پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 825|ئىنكاس: 18

كاۋانى بىلەن فالكاۋ تالاشتا قالدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆك بايراقلار لەپىلدىمەكتە!

70

تېما

0

دوست

2585

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8866
يازمىسى: 2585
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 72657
تۆھپە: 1131
ۋاقتى: 1544
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 21:40:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuyaxoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-24 21:48  


كاۋانى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە چاقناۋاتقان ھەممە ئىتراپ قىلغان چولپان. بۇ پەسىللىك بىرلەشمىدە كاۋانى ناپولى ئۈچۈن 23 توپ كىرگۈزدى. ناپولىمۇ بىرلەشمىدە مىلان، ئىنتېر، فىلورىنسىيە، رىم قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلارنى بىسىپ ئىككىنچى ئورۇندا كېتىۋاتىدۇ. ناپولىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىدە كاۋانىنىڭ تۆھپىسى كۆپ ئەلۋەتتە. شۇڭا نۇرغۇن زەردار كۇلۇبلارنىڭ كاۋانىغا كۆزى چۈشتى. كاۋانىنىڭ يۆتكىلىشى توغرىلىق خەۋەر چىققىلى ئۇزۇن بولدى. بۇلتۇرلا چېلسى كاۋانى ئۈچۈن خېلى كۈچەپ توختاپ قالدى. ئەمدى بۇ پەسىل ئاخىرلىشىش ئالدىدا كاۋانى يەنە قىزىق نۇقتا بولۇشقا باشلىدى. ھازىر كاۋانى ئۈچۈن ئەڭ كۈچەۋاتقىنى مانچىستېر شەھەر كۇلۇبى. مەنچىنى بۇلتۇر يازلىق يۆتكىلىشتە ۋانپېرىسنى قولدىن بەرگەنگە يەتكۈچە پۇشايمەن قىلدى. ۋان پېرىس بۇ پەسىل ئالۋاستىلار ئۈچۈن 24 توپ ئۇردى شۇنداقلا ھەم كۇلۇبنىڭ مۇددەتتىن تۆت ئايلانما بۇرۇن چىمپىيون بولۇشىغا كۈچ قوشتى. شەھەر بۇ پەسىل بىرلەشمىدىن قۇرۇق قالدى، ئۇزغۇنلۇقتىن گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ كەينىدە قىلىپ ئىچىنىشلىق شاللىنىپ كەتتى. شەھەر قەتئى نىيەتكە كېلىپ كىلەر يىلقى بىرلەشمە ۋە ئۇزغۇنلۇقتا ياخشى نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن كاۋانى بىلەن توختاملاشماقچى بولدى.مانچىستېر تەرەپ كاۋانىنىڭ توختام بۇزۇش ھەققى 53 مىليون فوندسىتىرلىڭ دەپ قارىغان ھەم كاۋانىغا ھەپتىسىگە 25.6 تۈمەن فوندسىتىرلىڭ يۇقۇرى مائاش بەرمەكچى بولغان لېكىن مانچىستېر شەھىرى ئۇچرايدىغان رىقابەت ۋە مۇشكۇلات ئاز ئەمەس. ناپولى كۇلۇبى كاۋانىنىڭ كىتىپ قىلىشىنى خالىمايدۇ. ناپولى تەرەپتىن دىلاۋرۇنتىس مۇنداق دەيدۇ.: بىز توختام بۇزۇش ھەققى ئۈچۈن 70 مىليون ياۋرۇ يەنى تەخمىنەن 60 مىليون فونىستىرلىڭلىق بىر شەرتنامە تەييارلىدۇق ئەگەر قايسى كاللىسى ئېلىشىپ قالغان بۇ باھادىن ئاشۇرالىسا بىز ئۇلار چىقارغان باھانى ئاڭلاپ باقساق بولىدۇ.
مانچىستېرنىڭ رىقابەتچىلېرىدىن يەنە پارىژ سانت گىرمان كۇلۇبى بار. پارىژ تەرەپ كاۋانى ئۈچۈن يەتتە مىليون فوندسىتىرلىڭلىق يىللىق مائاش تەييارلىغان بۇ مائاش كاۋانى ئېرىشىدىغان مۇكاپاتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىبراموۋىچنىڭ يۇۋىنتۇسقا قايتىشى توغرىلىق گەپلەر چىققىلى ئۇزۇن بولدى. مىلانمۇ لاۋىچنى قوشىۋالماقچى بۇنداق بولغاندا پارىژ كىلەر پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق ئۈچۈن قاتىل ھۇجۇمچىدىن بىرگە مۇھتاج بولىدۇ. لېكىن بۇ ئۈچىدىن سىرت يەنە بىر كۈچلۈك رىقابەتچى خانلىق مادرىد كۇلۇبى. مادرىد تەرەپمۇ خېلىدىن ياقى كاۋانىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ مۇھىمى كاۋانى ئۆزىنىڭ مادرىدقا بارغۇسى بار. بېرنابودا توپ تېپىش كاۋانىنىڭ ئارزوسى. مادرىد ئېھتىمال كاۋانىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تاللىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. چېلسى تەرەپ بولسا كاۋانىدىن ۋاز كېچىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن فالكاۋنى قوغلاشماقتا.


فالكاۋ مادرىد رىقابەتنى يىتەكلەپ بىرلەشمىدە ئۈچىنچى ئورۇندا كېتىۋاتىدۇ. فالكاۋ بىرلەشمىدە 25 توپ ئۇرۇپ مىسسى رونالدودىن كېيىن مەرگەنلىك قاتارىدىمۇ ئۈچىنچى ئورۇندا كېتىۋاتىدۇ. فالكاۋغا قىزىقىۋاتقان كۇلۇبلارمۇ ئاز ئەمەس. مادرىد تەرەپمۇ فالكاۋغا ئېرىشىشنى ئارزو قىلىدۇ. لېكىن مادرىد رىقابەت بىر شەھەردىكى رىقابەتچىسى خانلىق مادرىدقا فالكاۋنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى خالىمايدۇ. يىقىندىن فوگسىنمۇ فالكاۋنى تىرانفوردقا ئېلىپ كېلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. پارىژ بىلەن شەھەرمۇ فالكاۋغا قىزىقۋاتىدۇ. لېكىن فالكاۋ ئۈچۈن ئەڭ كۈچەۋاتقىنى يەنىلا چېلسى. چېلسى بىلەن مادرىد رىقابەتنىڭ بۇ جەھەتتە ئالاقىسى خېلى قۇيۇق بۇلۇپمۇ چېلسىدىن مادرىد رىقابەتكە ئىجارىگە بېرىلگەن 20 ياشلىق بىلگىيەلىك ۋارتار كۇرتوۋانىڭ يىقىنقى ئىككى يىلدىن ياقى مادرىد رىقابەتتىكى ئىپادىسى ناھايتى قالتىس. كىشىلەر تەرىپىدىن ئىزچىل چېخنىڭ ئىزباسارى دەپ قارىلىپ كەلگەن كۇرتۇۋانى ئەسلى چېلسى ئىنگىلاندتىكى بىرەر كۇلۇبقا يەنە بىر يىل ئىجارىگە بېرىپ چىنىقتۇرۇشنى پىلانلىغان لېكىن مادرىد رىقابەت كۇرتوۋانى يەنە بىر يىل ئىجارىگە ئېلىش توغرىلىق چېلسى بىلەن توختاملاشماقچى چېلسى تەرەپ بولسا كۇرتۇۋانى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ فالكاۋغا ئېرىشمەكچى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا فالكاۋنىڭ يۆتكىلىش باھاسى 46 مىليون فوندسىتىرلىڭدىن كەم بولمايدىكەن ئابلاباي يەنە فالكاۋ ئۈچۈن ھەپتىسىگە 20 تۈمەن فوندسىتىرلىڭ مائاش تەييارلىغان.  چېلسى فالكاۋغا ئېرىشىش ئۈچۈن كاۋانىدىن رەسمى ۋاز كەچكەن. فالكاۋمۇ ئابلاباينىڭ تەكلىبىگە بىنائەن چېلسىنىڭ كېبام مەشق مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. توررېس بىلەن دىمبابانىڭ ئىپادىسى تۇراقلىق بولمايۋاتقان ھازىرقى ۋاقتلاردا چېلسى فالكاۋغا ئوخشاش بىر قاتىل ھۇجۇمچىغا مۇھتاج.

2

تېما

8

دوست

1664

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11712
يازمىسى: 1664
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1860
تۆھپە: 1956
ۋاقتى: 427
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 21:54:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فالكاۋ چىلسىغا باردىغاندەكلا
ئېغىر بولغاچ غەم يىمەيدۇ كەلكۈندىن تاغ ، يەڭگىللىكتىن تۇزۇپ كىتەر قامغاقتىن

ئاكاڭ كىمتى ؟؟؟؟

152

تېما

2

دوست

4788

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8401
يازمىسى: 4788
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 3187
تۆھپە: 1011
ۋاقتى: 2274
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 21:57:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئككىسنڭ خەۋىرگىمۇ  بىر يىلدىن ئاشتى ،،،يا  بىر  يۆتكەلمىدى
يەتتە بۆرە رىۋايىتى

0

تېما

0

دوست

103

جۇغلانما

زىيارەت چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12524
يازمىسى: 103
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 332
تۆھپە: 110
ۋاقتى: 25
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 22:07:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كۆك بايراقلار لەپىلدىمەكتە!

70

تېما

0

دوست

2585

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8866
يازمىسى: 2585
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 72657
تۆھپە: 1131
ۋاقتى: 1544
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 22:07:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ بۇلتۇر يۆتكىۋالمىغانغا پۇشايمان قىلىپ بۇ يىل يۆتكىمەكچىمىز.

داۋاملىق ئالغا م

76

تېما

1

دوست

4087

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  541
يازمىسى: 4087
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 3434
تۆھپە: 224
ۋاقتى: 794
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 22:13:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما قىتىم فالكاۋ ئىنىقلا كىتىشى مۈمكىن، كاۋانىنىڭمۇ نابروستىكى كۈنلىرى بىر يەرگە بىرىپ قالدى... ھەر ئىككىلىسى يامان ھۇجۇمچىلار...

messi san ang noqisi

2

تېما

0

دوست

150

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9825
يازمىسى: 150
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 476
تۆھپە: 100191
ۋاقتى: 45
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 22:45:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاختى كەلگەندە كۇرمىسەك ھەممىسى پىچەك گەپ خالاس

0

تېما

0

دوست

59

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12483
يازمىسى: 59
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 248
تۆھپە: 68
ۋاقتى: 22
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 23:42:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىتقا سۇئارىز ئەڭ ماس كىلىدۇدەپ قارايمەن،مادرىتتا كەم بولىۋاتقىنى دەل سۇئارىزدەك توپ ئۇرۇش ئىستىكى
كۈچلۈك ئۇتتۇرا ھۇجۇمچى .
ئۇيغۇرلار تېرىشايلى!

1

تېما

31

دوست

633

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11008
يازمىسى: 633
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1622
تۆھپە: 95357
ۋاقتى: 365
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 00:07:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىتقا ئاگۇيرۇ ئەڭ ماس كېلىدۇ،لېكىن بۇ شەھەرلىكلەر قانداق قىلاكىن،

غەلبە تىرىشقانل

11

تېما

0

دوست

1409

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10621
يازمىسى: 1409
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 7159757
تۆھپە: 1135
ۋاقتى: 198
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 00:13:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوڭىنى كۆتۈرگەن كالا چىشماي قالمايدۇ،ئاز قالدى بۇ ئىككىسىنىڭ ئىشىنىڭ ئاخىرى چىقىدىغانغا

غەلبە تىرىشقانل

11

تېما

0

دوست

1409

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10621
يازمىسى: 1409
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 7159757
تۆھپە: 1135
ۋاقتى: 198
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 00:13:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە ئابلاباي فالكاۋنى يەڭ ئىچىدىلاكەلتۈرۈپ بولدىمىكىن

1

تېما

0

دوست

423

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12092
يازمىسى: 423
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 662
تۆھپە: 431
ۋاقتى: 86
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 10:27:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېزراق يۆتكەلسە بۇلاتتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )