- تىزىملاتقان
- 2011-10-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 450
- نادىر
- 0
- يازما
- 450
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zoklan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-30 17:13
نەچچە كۈن ئاۋالقى گىرمانىيە بىرلەشمىسىدە ، بەيرىن ئۆز مەيدانىدا1-0 نەتىجە بىلەن 弗赖堡 (ئۇيغۇرچە نىمە دەيدىغاندۇ ) كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ، دوتمورنىت كوماندىسى ساقلاپ كىلىۋاتقان گىرمان بىرلەشمىسىنىڭ تاق پەسىللىك بىرلەشمە نۇمۇرى رىكورتىنى يىڭىلىدى (ئەسلى رىكورت84 نۇمۇر). بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ، مۇداپىيە سېپىدىكى بوئاتېڭدىن باشقا ئاساسلىق ئەزالار دەم ئالغان شارائىتتا غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مەيداندا ئاساسلىق ئەزالارنى دەم ئالدۇرۇش چارشەنبە كۈنىدىكى بارسا بىلەن بولغان مۇسابىقە ئۈچۈن ئەلۋەتتە. بەيرىن باش تېرنىرى ھايكىنىس ، بارسا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، ئاساسلىق ئەزالارنى پۈتۈنلەي ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ، ئەزالارنىڭ كارتا يىغىلىش سەۋەبىدىن كىيىنىكى مۇسابىقىدىن توختىتىلىش خەۋىپىنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇزغانلىق يېرى ھەلقىلغۇچ تۇنجى ئۇچرىشىشدا ، بايرىن 4-0 نەتىجە بىلەن بارىلونانى مەغلۇپ قىلىپ ، بىر پۇتى ئاللىقاچان ۋىنبولى بوسۇغۇسىدىن ئاتلاپ بولدى. لېكىن بايرىن كوماندىسى، ئەزالار سېرىق كارتا يىغىلىش سەۋەبىدىن مۇسابىقىدىن توختاش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇلار : كاپىتان لام، شىۋىنىستايگېر ،دانتى ، مارتىنىس،گوستاۋۇ، گومىس .
لېكىن بايىرىن مەشقاۋۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : بارسىلونا كوماندىسى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا ، ئۇلارنىڭ ساھىپخان مەيداندىكى ئىپادىسى گەۋدىلىك ، گەرچە تۇنجى ئۇچرىشىشتا 4-0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان بولساقمۇ ، رەقىبىمىزنى بوش چاغلىمايمىز .تۇنجى ئۇچرىشىشتىكى ئىپادىمىزنى جارى قىلدۇرىمىز ، بولمىسا 4-0 نەتىجىمۇ بىخەتەر ئەمەس.
|
|