ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1689 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىنار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-25 15:06

1.بۇ يىل يازلىق يۆتكىلىشتە يۇۋېنتۇسنىڭ يېڭى ھۇجۇمچى يۆتكەش پىلانى بارلىقى ھازىر ھەممىگە مەلۇم .ماروتتا بىلەن كونتېنىڭ تىزىملىگىدە سۇئارىز ،يۇۋېدىچ ،ھىگۇايىن قاتارلىلار بار بۇلۇپ تېخى يېقىندا ئىبرايىمنىڭ يۇۋېنتۇسقا قايتىش مۇمكىنچىلىگى ئاشكارلانغان. ئىبرايىمنىڭ ۋاكالەتچىسى يۇۋېنتۇسقا ئىبرايىمنى تەۋسىيە قىلغان. لېكىن ئىبرايىمنىڭ ھازىرقى مائاشى 12 مىليون ياۋرۇ بۇلۇپ ماروتتا بۇنىڭغا قارىتا :ئىبرايىمنىڭ مائاشى بەكلا يۇقىرى ، ھازىرچە بىز ئۇنىڭ مائاشىنى بىرەلمەيمىز، لېكىن ئۇنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىشكە قۇشۇلىشى ناتايىن دىگەن ئىدى. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئىبرايىم مائاشىنى تۆۋەنلىتىشكە قۇشۇلغان، بۇنىڭدىن بۇرۇن يۇۋېنتۇس ئىبرايىمغا 3 يىللىق يىللىق 7.5 مىليونلۇق توختام سۇنغان، فىرانسىيىدىكى كۈنلىرى تازا ياخشى بولمايۋاتقان ئىبرايىم ۋاكالەتچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ مائاشىنى تۆۋەنلىتىشكە قۇشۇلغانلىقىنى ئىيىتقان، لېكىن يېڭى بىر شەرت قوشقان يەنى توختام ۋاقتىنى ئاز بولغاندا 4 يىللىق بۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان . بۇنداق بولغاندا بۇ سودىدا يېڭى بىر ئىلگىرلەش بۇلۇپ ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىشىش باسقۇچىدا تۇرماقتا .

2. ئىتالىىيە ۋەئىسپانىيە زەردارلىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن مادرد بىلەن يۇۋېنتۇس 6-ئاينىىڭ 9-كۈنى مادرد مەيدانى بونابۇدا بىر مەيدان خەيىر ساخاۋەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى. يۇۋېنتۇس رەئىسى ئانىلى بىلەن مادرد رەئىسى فىلورندىنو بۇنابو كۆرۈشۈپ بۇ ئىش توغرىلىق سۆھباتلەشكەن ھەمدا ئۆز ئارا كىيىم ئالماشتۇرغان. بۇ مۇسابىقە ئىسپانىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيتىگە ئىئانە توپلاش ئۈچۈن ئوينىلدۇ، توپلانغان ئىئانە ئىسپانىيەدىكى 5000 نەپەر نامرات ئۆسمۈنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.
فىلورىندىنو مۇنداق دېدى : بۇ مۇسابىقىدە ھېچقانداق بىر چېمپىيون بەلگىلەنمەيدۇ، لېكىن ھەممىىزنى ھاياجانغا سالىدۇ. بۇ مۇسابقە خەيىر ساخاۋەت ئۈچۈن ئويۇنلاشتۇرۇلدى.
ئانىلى بۇ ھەقتە توختىلىپ:بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ۋېئالى بىلەن نېدۋېدنىڭ بىر ۋاقىىتتا مايدانغا چىقىشىنى ئويلاپ ،دەرھال بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى قارار قىلدىم ، بۇ مەيدان خەيىر ساخاۋەت مۇسابقىسىنى بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز .
خەۋەردە دىيىلىشىچە ئىككى تەرەپتىن چىقىدىغانلاردىن فېگو، زىدانى ، نېدۋېد ، خېررو قاتارلىقىلار بار بۇلۇپ ، ئەڭ دىققەتنى تارتىۋاتقىنى يەنىلا زىدانى . چۈنكى زىدانى ھەر ئىككى كۇلۇبتا توپ ئويناپ باققان ، زىدانىنىڭ ھەر ئكىكى تەرەپ ئۈچۈن يېرىم مەيداندىن مۇسىابىقە ئويناش مۇمكىنچىلىگى يوق ئەمەس .... |
|