- تىزىملاتقان
- 2007-5-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2850
- نادىر
- 0
- يازما
- 2850
|
خېڭدا گۇرۇھى
خېڭدا گۇرۇھى(3333.HK) شياڭگاڭ بىرلەشمە سودا ئورنىدا بازارغا سېلىنغان بولۇپ،سودا،مېھمانخانا،تەنتەربىيەۋە مەدەنىيەت ساھەسى قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان ئالاھىدە چوڭ كارخانا گۇرۇھ.شېركەت ئومومىي مەبلىغى جەمئىي 238 مىليارد 990 مىليون يۈەن بولۇپ،جۇڭگودىكى 120دىن ئارتۇق ئاساسلىق شەھەردە 200 دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش تۈرى بار.تۇرالغۇ ئۆي،سودا ،مېھمانخانا ۋە ساياھەت قاتارلىق كۆپ خىل ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.جۇڭگودىكى سېتىش كۆلىمى ئەڭ زور،سېلىنىۋاتقان قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەڭ چوڭ،ئۆلكە مەركىزىي شەھەرلەرگە ئەڭ كۆپ كىرگەن،شەھەر ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەڭ كەڭ بولغان ئۆي-مۈلۈك باشلامچى كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ.2012-يىلى ،"خېڭدا"ماركىسىنىڭ قىممىتى 24مىليارد 860 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ،ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى .2012-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر،خېڭدانىڭ پۈتۈن يىللىق سېتىش سوممىسى 92مىليارد320 مىليون يۈەنگە ،سېتىش كۆلىمى 15مىليون 485مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىپ ،مەملىكەت بويىچە 1-بولغان؛ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە 13مىليارد 500 مىليون يۈەن باج تاپشۇرغان.
گۇاڭجۇ خېڭدا پۇتبول كۇلۇبى
خېڭدا پۇتبول كۇلۇبى 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى خېڭدا گۇرۇھى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ،نۆۋەتتە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنغان،دۆلەت دەرىجىلىك پۇتبول ماھىرلىرى ئەڭ كۆپ،داڭلىق چەت ئەللىك پۇتبول ماھىرلىرى ئەڭ كۆپ يىغىلغان،نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان ئالدىنقى قاتاردىكى كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى.كۇلۇبنى " ھەممە زوقلىنىدىغان، ئۇنۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك،ھۆرمەتكە سازاۋەر"قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ،3~5 يىل ئىچىدە ئاسىيا چىمپىيونى بولۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.كۇلۇبىمىز قۇرۇلغان يىلى يەنى 2010-يىلى خېڭدا جۇڭگوAدەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى.2011-يىللىق مۇسابىقىدە ،خېڭدا دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن كۇلۇب بولۇش سالاھىيىتى بىلەن،تۆت نۆۋەت بۇرۇن جۇڭگو ئالاھىدە دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولۇپ،گۇاڭجۇ يۇقىرى دەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۇنجى بولۇپ چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى.2012-يىللىق مۇسابىقىدە ،خېڭدا جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتى ئالاھىدە دەرىجىلىكلەر لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولدى ،ئاسىيا چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى،جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى دەرىجىلىكلەرپۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولدى،پۇتبول لوڭقىسى تالىشىش بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم چىمپىيون بولدى .خېڭدا پۇتبول كۇلۇبىدىكى دۆلەت ئىچى پۇتبولچىلىرى ئەڭ يۇقىرى يىللىق كىرىمگە ئىگە ،ئالدىنقى قاتاردىكى پۇتبولچىنىڭ يىللىق كىرىمى 5مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ ،ئەڭ يۇقىرى بولغىنى 11مىليون 10نىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.
خېڭدا خان جەمەتى مادىرىد پۇتبول مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش كۆلىمى
جۇڭگو پۇتبولچىلىقى پارتىيە ۋە دۆلەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان ،مىليارلىغان پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ئەڭ قىزىقىدىغان بىر تۈرلۈك تەنھەرىكەت.پۇتبولچىلارنىڭ ئېغىر كەمچىل بولۇشى-جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ كەينىدە قېلىشىدىكى تۈپ سەۋەپ.جۇڭگو پۇتبولچىلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن ،چوقۇم پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان ۋە پۇتبول جەھەتتە تۇغما تالانتلىق ئۆسمۈر-بالىلارنى ئىلمىي،سېستىمىلىق تەربىيىلەشكە توغرا كېلىدۇ.شۇڭا 2012-يىلى 4-جى ئايدىن 8-ئايغىچە خېڭدا خان جەمەتى مادىرىد پۇتبول مەكتىپى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 24 ئۆلكە،ئاپتونۇم رايۇن ،3 بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىكى 65مىڭ 106 باشلانغۇچ مەكتەپكە 19 مىليون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانى تارقىتىپ،45مىليون 780 مىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىچىدىن ،سۈرئەت سىنىقى ،كۈچ سىنىقى ،چىدامچانلىق سىنىقى ،ماسلىشىش سىنىقى ،ئەۋرىشىملىك سىنىقى ۋە ئەقلىي ئىقتىدار سىنىقى ئېلىپ ،قاتلاممۇ-قاتلام تاللاش ئارقىلىق تۇنجى تۈركۈمدىكى يادرولۇق پۇتبول مايسىلىرىنى تاللاپ ،خېڭدا خان جەمەتى مادىرىد پۇتبول مەكتىپىگە قوبۇل قىلدى.
خېڭدا خان جەمەتى مادىرىد پۇتبول مەكتىپى " مەدەنىيەتنى يىلتىز ،پۇتبولنى ئاساس ،ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىش" تىن ئىبارەت ئوقۇتۇش ئىدىيىسى بويىچە ،مەدەنىيەت دەرسلىكى ئوقۇتۇشى بىلەن پۇتبول كەسپى بويىچە تەربىيىلەش تۇتاشقان ،ئاساسى مائارىپ بىلەن ئالىي مائارىپ بىرىكتۈرۈلگەن ،دۆلەت تىلى بىلەن چەتئەل تىلى بويىچە ئوقۇتۇش ئەندىزىسى يولغا قويۇلغان.ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپنىڭ مەدەنىيەت دەرسلىك ئوقۇتۇشىنى قوبۇل قىلىپلا قالماي ،دۆلەت ھالقىماي تۇرۇپمۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پۇتبول كەسپىي ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنەلەيدۇ.مەكتىپىمىز مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى بولغان كەلگۈسى چولپانلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن بىرگە ،جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
خېڭدا خان جەمەتى مادىرىد پۇتبول مەكتىپىنىڭ نۆۋەتتىكى نىشانى :" ئۈچ يىلدا تۆت مۇسابىقىدە چىمپىيونلۇقنى ئېلىش"تىن ئىبارەت.(جۇڭگو ئوغۇللارپۇتبول مۇسابىقىسىU13 چىمپىيونلۇقى ،جۇڭگو قىزلار پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىU13 چىمپىيۇنلۇقى ،ئاسىيا ئوغۇللار پۇتبول مۇسابىقىسى U13چىمپىيونلۇقى ، ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىU13 چىمپىيونلۇقى).
خېڭدا خان جەمەتى مادىرىد پۇتبول مەكتىپىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى
خېڭدا خان جەمەتى پۇتبول مەكتىپى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوقۇش باشلىغان بولۇپ ،خېڭدا گۇرۇھى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان،مەنزىرىسى گۈزەل گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى چىڭيۈەن شەھىرىگە جايلاشقان.مەكتىپىمىز"جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنى گۈللەندۈرۈپ،پۇتبول چولپانلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش"تىن ئىبارەت ئوقۇتۇش نىشانىغا ئاساسەن،مەدەنىيەت دەرسلىكى ئوقۇتۇشى بىلەن پۇتبول كەسپى بويىچە تەربىيىلەش بىرلەشتۈرۈلگەن،پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مۇنتىزىم،ياتاقلىق يېپىق شەكىلدىكى مەكتەپ.مەكتىپىمىز گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك1- دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ،ئۆلكىلىك 1- دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە دۆلەت ئۇنۋېرسىتىتلىرىنىڭ تولۇق كۇرس ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇلغان ،مەدەنىيەت دەرسلىكى ئوقۇتۇشىغا جۇڭگودىكى داڭلىق مەكتەپ خۇانەن پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى مەسئول بولىدۇ ،پۇتبول كەسپى بويىچە تەربىيىلەشكە ئىسپانىيە خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى ئەۋەتكەن تېرىنىرلار تولۇق مەسئول بولىدۇ.
خېڭدا خان جەمەتى مادىرىد پۇتبول مەكتىپىنىڭ كۆلىمى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ،ئومۇمىي ئوقۇغۇچى كۆلىمى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ.مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى 3 قارارغا بۆلۈپ تەربىيلەيدۇ.باشلانغۇچ،تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ،ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى خىزمەتچى ۋە تېرىنىرلار جەمئىي 435 نەپەر.ئاساسىي مائارىپ ئەسلىھەلىرى بولسا ئۆلكە 1-دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ئەسلىھە ئۆلچىمى بويىچە لاھىيىلەنگەن .3900 كۋادرات مېتىرلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى،4400 كۋادرات مېتىرلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى ،8700 كۋادرات مېتىرلىق تەجرىبە بىناسى،1500 كۋادرات مېتىرلىق كۈتۈپخانا ،3000 كۋادرات مېتىرلىق تەنتەربيە سارىيى ،1800 كۋادرات مېتىرلىق زال قاتارلىقلار سېلىنغان؛پۇتبول كەسپىي ئەسلىھەلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار ئۆلچەم بويىچە تەسىس قىلىغان بولۇپ ،كۆلىمى 6000 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پۇتبول مەركىزى بىناسى،خەلقئارا يۇقىرى سەۋىيىدىكى 2000 كۋادرات مېتىرلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش بىناسى ۋە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولغان 81 پۇتبول مەشق مەيدانى بار؛يەنە 21000 كۋادرات مېتىرلىق ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى ،16000 كۋادرات مېترلىق ئوقۇتقۇچى،ئىشچى خىزمەتچىلەر ياتاق بىناسى ،5000 كۋادرات مېتىرلىق ئاشخانا ۋە تاللا بازىرى ،3000 كۋادرات مېتىرلىق ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسى تەسىس قىلىنغان.(2012-يىلى قوبۇل قىلىنغان 39 نەپەر شىنجاڭلىق مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇسۇلمانچە ئاشخانا تەسىس قىلىنىپ،2 نەپەر ئۇيغۇر ئاشپەز ئالاھىدە سەپلەپ بېرىلگەن .بىر نەپەر ئۇيغۇر تېرىنىر بالىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش ،ئۆگىنىش ۋە مەشق ئەھۋالىغا ئالاھىدە مەسئول بولىۋاتىدۇ .بۇ 39 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىچىدىكى 3 نەپەر سۆيۈملۈك ئۇكىمىز يېقىندا ئىسپانىيىگە بېرىپ تەربىيىلىنىش ئالدىداتۇرماقتا.)
خېڭدا خان جەمەتى مادىرىد پۇتبول مەكتىپىنىڭ ئۈچ چوڭ ئەۋزەللىكى
1-ئەۋزەللىك:مەدەنىيەت دەرسلىكى ئوقۇتۇشىدا خۇانەن پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى بىلەن تولۇق ھەمكارلاشقان
خۇانەن پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە دۆلەت"211قۇرۇلۇشى" غا كىرگەن بىردىنبىر نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ .ئۇنۋېرسال ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتلىرى ۋە يەرلىكتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ئۇنۋېرسىتىتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.خېڭدا خان جەمەتى مادىرىد پۇتبول مەكتىپى خۇانەن پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى بىلەن باشلانغۇچ،تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ،ئۇنۋېرسىتىتتىن ئىبارەت بىر يۆنىلىشلىك ئوقۇتۇش ھەمكارلىقى تۈزگەن بولۇپ،ئوقۇتۇش ،ئىلمىي تەتقىقات باشقۇرۇشتا ئەتراپلىق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورناتقان؛ئالاھىدە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار پۈتۈن ئوقۇتقۇچى سانىنىڭ 35% نى ئىگىلەيدۇ (دۆلەت دەرىجىلىك ئۆلكىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆلچىمدىن ئېشىپ كەتكەن)8يىلدىن ئارتۇق سىنىپ مەسئولى بولغان ئوقۇتقۇچىلار 60%نى ،10 يىلدىن يۇقىرى ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلار 80% نى ئىگىلەيدۇ.ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلمايمۇ داڭلىق مەكتەپنىڭ ئاساسىي مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپىنى قوبۇل قىلالايدۇ.
2-ئەۋزەللىك:خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ تېرىنىرلىرى پۇتبول مەشقىگە تولۇق مەسئول بولىدۇ
خېڭدا خان جەمەتى مادىرىد پۇتبول مەكتىپىنىڭ پۇتبول كەسپى بويىچە تەربىيلەشكە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پۇتبول كۇلۇبى ئىسپانىيە خان جەمەتى مادىرىد پۇتبول كۇلۇبى ئەۋەتكەن تېخنىكا باش نازارەتچىسى ۋە دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر تېرىنىرلار (ياۋرۇپا پۇتبول بىرلەشمىسى A دەرىجىلىك تېرىنىر كېنىشكىسىگە ئىگە) تولۇق مەسئول بولىدۇ.ئوقۇغۇچى تاللاش سېستىمىسى ،مەشق سېستىمىسى ،مۇسابىقە سېستىمىسى ۋە باھالاش سېستىمىسى پۈتۈنلەي خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇپ چىقىلغان .مەكتىپىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋيىلىك تېرىنىرلارغا ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلغار ئەسلىھەلەرگە ئىگە.ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئاتلىماي تۇرۇپمۇ ،بۈگۈنكى كۈندىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار پۇتبول مەشقىنى سېستىمىلىق قوبۇل قىلالايدۇ .ئوقۇغۇچىلار ھەريىلى ئىسپانىيە خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ ئۆسمۈرلەر مەشق بازىسىدا مەشق قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ؛مەكتەپتىن تەربىيلىنىپ چىققان مۇنەۋۋەرئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق پۇتبول كوماندىسىغا كىرىپ ،جۇڭگو پۇتبول چولپىنى بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ؛ ئالاھىدە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار خېڭدا ياكى باشقا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاسىيا پۇتبول كوماندىسىغا كىرىپ ،ئاسىيا پۇتبول چولپىنى بولۇپ چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ؛ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلار بولسا،مادىرىد قاتارلىق دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار پۇتبول كوماندىسىغا كىرىپ ،خەلقئارالىق پۇتبول چولپىنى بولۇپ چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
3-ئەۋزەللىك:جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوند جەمئىيتى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق ياردەم قىلىدۇ
جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوند جەمئىيىتى خېڭدا خان جەمەتى مادىرىد پۇتبول مەكتىپىنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش فوند مەخسۇس تۈرىنى ئالاھىدە تەسىس قىلغان .نامرات ئوقۇغۇچى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىي ئائىلە ئەھۋالىغا قاراپ ،دەرىجىگە ئايرىپ ياردەم بېرىدۇ؛ئەڭ يۇقىرى ئوقۇش ياردەم ئۆلچىمى ھەر تۈرلۈك ھەقلەرنى تولۇق كۆتۈرىۋېتىشتىن ئىبارەت.
تىزىملىتىش ئورنى ئادرىسى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
1.ۋاقتى:2013-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ،ھەر كۈنى سائەت 9:00دىن 21:00 غىچە (دەم ئېلىش كۈنلىرى نورمال تىزىملىنىدۇ)
ئۈرۈمچى رايونىدىكى باش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونى ئوتتۇرا بېيجىڭ يولى 460-نومۇر ،ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە مەركىزى(ئېرگۇڭ ئۇنۋېرسال مەشق سارىيى) شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورنى
تېلىفون: 0991-6681633 0991 -6692311 .
ئالاقىلاشقۇچى: ئەزىز مۇئەللىم لى مۇئەللىم
ئۈرۈمچى رايونىدا: ئېلشات ،لى لىن(پۇتبول مەكتىپى تېرىنىرلىرى) 13413533171
چۆچەك،قاراماي رايونلىرىدا: قەيسەر 13579218730 4.29-5.6كۈنلىرى(چۆچەك) 6.23-7.2كۈنلىرى(قاراماي)
ئالتاي رايونىدا: خېيزات 15276572233 5.3-5.12كۈنلىرى
قۇمۇل.تۇرپان رايونىدا: ئەكبەر 18690620891 5.10-5.16 كۈنلىرى(قومۇل) 5.16-5.21(تۇرپان)
سانجى ئوبلاستىدا:چېن خاۋچىڭ 18690814321 5.19-5.24 كۈنلىرى
ئىلى ئوبلاستىدا: 18675860771 5.23-6.2 كۈنلىرى
بايىنغۇلىن،قىزىلسۇ ئوبلاستىدا: ئىليار 15124508292 5.30-6.4 كۈنلىرى(بايىنغۇلىن) 6.4-6.9(قىزىلسۇ)
قەشقەر،خوتەن رايونىدا: ئالىم 13772123373 6.7-6.16 (قەشقەر) 6.14-6.23 (خوتەن)
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى ۋاقىت تەرتىپى ھەر قايسى ۋىلايەت ،ئوبلاست ،شەھەرلەردە مەركەزلەشتۈرۈپ تىزىملاش ھەم سىناق ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ .ئۈرۈمچى تەنتەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ،تىزىملاش ،سىناق ئېلىش خىزمەتلىرى 7-ئاينىڭ 31 -كۈنىگىچە نورمال داۋاملىشىدۇ.
تورداشلارنىڭ ھەرقايسى مۇنبەر،توربەت،ئالاقە توپلىرى ۋە ئۈندىدار قاتارلىق ۋاستىلەردە تارقىتىپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن .تېلىفۇن ياكى توردا مەسلىھەت سورىشىڭىزلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
|
|