- تىزىملاتقان
- 2013-2-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 336
- نادىر
- 0
- يازما
- 336
|
ياۋروپادىكى كۇلۇبلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ كۇلۇب گېربىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشى بار بولۇپ، تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك تارىخى ھېكايىلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.
1. قالقاننى ئاساسى گەۋدە قىلغان، قەدىمى شەكىلدىكى باشقا بەلگىلەر چۈشۈرۈلگەن تۈردىكىلەر؛ بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن يوللۇق بەلگىلەر ياۋروپا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھەربى قورال ياراقلار شۇنداقلا ھەربى ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان. كىيىنچە دۇنيا تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بۇ بەلگىلەرمۇ بارغانسىرى مۇرەككەپلىشىپ بارغان. ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت گېربى ۋە شەھەر گېربى مۇشۇ بەلگىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كۇلۇبلارنىڭ گېربىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئەلۋەتتە...
ئارسېنالنىڭ كۇلۇب گېربى بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى، ناھايىتى ئاددى، زەمبىرەك بولسا كولۇبنىڭ ئەسلى مەنبەسى Woolwich قورال ياراق زاۋۇتىغا سىمۋول قىلىنغان.
لېۋىرپولنىڭ كوماندا گېربى، قالقان ئوتتۇرسىدىكى قۇش بولسا لىۋىرپول شەھىرىنىڭ خاس بەلگىسى، ئۈستىدىكى گۈللۈك سىزىقچىلار بولسا مۇسابىقە مەيدانىنىڭ 香克利 چوڭ دەرۋازىسىدىن ئىبارەت. ئوتتۇرسىدىكى ئىككى ئېللىپىس شەكىلىنىڭ ئىچىگە قارىساق، سول تەرەپتىكى كىسىشكەن ئىككى سىزىقچە ئەمەلىيەتتە شوتلاندىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى، ئوڭ تەرەپتىكىسىگە بولسا بىر گۈل چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ گۈل شوتلاندىيەنىڭ دۆلەت گۈلى ( خوخا تىكەننىڭ گۈلى) ھىسابلىنىدۇ. بۇ لىۋېرپول بىلەن شوتلاندىيەنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، چۈنكى لىۋېرپول كوماندىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك شوتلاندىيەلىك ئىدى. ئىككى تەرەپتىكى ئىككى پارچە ئوت بولسا ئىككى قېتىملىق قانلىق پاجىئەنىڭ ئەسلىمىسى سۈپىتىدە چۈشۈرۈلگەن. ( بۇ ئىككى قېتىملىق قانلىق پاجىئە توغرىسىدا ئايرىم چۈشەنچە بىرىلمىگەن، بىلىدىغانلار ئىنكاس شەكلىدە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتسەڭلار).
مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندا گېربىنىڭ ئوتتۇرسىغىمۇ قالقان شەكلى چۈشۈرۈلگەن، ئىككى تەرەپكە بولسا ئىككى تال قەدىمى شەكىلدىكى پۇتبولنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، گېربنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى قىسمىغا پۆپۈك چىقىرىلغان. قالقاننىڭ ئاستى قىسمىغا شەيتاننىڭ ئارا كۆتۈرۈۋالغان رەسىمى چۈشۈرۈلگەن، ئۈستى قىسمىغا يەلكەنلىك كېمىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ ، ئۇ مانچىستىر شەھىرىدىكى مانچىستىر دەرياسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مانچىستىر سانائەت شەھىرى بولۇپ، ئەسلىدە ئىنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسى لىۋىرپول پورتى ئارقىلىق توشۇپ كىلىنەتتى، لېكىن لېۋىرپولدا كىشىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ۋە باج ھەقلەرنىڭ يۇقىرى بولىشى سەۋەپلىك مانچىستىر دەرياسى پورتى ياساپ چىقىلغان ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى شەھەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ تەدرىجى سۇسلاشقان.
بارسلونانىڭ كوماندا گېربى توغرىسىدا مۇنداق قىزىقارلىق ھېكايە بار، ئەينى ۋاقىتتا كوماندا گېربىنى لاھىيىلىگۈچى بىر قازان سودىگىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاچقا، كوماندا گېربىنىڭ ئاساسى شەكلى بولغان قالقان شەكىلنى ئەتەي قازان شەكىلدە سىزغان. سول ئۈستى تەرەپتىكى قىزىل كېرىسىت بەلگە بولسا شەھەرنىڭ قوغدىغۇچى ئىلاھى گېئورگىغا سىمۋول قىلىنغان، ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى بولسا كاتالونىيە رايۇنىنىڭ رايۇن بايرىقى، ئاستى تەرەپتىكى بولسا كوماندىنىڭ ئاساسلىق رەڭلىرى ۋە قەدىمى دەۋىردىكى پۇتبولنىڭ سۈرىتىدىن ئىبارەت.
لىئون كوماندىسىنىڭ گېربىمۇ قالقان شەكىلدە بولۇپ،OL بولسا كوماندا ئىسمىنىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى، شىر بەلكىم شەھەر تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن.
ئادەتتە قالقاننىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۈستى تۈز، ئاستى ئۇچلۇق شەكىلدە بولىدۇ. لېكىن .ئىتالىيەنىڭ قالقانلىرى تېخىمۇ ئالاھىدىرەك. مەسىلەن ئىتالىيەدىكى داڭلىق رەقىبلەردىن يۇۋىنتىس بىلەن مىلەن. ھەر ئىككىسى ئېللىپىس شەكىلدىكى قالقانلار..
2. چەمبەرنى ئاساسى شەكىل قىلغان، باشقا رەسىملىك شەكىللەر بىرىكتۈرۈلگەن تۈردىكىلەر
ئادەتتە كوماندا گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۈرلۈك رەسىملىك شەكىللەر چۈشۈرۈلگەن، چەمبەرنىڭ سىرتقى قىسمىغا ھەرخىل يېزىق( كوماندا نامى، قۇرۇلغان ۋاقتى دىگەندەك) لار چۈشۈرۈلگەن.
مەسىلەن بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىنىڭ گېربىمۇ دەل ئاشۇنداق؛ ئوتتۇرىدىكى كۆك ۋە ئاق رەڭ بىرىكىپ كەلگەن رومبا شەكلى بولسا باۋارىيە رايۇنىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قەدىمقى باۋارىيە پادىشاھلىقىدىن ھازىرقى بايرىن شىتاتىغىچە بولغان ئارلىقتا گېرب ۋە بايراقلانىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىل شەكىلدە بولغان. ئۇندىن باشقا گېرمانىيە مىيۇنخىن شەھىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان باۋما ئاپتۇموبىلىنىڭ بەلگىسىمۇ مۇشۇ خىل شەكىلنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان شەكلىدىن ئىبارەت.
چېلسىنىڭ گېربىمۇ مۇشۇ خىل شەكىلدە لاھىيەلەنگەن بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا ھوقۇققا سىمۋول قىلىنغان ھاسىنى كۆتۈرۈۋالغان شىرنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. شىرنىڭ چۈشۈرىلىشىدىكى سەۋەپ ئىنگىلادلىقلارنىڭ شىرنى بىرقەدەر ياخشى كۆرىشىدىن بولىشى مۇمكىن.
كېلىتلىقلارنىڭمۇ مۇشۇ شەكىلدە لاھىيەلەنگەن؛ ئوتتۇرىدىكى يېشىل ئۈچقۇلاق( گېربقا بىر قۇلاق ئارتۇق سىزىلغان) ئوت بولسا كېلىت مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بەلگىسى بولۇپ، بۇ بەلگە شۇ يەرلىك دىن تارقاتقۇچى ئىلاھ پاترىكنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن قوللىنىلغان، ئەينى ۋاقىتتا پاترىك ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە شۇ يەردە ئۆسىدىغان « ئۈچقۇلاق» ئوتنى مىسال قىلىپ« ئۈچ ئادەم مۇكەممەل بىر گەۋدە» (三位一体(دىگەن دىنىي ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان.
پارىژ سانت ھېرمان كوماندىسىنى مىسالغا ئالساق، ئېففىل تۆمۈر مۇنارى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئاستىغا بىر بوۋاقلار ھارۋىسى قۇيۇلغان بولۇپ، بۇ بەلگىلەر پارىژ شەھىرى ھېرمان رايۇنىنىڭ بەلگىسى. بۇ رايۇندا داڭلىق بىر مۇناستىر بار بولۇپ بۇ مۇناستىرنىڭ ئىچىگە داڭلىق بىر يەسلى جايلاشقان.
3. ھەرپلەر بىرىكىپ كەلگەن شەكىل تۈرىدىكىلەر
ئېنتىر مىلاننىڭ كوماندا گېربىمۇ تىپىك ھەرپلەرنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن. يەنى IMFC دىگەن تۆت ھەرپنىڭ بىرىكىشىدىن ،ۋە كوماندىنىڭ ئاساسلىق رەڭلىرىدىن تەركىب تاپقان.
يەنە خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىمۇ بار؛ ئۈستىدىكى خانتاج ۋە كوماندا نامىدىكى REAL دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى خان جەمەتىدىكىلەر تارتۇقلاش يۈزىسىدىن قوللىنىشقا رۇخسەت قىلىنغان( قارىغاندا ئىسپانىيەدە خانتاجنى خالىغانچە باسما بۇيۇملاردا قوللىنىشقا بولمايدىغان ئوخشايدۇ). كۆك رەڭلىك يانتۇ بەلباغ بولسا كوماندىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى كىيىمىنىڭ رەڭگىدىن ئىبارەت.
مارسېل كوماندىسىنىڭ گېربى پۈتۈنلەي ھەرپتىن تۈزۈلگەن. OM بولسا كوماندىنىڭ تۇلۇق نامى Olympique de Marseille نىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشىدىن ئىبارەت.
4. بىرلا تاق شەكىلدىن تۈزۈلگەن تۈردىكىلەر
مەسىلەن؛ توتتىنخام رېس كوماندىسىنىڭ گېربى، گېربقا كوماندىنىڭ تەلەي قۇشى ( قۇت بەلگىسى) قەدىمى شەكىلدىكى بىر پۇتبولغا قونۇۋالغان سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن. كوماندا نامى Hotspur بولسا يەرلىك داڭلىق ئوپىرا ئارتىسىنىڭ نامدىن كەلگەن.
ئىلگىرى ئىككى قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن诺丁汉كوماندىسى( تەرجىمە قىلالمىدىم) نىڭ گېربىغا بىر تۈپ دەرەخ ۋە دەريانىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. دەرەخ بولسا شۇ يەردىكى داڭلىق ئورمانلىقققا سىمۋول قىلىنغان. داڭلىق ئوغرى روبىنسون ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇ ئورمانلىقتا پاناھلانغانىكەن.
5. قوللىغۇچىلىرىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئاساسى شەكىل قىلغان تۈردىكىلەر
مەسىلەن لېۋېركۇسىن كوماندىسى، كوماندا گېربىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولسا بايىر دورا زاۋۇتىنىڭ تاۋار ماركىسىدىن ئىبارەت. چۈنكى بۇ كوماندىنى دەسلەپتە مۇشۇ زاۋۇتنىڭ خىزمەتچىلىرى قۇرۇپ چىققان.
فىرانسىيە ئا بىرلەشمىدىكى索肖队 ( تەرجىمە قىلالمىدىم) كوماندىسىنىڭ گېربىنىڭ ئاساسى شەكلى قالقان شەكلىدە بولسىمۇ، ئوتتۇرا قىسمىغا بىر شىرنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. (يەنى داڭلىق بىياۋجى ئاپتۇموبىلىنىڭ تاۋار ماركىسى). چۈنكى بۇكوماندانىڭ خوجايىنى دەل بىياۋجى ئاپتۇموبىل شىركىتىنىڭ خوجايىنى شۇ..
6. بايراق تۈرىدىكىلەر
بەزى كۇلۇبلار كوماندا بايرىقىنى ياكى شەھەر ھەتتا دۆلەت بايرىقىنى كوماندا گېربى قىلغانلارمۇ بار.
مەسىلەن: گېرمانىيە ئا بىرلەشمىدىكى ھامبۇرگ كوماندىسى.
گوللاندىيە ئا بىرلەشمىسىدىكى ئېينخوۋىن.
ئىسپانىيە ئا بىرلەشمىسىدىكى لاكرونىيە قاتارلىقلار.
شۇنىڭ بىلەن تىمام مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى، خەنچە سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا تەرجىمە قىلىش داۋامىدا خاتالىقلار كۆرۈلگەن بولىشى مۇمكىن ئەلۋەتتە، كۆپچىلىكنىڭ ئەيىپكە بۇيرىماي تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كەم قالغان تەرەپلەر بولسا تولۇقلاپ قويارسىلەر
|
|