- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3394
- نادىر
- 5
- يازما
- 3394
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-28 09:00
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
2012-2013-يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى 31 - ئايلانما مۇسابىقىسى 27 - چىسلا سائەت 19:30 دە باشلاندى ! ( شىنجاڭ ۋاقتى . گىرمانىيە ۋاقتى 13:30 دە ) نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :
دولسىندوروف 1 - 2 دورتمۇند
دورتمۇند كوماندىسى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسىدە غەلبە قازانغاندىن كىيىن بىرلەشمە مۇسابىقسىگە تۇتۇش قىلىپ بۈگۈن سائەت 22:30 دە ( شىنجاڭ ۋاقتى ) مىھمان مەيداندا دولسىندوروف كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ...
دولسىندوروف كوماندىسى بۇ پەسىل دەرىجە ئۆرلىگەن بولۇپ ئىپادىسى ياخشى كىتىپ بارغان كوماندا ئىدى ! مۇسابىقە باشلىنىپ مۇسابىقە كەسكىنلىشىپ كەتتى ...
دورتمۇند كوماندىسى ئاساسى جەھەتتىن زاپاس ئەزالارنى مەيدانغا چىقىرىپ ، ئاساسلىق ئەزالارنى ئۇزغۇنلۇق ئۈچۈن ئارام ئالدۇردى ! مۇسابىقە باشلىنىپ 20 مىنۇت بولغاندا شاھىن بىر توپ ئۇردى ... كىيىنكى مەيدان 70 مىنۇت بولغاندا كۇبا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى مۇقىملىدى ... قارشى تەرەپ 88 مىنۇت بولغاندا بىر توپ قايتۇرۋالدى ...شۇنىڭ بىلەن دورتمۇند كوماندىسى مىھمان مەيداندا 3 نۇمۇرنى ئىلىپ قايتتى !...
بەيرىن 1 - 0 فىرىنبۇرگ
بەيرىن كوماندىسى ئۆزمەيدانى ئارىياندا فىرۇنبۇرگ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، نەتىجىدە بەيرىن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا شاچىرىنىڭ 35 مىنۇت بولغاندا ئۇرغان توپى بىلەن غەلبە قىلدى ...
لىۋىرىكسۇن 1 - 0 بىرمىن
گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈكلەر ئۇچۇرشىشى بولدى ! لىۋىرىكسۇن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا بىرمىن كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، نەتىجىدە لىۋىرىكسۇن كوماندىسىنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن غەلبە قىلىپ 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ... مۇسابىقىدە 35 مىنۇت بولغاندا جسىلىڭ بىر توپ ئۇرۇپ مەرگەنلىك ئورنىنى تالشىپ ماڭماقتا ...
ۋولسىنبۇرگ 3 - 1 مىنشىنگىلادباخ
بۆرە قەلئەسى كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا مىنشىنگىلادباخ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ! ۋولسۇنبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا رەقىبىنى 3 - 1 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ! مۇسابىقىدە ئوۋلىۋىچ ، دىگولار بىردىن توپ ئۇردى ...
ئاگسۇنبۇرگ 3 - 0 سىتۇگارت
گىرمانىيە بىرلەشمىسدىن دەرىجىسى چۈشۈپ كىتىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولغان بىرلەشمىنىڭ 18 - ئورۇندا تۇرىدىغان ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا كۈچلۈك سىتۇگارت كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ... ئويلىمىغان يەردىن ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا سىتۇگارت كوماندىسنى 3 - 0 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ...
خوفىنھام 2 - 1 نىرۇنبۇرگ
دەرىجىسى چۈشۈپ كىتىش گىردابىغا بىرىپ قالغان خوفىنھام كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا نىرۇنبۇرگ كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ...
فارت 2 - 3 ھانۋېر96
ھانۋېر96 كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا دەرىجىسى چۈشۈپ كىتىش ئالدىدا تۇرغان فارت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، نەتىجىدە ھانۋېر96 كوماندىسى ياخشى ئىپادىسى بىلەن فارت كوماندىسىدىن 3 نۇمۇرنى تارتىۋىلدى ...
28 - چىسلا ئوينىلىدىغان مۇسابىقىلەر :
مايىنىز - فىرانكفۇرت
شارىك04 - ھامبۇرگ
مۇسابىقە فىلىمى تەھىرلىنىدۇ ...
|
|