- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7607
- نادىر
- 17
- يازما
- 7607
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-26 18:48

بايرىن مىيۇنخىن ئەڭ قورقىدىغان ھۇجۇمچى !
لېۋېنتوۋسىكىنىڭ يەنە نامى چىقىپ كەتتى .لېكىن لېۋېنتوۋسىكى بىر كۈندىلا تۇنۇلغان ھۇجۇمچى ئەمەس ،ئەزەلدىن توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى يۇقۇرى بولۇپ كېلىۋاتقان ، يەنى ،18 يېشىدىن باشلاپ ، ئىلگىرى ۋە ھازىر توپ ئويناۋاتقان كوماندىسىنىڭ مەرگىنى بولۇپ كېلىۋاتقان ھۇجۇمچى ،بۈگۈن سەھەردىكى بۇ مۇسابىقىدە ،24 ياشلىق بۇ پولشالىق دورتىموند BVB مەيدانىدا خان مادرىد كوماندىسىنى ئۆزى يالغۇز بىر تەرەپ قىلىۋەتتى .دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرلار توپلاشقان خان مادرىد بۇ ھۇجۇمچىغا قەتئى ئامال قىلالمىدى .ئاخىردا مادرىد لېۋېنتوۋسىكى تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى .مادرىدتلىقلار بۇ ئېغىر زەربىدىن قاتتىق ئازاپلاندى .مانا بۇ لېۋېنتوۋسىكى !
بارسېلونا كوماندىسىنى يېڭىپ بىر پۇتى ھەل قىلغۇچقا كىرىپ بولغان بايرىن مىيۇنخىن قايسى ھۇجۇمچىدىن ئەڭ قورقىدۇ ؟ دەل مۇشۇ لېۋېنتوۋسىكى ،گېرمانىيە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچتا دورتىموند كوماندىسى بايرىنغا بەش توپ ئۇروپ قىرغىن قىلغان مۇسابىقىدە ، لېۋېنتوۋسىكى ئۈچ توپ ئۇرغان ، شۇنداقلا ئالدىنقى پەسىل بايرىنننى ئۇدا يەڭگەن چاغدىمۇ لېۋېنتوۋسىكى بايرىننىڭ قارا چۈشى بۇلۇپ قالغان ئىدى .....بۈگۈن سەھەردىكى مۇسابىقىدن كېيىن لېۋېنتوۋسىكىنىڭ نامى پۈتۈن دۇنياغا تارالغان .ئاخبارات ۋاستىلىرى بەس-بەس بىلەن بۇ پولشالىق بومباردىمانچى توغۇرسدا خەۋەر ئېلان قىلغان .ئىگىلىنىشچە ، لېۋېنتوۋسىكىنىڭ ھازىرقى باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ 75 مىليۇنغا چىققان .دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر زەردار كۇلۇبلارنىڭ بۇ ھۇجۇمچىغا ئېرىشكۈسى كېلىدۇ ئەلۋەتتە !

قۇشۇمچە : لېۋېنتوۋسىكى 1988-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى پولشانىڭ ۋارشاۋادا تۇغۇلغان . 14 يېشىدىن باشلاپ توپ تېپىشنى باشلىغان .بوي ئىگىزلىكى بىر مېتىر 84 سانتېمېتىر ،مەيداندىكى ئورنى ھۇجۇمچى ،2006-2007-يىللىرى پولشادىكى پىروزكوۋ كوماندىسىغا تۆت مىليون بەش يۈز مىڭ ياۋرولۇق باھا بىلەن يۆتكەلگەن .تۇنجى پەسىلدە 15 توپ ئۇرۇپ پولشا س دەرىجىلىك بىرلەشمىسنىڭ مەرگىنى بولغان . شۇ چاغدا لېۋېنتوۋسىكى 18 ياشتا ئىدى .كېيىنكى پەسىلدىمۇ قالتىس ئىپادىسى بىلەن 21 توپ ئۇرۇپ « ئالتۇن كەش » مۇكاپاتىنى ئالغان .ھەمدە كوماندىنىڭ دەرىجە ئۆرلىشىگە كۈچ چىقارغان .2008-يىلى يازدا ،پولشادىكى زەردار بىر كۇلۇب لېۋېنتوۋسىكىنى تۆت يىللىق توختام بىلەن يۆتكەپ كەلگەن .بىرىنچى پەسىلدە ،پولشا ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى « ئەڭ ياخشى يېڭى ماھىر » بۇلۇپ باھالانغان .2009-يىلنىڭ ئاخىردا ، پولشا « پۇتبول ئەپەندىسى » نامزاتىدا ئىسمى چىققان .2010-يىلدا يەنە بىر قېتىم « ئالتۇن كەش » مۇكاپاتىنى ئالغان .
شۇ يىلى يازدا تۆت مىليون 750 مىڭ ياۋرولۇق باھا بىلەن سېرىق ھەرە دورتىموند كوماندىسغا قۇشۇلغان .دورتىموندقا كەلگەن تۇنجى پەسلىدىلا كوماندىغا ھەمدەم بولۇپ بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولغان .كېيىنكى پەسىل سەككىز توپ ئۇرۇپ ئۈچ پاس بەرگەن .شۇ چاغدا دورتىمونتتا توپ ئويناۋاتقان بالىئوس يارىلانغان بولۇپ ،لېۋېنتوۋسىكى دەل مۇشۇ پۇرسەتتە ياخشى ئىپادىسى بىلەن ئاساسلىق ئەزا ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۋالغان .2011-2012-يىل مۇسابىقە پەسىلدە ،33 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 22 توپ ئۇرۇپ ،سەككىز پاس چىقارغان .دورتموندنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا بىرلەشمە ۋە گېرمانىيە لوڭقىسدا چىمپىيۇنى بولۇشىدىكى ئاساسلىق تۆھپىكارى ھىساپلىنىدۇ .پولشا دۆلەت كوماندىسدا 40 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 13 توپ ئۇرغان .ئالاھىدىلىكى : كاللا توپقا ماھىر ،سۈرئەت تېز ،بۈسۈپ كىرىش ئىقتىدارى يۇقىرى ،بۇيى ئېگىز ھەم قاۋۇل ،

|
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 120
تۆھپە + 10
باھا خاتىرىسى
|