- تىزىملاتقان
- 2012-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 984
- نادىر
- 2
- يازما
- 984
|
ۋاڭيى تورى خەۋىرى :
بارسىلونا بايرېنغا مېھمان مەيداندا 4 : 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرىۋېتىشى گەرچە كۆپلىگەن پۇتبول مەستانىلىرى نەزىرىدە ‹‹ ئاساسەن شاللىنىپ بولدى ›› دىگەن ئۇقۇمنى شەكىللەندۈرۈپ بولغان بولسىمۇ ، بىراق بارسىلونا سەركىسى مېسسى ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمىگەن ، شۇنداقلا تىرىشىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا بېرباخ رىقابەت كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مېسسى زاپاس ئەزا ئورنىدىن ئالمىشىپ مەيدانغا چىقىپ ، 10 مىنۇت ئىچىدە ئېسىل ئىپادىسى بىلەن چىرايلىق توپتىن بىرنى ئۇرۇپ بىر ياردەمچى پاس چىقارغان . لېكىن بۇ مەيداندا تەڭلىشىپ قالغان بولسىمۇ مېسسىنىڭ ئىپادىسىدىن ئۇنىڭ %100 ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە .
مېسسىنىڭ 3 ئادەمنى ئالداپ ئۇرۇۋەتكەن كۆرۇنىشىدىن شۇنى بىلىۋېلىششقا بولىدۇكى ، مېسسىنىڭ ئارىئاندىكى جانسىز ھالىتىدىن خوشلاشقانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ . ئىپادىسى ئەسلىگە كەلگەن مېسسى مېكرو بىلوگدا مۇنداق ئىپادە بىلدۈرگەن : ‹‹ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتتا غەلبىنىڭ قولىمىزدىن چىقىپ كەتكىنىگە ئەپسۇسلىنىمەن .( بىرلەشمىدىكى مۇسابىقىنى دېمەكچى ) . ئەمدى ئۇزغۇنلۇق غەلبىسى ئۈچۈن تەييارلىقنى باشلايمىز !! ››
مېسسىغا قارىتا ، بايرېن ئوتتۇرا بېكى دانتې : ‹‹ مېسسى دۇنيادىكى بىرىنچى ئورۇندىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى، ئۇنى مۇداپىيە قىلىشتا ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك . مەن مېسسىنىڭ %100 ئەسلىگە كەلگىنىنى ئۇقمىدىم ، لېكىن بىز چوقۇم پۇتۇن دېققىتىمىزنى يىغىشىمىز كېرەك ! ›› دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن .
|
|