- تىزىملاتقان
- 2010-8-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1700
- نادىر
- 0
- يازما
- 1700
|
پېي پېي: ئۇزغۇنلۇق ئۈچۈن، مادىرىد ساھىبخان مەيداندا 3 توپ ئۇرۇپ قوغلاپ يىتىشىدۇ.
مادىرىد ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ تۇنجى ئۇچۇرشىشىدا مىھمان ھالەتتە دورتموند كوماندىسىغا 4-1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۋەتتى.مۇسابىقىدىن كىيىن مادىرىد ئوتتۇرا مۇداپىئەچىسى پېي پېي مۇسابىقىدىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى. مادىرىدنىڭ ھازىر قىلالايدىغىنى پەقەت كىيىنكى ئۇچۇرششتا ئۆز مەيدانىدا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سىلىش. پېي پېي ئىپادە بىلدۈرۈپ:« بۇ قېتمقى ئۇچۇرشۇشتا ھەممىسى بىزنى ئەيىبلەيدۇ. بىز كىيىنكى ئۇچۇرششتا ئۆزىمىزنىڭ ساھىبخان ئەۋزەللكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، چوقۇم ئۈچ توپ ئۇرۇپ قوغلاپ يىتىشىشىمىز كېرەك.»
بىز ناھايىتى تىرشىپ ھەل قىلغۇچقا كىرشىمىز كېرەك، بۇ ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى. ھىچ بولمىغاندا بۇ ئارزۇيىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز. بىز بۈگۈنكىدەك ئەمەس بولۇپمۇ ساھىبخان مەيداندا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئوينىشىمىز كېرەك. بىز بۈگۈن مەيلى ئالدىنقى يېرىم مەيداندا بولسۇن ياكى كىيىنكى يېرىم مەيداندا بولسۇن ئىپادىمزنى قەتئىي تاپالمىدۇق. كىيىنكى ئۇچۇرشۇش بۇنڭغا ئوخشىمايدۇ،كوماندىمىز ئاخىرقى بىر دەقىقە قالغۇچە كۈرەش قىلىدۇ.
رەقىبى توغرسىدا توختالغاندا ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ:« لەيۋەندوۋىسكى ئىنتايىن قالتىس بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى، قىسقىسى دورتموند ئۆزىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بىر كۇلۇپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.»
|
-
|