- تىزىملاتقان
- 2013-3-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 313
- نادىر
- 0
- يازما
- 313
|
ئىسىم فامىلىسى:جوس مارىيو دوس سانتوس مورىنيو فېلىكىس
لەقىمى:تەلۋە
دۆلەت تەۋەلىكى:پورتۇگالىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى:1963-يىلى1-ئاينىڭ26-كۈنى
قولغا كەلتۈرگەن ئاساسلىق نەتىجىلىرى:2004-يىلى پورتۇنى يىتەكلەپ پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى،ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى.
2005-2006-يىللىرى چېلسىينى يىتەكلەپ ئۇدا ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى.
2009-يىلى ئېنتىر مىلاننى يىتەكلەپ ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە چىمپىيونى،دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسى چىمپىيونى،2010-يىلى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە چىمپىيونى ،ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى.
2010-يىلى خەلقارا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئەڭ مۇنەۋۋەر تېرىنىر مۇكاپاتى.
2012-يىلى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى.....
پۇتبولنى چۈشىنىدىغان ھەربىر ئوت يۈرەك مەستانىنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان شۇ كوماندىنىڭ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى كۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق لەززەت بولمىسا كېرەك .ئەلۋەتتە،شۇ كوماندىنىڭ غەلبىلەرگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ۋاراتارنى ياخشى بېقىپ توپ كەتكۈزمەيۋاتقان،مۇداپىئە سېپىدە پولاتتەك تۇرىۋاتقان،ئوتتۇرا مەيداننى ئۆتكۈر كاللىسى بىلەن كونتىرول قىلىپ تۇرىۋاتقان ھەمدە قارشى تەرەپكە شىددەتلىك ھۇجۇملارنى قىلىپ كوماندا ئۈچۈن قىممەتلىك نۇمۇرلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان شۇ پۇتبولچىلارنى ماختىماي سۆيۈنمەي تۇرالمايمىز.لېكىن بىر كوماندىنىڭ ئۇتۇش ئۇتتۇرشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق شەخىسنى يەنى شۇ كوماندىنىڭ مەشقاۋۇلىنى تېخىمۇ تەرىپلىمەي تۇرالمايمىز.
مورىنيو ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ياراملىق كۆزگە كۆرۈنگەن مەستانىلەر قەلبىدى ئۆزمەس ئىزلارنى قالدۇرغان مەشقاۋۇل.ئۇنى تونىمىغانلار ئۇنىڭ تەلۋە قىلىقلىرىدىن تونىدى،ئۇنىڭغا قايىل بولمايدىغانلار ئۇنىڭ نەتىجىلىرىدىن،قابىليىتىدىن ئۇنىڭغا قايىل بولدى.يېقىندىن بېرى مورىنيونىڭ مادرىتتىن كېتىشى توغرىسىدا خېلى خەۋەرلەر پەيدا بوپ قالدى مانا بۈگۈن ئۇنىڭ مادرىتتىن كېتىشى 90% مۇقىملىشىپ قالدى دېگەن خەۋەرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى.مەنلا ئەمەس بەلكىم پۈتۈن مادرىت مەستانىلىرىنىڭ كۆڭلى يېرىمدۇ.
جوس مورىنيونىڭ ئەسلى كەسپى تەرجىمان بولۇپ،باشقا تېرىنىرلارغا ئوخشاش پۇتبول ئويناپ چوڭ بولمىغان.ياش ۋاقىتلىرىدا لىسبون رىقابەت كوماندىسىغا كەلگەن چەتئەللىك تېرىنىرغا تەرجىمان بولغان .ئۇنىڭ پورتۇگال،ئىسپان،ئىتالىيانۋەئېنگىلىز تىللىرىنى بىلىشى ئۇنىڭ بۇ ساھەگە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كىرىشىگە سەۋەپچى بولغان.
2004-يىللىرى پورتۇ كوماندىسىدا ئۆزىنىڭ شانلىق دەۋرىنىڭ تۇنجى سەھىپىسىنى ئاچتى ھەمدى ئىنگىلاندنىڭ زەردارى بولغان مانچىستىر بىرلەشمىسىنى يېڭىپ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى دەس كۆتۈردى.كىيىنكى يىلى زەپەر قۇچۇپ چېلسىغا كەلدى.چېلسىيغا كەلگەندىن كېيىنمۇ ئىنگىلاندتا يېڭى تارىخ ياراتتى.ئىككى مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن ئېنتىرغا كېلىپ قوش چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ،چوڭ قەدەم تاشلاپ مادرىت مەيدانىغا كېلىپ توختىدى.ئەينى يىللىرى مورىنيو چېلسىيدىن ئايرىلغاندا چېلسىينىڭ توپچىلىرى چە مەستانىلىرى كۆز يېشى قىلغانىدى،بىز چۈشەنمەپتىكەنمىز،ئېنتىردىن ئايرىلدىغاندا يەنە بىر قېتىم قىلىنغان كۆز ياشلارنى چۈشەنمەپتىكەنمىزتۇق.مانا بۈگۈن شۇ كۈنلەر بىزنىڭ بېشىمىز غىمۇ كېلىپ قاپتۇ.بىز شەخسەن مەن شۇلارنىڭ شۇچېلسىي،ئېنتىر مەستانىلىرىنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتنى تولۇق چۈشىنىپ تېتىۋاتىمەن.مورىنيونىڭ قابىليىتىگە ئىشەنگەن،مادرىتقاقوشقان تۆھپىسىگە شاھىت بولغان ھەربىر مادرىت مەستانىسى مورىنيونىڭ كېتىشىنى خالىمايدۇ.چۈنكى مورىنيو مادرىت ئۈچۈن ئاز كۈچىمىدى.2002-يىللىرى ياۋروپانى تۇيۇقسزلا ئۇدا 7-8يىل ئۇزغۇنلۇقنىڭ 4 كۈچلۈك قاتارىغىمۇ كىرەلمەيۋاتقان مادرىت مورىنيونىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە قانچىلىك ئىلگىرلىدى بۇ مادرىتنىڭ ئوت يۈرەك مەستانىلىرگە ئايان.بىچچارە مورىنيو مادرىتقا كېلىپ 2 يىل ئىچىدە قانچىلىك چېچى ئاقىرىپ كەتتى .ئۇنىڭ مادرىت ئۈچۈن قانچىلىك دەرىجىدە جان تىكىپ تىرىشىۋاتقىنىنى بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن ئەمدى.
مانا پات ئارىدا مورىنيو مادرىتتىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.ئۇ كەتكەندىن كېيىن مادرىت قانداقمۇ بولۇپ كىتەر....ھەي ي ي ي مورىنيونىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا شىددەتلىك قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن رەقىبىنى دىر سىيدۈردىغان مادرىت قانداقمۇ بولۇپ كىتەر ئەمدى،شۇ قايتۇرما ھۇجۇمغا كۆنۈپ قالغان مادرىت قانداقمۇ بولۇپ كىتەر............
نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى دەۋەرسەم كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بولۇپ كېتىدىكەن.چۈنكى مورىنيو مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇلۇغ بىر مەشقاۋۇل،ئۇنىڭدەك مەشقاۋۇلدىن بىرنى تېپىش ئۇنچى ئاسان ئەمەس.ئۇ مادرىتنى قايتا مادرىت قىلغان مەشقاۋۇل ئىدى .مەن ھازىرغىچە مادرىتقا ئۇنىڭدەك ماس كېلىدىغان مەشقاۋۇلنى كۆرۈپ باقمىدىم.ئەپسۇس، ئۇ كېتىدىغان بولدى........................
ئاخىرىدا بۇ ناخشىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم ناھايىتى مۇڭلۇق ھەم تەسىرلىك______مورىنيو
|
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30
تۆھپە + 10
باھا خاتىرىسى
|