- تىزىملاتقان
- 2011-10-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 450
- نادىر
- 0
- يازما
- 450
|
مادرىت بىلەن دوتمورنىتنىڭ ئۇزغانلىق يېرىم ھەلقىلغۇچ 2-ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. 1-4 كەينىدە قالغان ئەھۋالدا مادرىت ئۆزمەيدانىدا دوتمورنىتنى شاللىيالامدۇ - يوق؟ بۇ بىرنابو مەيدانى ۋە مادرىت توپچىللىرىغا يۈكلەنگەن ناھايىتى قىيىن بولغان مەسىلە، لېكىن مۇمكىن بولمايدىغان مەسىلە ئەمەس . ئىسپانىيە ‹‹ تەنتەربىيە دۇنياسى گېزىتى›› مادرىتنىڭ دوتمورنىتنى شاللىشىدىكى 10 چوڭ ئامىلنى تىزىپ چىقتى .مادرىت بۇ10 نوقتىنى ياخشى ئورۇنلىيالىسا بۇ مومكىن بولمايدۇ دەپ قارالغان ۋەزىپىنى ئۇرۇنلىيالىشى مۇمكىن .
1.غەلبە قىلىش ئىشەنچىسى تۇرغۇزۇش .
دوتمورنىتنى شاللاشتەك بۇ قىيىن ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن چوقۇم قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىش كىرەك . ئەگەر ئىشەنچىنى يوقاتسا بۇ مۇمكىن بولمايدۇ ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزغانلىق تارىخىدا بۇنداق تەتۇر ئايلىنىشلار (逆转 ) بولغان.مادرىت ئەزالىرى ئىشەنچ بىلەن مەيداننى كونتىرول قىلالىسا رەقىبىنى شاللىيالايدۇ . چۇنكى بۇ مەيداندا 3-0 بىلەن گالاتا ساراينى ، 4-0 بىلەن توتتىنىھام يەڭگەن (شاللاش مۇسابىقىسىدە) .
2. بىرنابونىڭ بېسىمى .
مادرىت مەستانىللىرى مەڭگۈ ئۆز كوماندىسىنى قوللايدۇ ئەلۋەتتە. بولۇپمۇ كوماندىنىڭ ۋەزىيىتى يار لىۋىگە كەلگەندە ،بوناۋونىىڭ غايەت زور ھەيۋە بىلەن دوتمورنىتقا بېسىم قىلىشى مۇقەررەر . بوناۋودىكى قاينام تاشقىنلىق مادرىت ئەزالىرىغا كۈچ بىرىدۇ. مادرىت 12-ئەزانىڭ ياردىمىدە بۇ بىر مەيدان كاتتا غەلبىگە گۇۋاھ بولىدۇ. خۇددى ئالدىقى ھەپتىدىكى ۋىستىفالۇنغا ئوخشاش.
3. بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش.
ئەگەر بىر كوماندا زور بېسىم ئاستىدا مۇسابىقە ئويناپ كۆنۈپ كەتتى دىيىلسە ئۇ كوماندا شۈبىھسىز مادرىتتۇر. ھازىرقى زامان پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ ئەنئەنىۋى زەردار5 بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقە مادرىت ئۈچۈن بىر سىناق . خۇددى مۇرىنئو ئېيتقاندەك : ‹‹ مادرىتنىڭ ھەلقىلغۇچقا كىرەلمەسلىكى بىر مەغلۇبىيەت››. نۇرغۇن كىشىلەر دوتمورنىتنىڭ بىر پۇتى ۋىنبولى مەيدانىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ بولدى دەپ دەپ قاراۋاتىدۇ . لېكىن كىلوپ ھەر ۋاقىت بۇ ياش كوماندا ئەزالىرىغا مۇسابىقە يەنە 90 مىنوت بار ، مادرىتقا سەل قاراشقا بولمايدۇ دەپ ئەسكەرتىۋاتىدۇ.
4. ئەستايىدىللىق بىلەن ساۋاقنى قوبۇل قىلىش.
تۇنجى ئۇچرىشىشتا ، مادرىت مەيلى مۇداپىيە مەيلى ھۇجۇم جەھەتتىن بولسۇن ئىپادىسى ياخشى بولمىدى . گەرچە رونالدو بىر توپ كىرگۇزگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئومومى جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرالمىدى . پۇتۇن مۇسابىقە جەريانىدا مادرىتنىڭ تۇزۇك ھۇجۇم قىلالمىدى، مۇداپىيە سېپى لەيۋەندوۋىسكى تەرىپىدىن بىچىت قىلىندى، شۇڭا مادرىت ئەزالىرى تەجىربە ساۋاقنى يەكۈنلەپ تۇزۇتش ئېلىپ بېرىشى ، ھەمدە مالاگادىن ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك .
5. رونالدونىڭ ئىزچىل بولغان ئىپادىسى .
رونالدو ھازىر 12 توپ بىلەن ئۇزغۇنلۇق مەرگەنلەر رەت تەرتىۋىدە 1- ئورۇندا كىتىۋاتىدۇ . ئۇ بۇ پەسىللىك ئۇزغۇنلار شاللاش مۇسابىقىسىدە ئۇدا 5 مەيدان توپ ئۇردى. ئەڭ يېقىنقى 18 مەيدان ئۇزغۇنلار مۇسابىقىسىدە 21 توپ ئۇردى ، دوتمورنىت مەيدانىدا 1 توپ ئۇرۇپ كوماندىغا ئەڭ ئاىىرقى دوتمورنىتنى شاللاش ئۈمىدىنى قالدۇردى . بەزى تەرەپلەردىن ئېيتقاندا رونالدو مادرىت ئۈچۈن مورىنئودىنمۇ مۇھىم . ئەگەر رونالدو مۇسابىقە جەريانىدا ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرالىسا ، مادرىتنىڭ توپ كىرگۈزىشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ .
6. مۇداپىيەنىڭ مۇقۇملىقى .
مادرىت بوناۋودا 3 توپ ئۇرۇپ دوتمورنىتنى شاللىيالامدۇ؟ بەزىلەر بۇ تامامەن مۇمكىن دەپ قارىماقتا ، لېكىن يەنە بەزىلەر دوتمورنىت بوناۋودا توپ ئۇرىدۇ دەپ دەپ قاراۋاتىدۇ . ئەگەر دوتمورنىت 1 توپ ئۇرسا مادرىت 4 توپ ئۇرىشى كېرەك ، ئەگەر 2 نى ئۇرسا مادرىت ئاز بولغاندا 6 توپ قايتۇرىۋېلىشى كېرەك . بىراق بۇ پەسىل مادرىتنىڭ مۇداپىيە سېپىدىكى ئىپادىسى دېگەندەك ئەمەس، ھازىرغا قەدەر پەقەت گالاتا ساراي بىلەن بولغان مۇسابىقىدىلا توپ كەتكۈزمىگەن ، ئەڭ يېقىنقى 11 مەيدان مۇسابىقىدە ، 16 توپ كەتكۇزگەن ، شۇڭا دوتمورنىتنى شاللاش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال مۇداپىيەنى ياخشىلاپ توپ كەتكۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
7.مورىئونىڭ تەجىربىسى.
ھازىرغا قەدەر مورىنئو 7 قېتىم ئۇزغانلىق يېرىم ھەلقىلغۇچقا كىردى. 2قېتىم چىلسىدا، 3 قېتىم مادرىتتا، ئىنتىر ۋە پورتۇدا بىر قېتىمدىن . بۇ7 قېتىم ئىچىدە مورىئو2 قېتىم ھەلقىغۇچقا كىرگەن ۋە ئاخىرىدا چىمپىيون بولغان . ئۇزغانلىقنىڭ 4 كۈچلۈك مۇسابىقىسى بويىچە ئېيتقاندا ، مورىئو ھازىرقى پۇتبول ساھاسىدىكى ئەڭ تەجىربىلىك تېرىنىر ھىسابلىنىدۇ.بىراق كىلوپ بولسا تۇنجى قېتىم ئۇزغانلىق يېرىم ھەلقىلغۇچقا كىرگەن بولوپ ، ئەگەر مورىنئو مۇشۇ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ، تىرىنىرلار رىقابىتىدە كىلوپتىن ئۈستۈن تۇرالىسا ، باشقا ئىشلار ئاسانغا توختىشى مۇمكىن.
8. تارىخى ئامىل .
ھازىرغا قەدەر مادرىت 24 قېتىم ئۇزغانلىق يېرىم ھەلقىلغۇچقا كىرگەن بولۇپ ، 2-ئورۇندىكى بايرىن مىيونخىن كوماندىسىدىن 9 قېتىم كۆپ. ئۇلارنىڭ رەقىبى دوتمورنىت بولسا پەقەت3 قېتىملا 4 كۈچلۈككە كىرگەن. مادرىت 2 ئۇچرىشىش شاللاش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلغاندىن تارتىپ 22 قېتىم ئاۋال ئۇتتۇرغان شارائىتتا رەقىبىنى ئوڭۇشلۇق شاللىغان . 1975-1976 - يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ، مادرىت تۇنجى ئۇچرىشىشتا ، ئوخشاشلا 1-4 نەتىجە بىلەن 德比郡 گە ئۇتتۇرغان، 2-ئۇچرىشىشتا بوناۋۇ مەيدانىدا 5-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلغان . 1985- يىلىدىكىئىتتىپاق لوڭقىسىدا ، تۇنجى ئۇچرىشىشتا 1-5 نەتىجە بىلەن مىنشىنگىلاندىباخ كوماندىسىغا ئۇتتۇرغان، 2- ئۇچرىشىشتا 4-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلغان .
9.دوتمورنىتقا تەشەببۇسكارلىقنى بەرمەسلىك .
تۇنجى ئۇچرىشىشتىكى ئېچىنىشلىق ساۋاق ، دوتمورنىتقا مەيداندىكى تەشەببۇسكارلىقنى تارتقۇزۇپ قويۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك . تۇنجى ئۇچرىشىشتا مادرىت پۇتۇنلەي قارشى تەرەپ تەرىپىدىن تىزگىنلىنىۋېلىندى ، ئۆزىل ، ئالونسو، قىدرادىن تەركىپ تاپقان ئوتتۇرا مەيداننىڭ رولى بولمىدى ، ئۇلار دوتمورنىت ئەزالىرى تەرىپىدىن تىزگىللىنىلدى. ئەگەر لوپىزنىڭ بىر نەچچە قىتىملىق قۇتقۇزۇشلىرى بولمىغان بولسا مادرىت تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرغان بولاتتى. ئەمدى بوناۋودا مادرىت چوقۇم مەيداننى تىزگىنلەش ئامالىنى تېپىشى كېرەك. بونىڭدىكى ھالقىلىق شەخىسلەر ئالونسو بىلەن ئۆزىل . بەزى خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە دىمارىيا بۇ مۇسابىقىدە ، ئاساسلىق بولۇپ چۇشىدىكەن ، بونداق بولغاندا ئۆزىل ئۆزىگە تۇنۇش بولغان ئوتتورا يولغا قايتىپ كىلىدۇ. (ئۆزىل تونجى ئۇچرىشىشتا يان يولدا ئوينىغان ) .
10.راكىرونىيا روھى ۋە ئىلھامى.
بۇ ئىسپانىيە پۇتبول تارىخىدىكى كاتتا تەتۈر ئايلىنىشلارنىڭ (逆转 ) بىرى . 2003-2004 -يىللىق ئۇزغانلار لوڭقىسى8 كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە، راكىرونىيا مىھمان مەيداندا 1-4 نەتىجە بىلەن كاكا، شىپىچىنكو باشچىلىقىدىكى مىلان كوماندىسىغا ئۇتتۇرغان.نۇرغۇن كىشىلەر مىلان 4 كۈچلۈككە كىرىپ بولدى دەپ قارىغان ئەھۋالدا، راكىرونىيا ئكز مەيدانىدا 4-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭگەن.مادرىت بىلەن دوتمورنىت ئوتتۇرۇسىدىكى پەرق ھەرگىزمۇ ئەينى دەۋىردىكى راكىرونىيا، مىلەن ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقتىن چوڭ ئەمەس، راكىرونىيا كوماندىسى قىلالىغاننى نىمىشقا مادرىت قىلالمىغۇدەك ؟
بۇ تىمام ئارقىلىق مادرىتنىڭ غەلبىسىنى تىلەيمەن . ئالغا مادرىت، غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ . (سېرىق ھەرە ئۈزۈندىللىرىدىن، ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش دەمدۇق بۇنى؟ )
|
|