ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 153 |
تۆھپىسى: سەر |
|
tagderem يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 20:32 
سىرىق ھەرىلەر مەيدانىدىكى ھۇجۇم بولۇپ كەتكىلى تاس قا ...
خۇانىتو مارۋېللا نىڭ ئەوڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى نىمە؟
جاۋاب: خۇانىتو مەيداندىكى چەبدەسلىكى ،ئېسىل پۇت ماھارىتتى ،كاللا توپقا ماھىرلىقى دىن ئىبارەت كۆپ خىل ئىقتىدارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن پۇتبولچى. ئۇنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن ئەڭ يادلىنىدىغان يەنە بىر تەرىپى بولسا ، مەيلى مۇسابىقىە نەدە ، كىمنىڭ مەيدانىدا ئوينالغان بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ سەبداشلىرىنى ئۆزىنىڭ مەيدانىغا قايىتقاندەك قىلالايدۇ. يەنى بىر خىل چەبدەس ، ئەشەددىي بولغان قانخور روھ (بۇنى شۇنداق ئىپادىلىدىم خالاس، خۇددى مانچېستېر سابىق توپچىسى كانتونا غا ئوخشاش) ، يەنە بىرگە ئۇ دائىملا مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرالايدىغان قەھرىمان. 80~81 - مۇسابىقە پەسلى خانلىق مادرىد كىلىتلىقلارنىڭ مەيدانىدا 2 گە قارشى 0 نەتىگە بىلەن ئۇتتۇرۋېتىپ ئۆز مەيدانىغا قايىتقاندىن كېيىن خۇانىتو ھەلقىلغۇچ توپنى ئۇرۇپ مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ يەنە بىزنىڭ ھازىرقى تەڭداشسىز مارىس كوماندىمىز بىلەن بولغان مۇسابىقىلەردە داۋاملىق ئېشىپ كىتىدىغان بىر توپنى ئۇرۇپ ، خانلىق مادرىدنىڭ مەستانىلىرى قەلبىدىكى غايىۋېىي ئوبرازغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئاخىرقى مەيدان ئۇزغۇنلۇقتىكى ئىپادىسىنى كۆپىنچە ياش مەستانىلەر بىلمەيدۇ. ئۇ مادرىدقا قوشۇلغان 2-يىلى ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىدە يان رېپىرغا پەشۋا ئېتىپ 2 يىل ئۇزغۇنلۇقتىن چەكلەنگەن بىردىنبىر توپچى. ئۇغۇنلۇق مەيدانىغا ئاران قايتىپ كەلگەن خۇانىتو ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىنى بەيرىن مىيۇنخېن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ماتىئوسنى پەشۋا ئېتىپ ئاخىرلاشتۇرىدۇ. (شۇ مەيدان مۇسابىقىدە ماتىئوس كۆپ قېتىم مادرىد مەستانىلىرىغا قارىتىپ كۆزگە ئىلمىغاندەك قىلىقلارنى تولا قىلىۋېرىپ خۇانىتونىڭ كۆزىگە سىغمىغان، ئۆزىگە تەېە ئەمەسلا بىر قائىدىگە خىلاپ ھەركەتتە بېرىپ ماتىئوسنى تەپكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چىقىپ كەتكەن)
خوش : ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك ، راموسنى شۇنداق ئوينىدى دىدىڭلار . لېكىن راموس ئۇنى دوراشقا خېلى ھايلى بار. مېنىڭچە بولغاندا ئاشۇ كۈنى ئەڭ تىرىشقىنى شۇ راموس ، بىراق ئۇنىڭدىن خۇانىتو روھىنى كۆرىمەن دىيىش مۇمكىن ئەمەس! دورىتمونىتقۇ مادرىدقا ھاقارەت خارەكتىرلىك ئىش قىلمىدى. بىراق مادرىد يادروسىدا خۇانىتوغا ئوخشاش ۋارقىراپ تۇرۇپ ، كوماندا ئەزالىرىنى ئويغىتىدىغان ۋە كوماندىنىڭ مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرالايدىغان خۇانىتو سۈپەت بىرى يۇق ! ئويلاپ بېقىڭلار ؟ خېلى ئۇزۇن بوپتىمۇ؟
خۇانىتودەك توپ ئوينىسا ھەرگىز چىدىماسلىق دىمەيمىز! ئۇنى ئەركەكلىك دەيمىزغۇ دەيمەن!
ئەمدى گەپ ، كېلەركى ئۇچرىشىشتا مادرىدنىڭ مەيدانىدا كىمنىڭ ھەقىقىي خۇانىتو بولالىشىدا قالدى! |
|