- تىزىملاتقان
- 2010-8-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1700
- نادىر
- 0
- يازما
- 1700
|
كاشىلىياس مورىنىيۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ جىددى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.
خان مادىرىد ماھىرى كاشىلىياس يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ماسىرلىق ئورنىنى يوقىتىپ قويدى. لىكىن مورىنىيۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ جىددى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. بۇيىل 31 ياشقا كەلگەن كاشىلىياس 10 يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن مادىرىد كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق قاپقىچىلىق ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن. لىكىن بۇيىل 1-ئايدا ئالقان سۆڭىكىنىڭ سۇنۇشى بىلەن مادىرىد كوماندىسىدىكى ئاساسلىق ئەزا ئورنىدىن چۈشۈپ قالدى. بۇ يارلانغاندىن كىيىن مورىنىيۇ بىلىيالىيار قاپقىچىسى دىياگو لوپىزنى يۆتكەپ كەلدى. يېقىنىدىن بۇيان كاشىلىياسنىڭ يارىسى ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا دىياگو لوپىز ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقىۋەردى.
كاشىلىياس ئىپادە بىلدۈرۈپ كەيپىياتىنىڭ ئۇنچىلىك ناچار ئەمەسلىكىنى ئېيتتتى، مەشىقتە بولسۇن ئۇ ناھايىتى قېتىرقىنىپ مەشىق قىلدى.پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سىلىپ كوماندىغا ياردەم بېردىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.
ئۇ مورىنىيۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:« بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ئۇنداق سوغۇق ئەمەس، بىزنىڭ خىزمەت جەريانىدىكى مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى، مىنىڭ مەشىق جەريانىم يارلىنىشنىڭ ئالدىدىكىگە ئوخشاش ناھايىتى ئەستايىدىل. مەيدانغا چىقىشىمنى مەشقاۋۇل قارار قىلىدۇ. پارچە پۇرات تۇيغۇلىرىمنى چىقىرۋەتكەندە مىنىڭ كەيپىياتىممۇ ناھايىتى ياخشى،مەن يەنىلا يۇۋاشلىق بىلەن پۇرسەت كىلىشنى كۈتىمەن.
|
-
|