- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7052
- نادىر
- 16
- يازما
- 7052
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-29 21:03

4-ئاينىڭ 29-كۈنى ۋاڭيى تەنتەربىيىسى خەۋىرى : بارسېلونا 0: 4 بايرىن مىيونخنغا ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ،دۇنيادىكى كۆپلىگەن پۇتبول مەستانىلىرى ،ئەمدى بارسېلونانىڭ شاللىنىشى ئېنىق بولۇپ قالدى دەپ قارىغان بولسىمۇ ، بىراق بۈگۈنكى « ماركا گېزىتى » نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە ،« كىچىك بۈرگە » مېسسى ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ .مېسسىنىڭ قارىشىدا ، كېيىنكى ئايلانمىدا تىرىشىپ نۇمۇرنى ئاشۇرغىلى بۇلىدىكەن .ئالدىنقى ئايلانما بېلباۋ ئاتلېتكا كوماندىسى بىلەن بولغان بىرلەشمە مۇسابىقىدە ،مېسسى زاپاس ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقىپ ،پەقەت 10 مىنۇتنىڭ ئىچىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ ،بىر پاس بەرگەن .( مېسسى بۇ توپنى قارشى تەرەپنىڭ ئۈچ نەپەر ئەزاسىدىن ئالداپ ئۆتۈپ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزۋەتكەن ) يەنى ،مېسسىنىڭ مەيدانغا چىقىشى بارسېلونانى بىراقلا جانلاندۇرىۋەتكەن .
مېسسى بايرىن بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ،يارىسى تولۇق ساقىيىپ بۇلالمىغان ئەھۋال ئاستىدىنمۇ يەنىلا مۇسابىقە ئوينىغان بولغاچقا ئىپادىسى كۈرۈنەرلىك بولمىغان .ھازىر مېسسىنىڭ يارىسى تولۇق ئەسىگە كەلگەن .خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە ،مېسسى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۆز مىكرو بىلۇگدا خۇددى كىرىستىئانو رونالدوغا ئوخشاشلا مۇنداق بىر شۇئارنى ئوتتۇرغا قويغان .« ناھايىتى ئەپسۇس ! ئاخىرقى ۋاقىتلاردا غەلىبە قولدىن چىقىپ كەتتى .ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق باشلاندى .بايرىننى چوقۇم ئاغدۇرۋېتىشىمىز كېرەك ! »
 |
|