- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7607
- نادىر
- 17
- يازما
- 7607
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-25 23:22

بارسېلونا كوماندىسى ياۋروپا ئۇزغانلىق يېرىم ھەل قىلغۇچتا بايرىن مىيۇنخىن تەرىپىدىن چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن مەغلۇپ بولدى .بۇ مۇسابىقىدە ،بارسېلونادىكى مېسسى يارىسى تولۇق ساقايمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەيدانغا چىقتى .90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە جەريانىدا ، بىرسى ، بايرىن مۇداپىئەچىلىرى مېسسىنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىپ ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا قىلچىلىك پۇرسەت بەرمىدى .يەنە بىرسى ،بەدەن جەھەتتىكى مەسىلە تۈپەيلىدىن مېسسى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى .مۇسابىقىدىن كېيىن ئاخبارات ۋاستىلىرى كىشىلەرنىڭ رايىنى سىناپ تەكشۈرۈشتە ،% 86 كىشىلەر ،مېسسى تولۇق ساقايمىغان ،شۇنداقلا ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئەمەس ،شۇنداق بولغاچقا مېسسى مۇشۇنداق ئوينىدى دەپ قاراشتى .لېكىن مۇسابىقە ئاخىرلاشتى .بايرىن ھەقىقەتەن قالتىس ئوينىتىۋەتتى .مېسسىگە يەنە بىر ھەپتە ۋاقىت بار ،مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ، مېسسى شەمشىرىنى بىلەپ قايتىدىن كەلمەكتىن باشقا ئامال يوق !
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مېسسىنىڭ روھى -ھالىتى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ ، بىراق ئۈزىنى ساقلاپ تۇرغان بايرىندىكى نۇرغۇنلىغان تەلەيلىك توپ مەستانىلىرىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلار بىلەن بىرگە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى .مۇشۇلارنىڭ ئىچىدە ،بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىدىكى داڭلىق « تاتۇق يۈز خەنجەر » رىبىرىنىڭ نىڭ ئائلە ئەزالىرى دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن رەسىمگە چۈشتى .رىبىرى بۇلارنى رەسىمگە تارتىپ قويدى .

|
|