندىنىڭ شۇنداق بىر كۆتۈرۈلۈپ چىقىدىغان ۋە شۇنداق غۇلاپ چۈشۈپ كېتىدىغان دەۋرى بار بولىدۇ، گەرچە ھازىر بارسىلونانىڭ غۇلاپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان دەۋرى دېگىلى بولمىسىمۇ ئەمما كۆتۈرۈلۈپ چىققان دەۋرىدىن ئۆتۈپ كەتتى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. ئاددىيسى ھەممىمىزگە ئېنىقراق بولۇپ كېلىۋاتقان ئىسپانىيە دېربىيسىنى ئېلىپ ئېيتساق بۇ يىلقى مادرىت بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىلىرىدىن قانچە مەيدان ئۇتقان قانچە مەيدان ئۇتتۇرغىنىنى ھەممىمىز بىلىمز، ئۇنىڭدىن باشقا بارسىلونانىڭ بىرلەشمىدىكى مۇسابىقىلىرىدە ئۇتۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان بىلەن، يېگەن توپ سانى بىر قەدەر كۆپ، ھازىرغىچە بولغان مۇسابىقىدە توپ يېمىگەن مەيدان سانى پەقەتلا ئالتە مەيدان. توپ يېگەن مەيدان قىېتىم سانى يەنىلا باشقا زەردار كۇلۇبلارغا قارىغاندا بىر قەدەر يۇقىرى ، قالغان 27 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە توپ يېدى دېگەن گەپ . بۇ بىرلەشمىدىكى سان-سىپىرلار گەرچە  بىرلەشمە ئىچىدىكى ئۇتۇشقا  تەسىر كۆرسەتمىگەن  ۋە بۇ مەيدان مۇسابىقە بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ئەمما بۇ سان-سىپىر بىر كوماندىنىڭ مۇداپىئەسىنىڭ قانداق بولۇپ قالغانلىقىنىڭ يارقىن ئىپادىسى بولالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن  پۇتبول دۇنياسىنى بىر مەزگىل تىترەتكەن بارسىلونانىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بۇرۇنقى ئەھۋالىغا سېلىشتۇرۇش تولىمۇ ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بىر ئوي-پىكىر بولۇپ قالدى دېسەك ھەرگىز خاتا بولمايدۇ.
بۈگۈنكى مۇسابىقىگە كەلسەك، ترېنىرنىڭ مېسسىينى زاپاس ئەزالار تىزىملىكىگە كىرگۈزىشىدىنلا بارسىلونانىڭ قانداق ئوينىماقچى بولغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.بۇ ھەرگىزمۇ مېسسىينىڭ يارىدار بولغانلىقىدىن ئەمەس، چۈنكى مېسسىي يارىدار ئەھۋالدىمۇ مەيدانغا خېلى كۆپ چىققان. بۇ قېتىم ئۇنىڭ زاپاس ئەزالار قېتىدا ئولتۇرۇپ قېلىش سەۋەبىنىڭ كۆپرەكى  تىرېنىرىنىڭ تاكتىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى،ئاۋال مۇداپىئەگە دىققەت قىلغان ئاساستا ھۇجۇمنى نورمال ئېلىپ بېرىش ، ئەگەر بارسىلونا بىرەر توپ كەتكۈمىگەن ھالەتتە بايرىنغا بىر ياكى ئىككى توپ ئۇرالىسا، مېسسىينى دەرھال مەيدانغا چىقىرىش، ئەگەر بىرەر توپ يەۋالسا، ئۇ ھالدا  مۇسابىقىدىن ۋاز كېچىپ  مېسسىينىڭ تېخى تولۇق ساقايمىغان يارىسىنى ۋە نام-ئاتىقىنى ئاياپ قېلىش.  
ئەپسۇس تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ، بارسىلونانىڭ  بۇ مۇسابىقىدىكى ھۇجۇملىرى بۇ پەسىلدە تولىمۇ مۇقىم ۋە مەزمۇت بولۇپ كەلگەن بايرىن ئارقا سېپى تەرىپىدىن رەت قىلىندى ،پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە نويىرغا ئەكىلەلىگەن خەتىرى تولىمۇ ئاز ۋە يوق دېيەرلىك بولدى.  ئاخىرىدا بارسىلونا ئۆزىنىڭ 1987-يىلىدىن بۇيانقى يەنە بىر قېتىملىق مېھمان-ساھىبخان شاللىنىپ  ئۇتتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئار-نومۇسلۇق نەتىجىنى كۈتىۋالدى.


تۈنۈگۈن مادرىت تەلەينىڭ كەملىكىدىن ۋە بىر نەچچە پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ سالغىنى تۈپەيلىدىن ئۇتتۇرغان بولسا، بۈگۈن بارسىلونا ئۆزىنىڭ مۇداپىئەسىنىڭ قالايمىقانلىقىدىن ۋە بايرىن ئالدىدىكى ئەمەلىي كۈچىنىڭ ھەقىقەتەن ئاجىزلىقىدىن ئۇتتۇرۇپ قويدى.  بۇ قېتىملىق چوڭ مەغلۇبىيەت بارسىلونا يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنى ئازدۇر-كۆپتۇر ئويغىتالىسا تولىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى.

قانداقلا بولمىسۇن ، مەن بىر مادرىت مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئىككى زەردارىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمىگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن. ئەگەر مادرىت بۇ قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرىپ ، لوڭقىنى ئالغان بولسا، مادرىتنىڭ ئونىنچى قېتىملىق لوڭقىنى قولىغا ئالغانلىقى بولۇپ ھېسابلىناتتى  بۇ يىلقى يوغان قۇلاقنى ئالسا يوغان قۇلاقنىڭ مودىل نۇسخىسىنى ئەمەس بەلكى ئەسلى نۇسخىسىنى ئۆز مۇزىيىغا تىزالىغان بولاتتى.  ئەگەر بارسىلونا كىرىپ چىمپىيون بولالىغان بولسا، بارسىلونانىڭمۇ بەشىنچى قېتىملىق ئېلىشى بولۇپ بارسىلونامۇ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىرنى مۇزىيىدا ساقلىيالىغان بولاتتى. ھەقىقەتەن ئەپسۇس...بۇ يىللىق يوغان قۇلاق دورتموندنىڭ  موزىيىدىكى ئىككىنچى مودىل لوڭقا ياكى باريىننىڭ مۇزىيىدىكى تۇنجى ھەقىقىي لوڭقا بولۇپ قالىدىغان بولدى.

خەير يوغان قۇلاق...بىز ئىسپانىيەدىكىلەر قايتتۇق. كېلەر يىلى قايتا كېلىمىز.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
پۇتبول + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-2 07:09:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگىمۇ بىركۇنلەر باردۇ للاھنىڭ ،بوپتۇ مەيلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-2 07:11:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
perfect
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-2 07:41:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋۋا مۇشۇنداق مۇھىم جەڭدىمۇ مىسسىنى سالمامدۇ دەيمە...ئۆز مەيدانىدا ئۇتۇپ شاللىنىپ كەتسە يەنە مەيلى ئەمەسمۇ..بارسىلونانى بارسىلونا قىلىۋاتقان پەقەت شۇ مىسسى تۇرسا..ئاۋۇ ۋىلانوۋا دىگەن پەقەتلا بىر ھەيكەل خالاس.ئۇنىڭدا تاكتىكا دىگەن نىمە قىلسۇن؟ئىچىم ھەجەم سىرىلدا؟بارسىلوناغا كاللىسى ئىشلەيدىغان تىرنىردىن بىرنى ئەكەلمىسە بولماپتۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 08:01

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش