- تىزىملاتقان
- 2012-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1009
- نادىر
- 2
- يازما
- 1009
|
دىيارىمىز ۋاقتى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ، ياۋرۇپا چېمپيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تۇنجى ئۇچرىشىشىدا ، بايرىن ميۇنخىن 4 دە 0 نەتىجە بىلەن بارسېلونانى تولۇق يېڭىپ ، ئۇزغۇنلىق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ چوڭ نومۇر پەرىقنى ياراتتى . بۇ مۇسابىقە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىگە ئايلاندى ، بەزىلەر بايرىننىڭ ئىپادىسىگە قايىل بولسا ، بەزىلەر بارسېلونانىڭ ئىچىنىشلىق مەغلۇبىيتىدىن ھەيران قىلىشتى .
گېرمانىيە «رەسىم گېزىتى» : بۈيۈك بايرىن ! ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۆسۈپ كىردى !
----------------------
گېرمانىيە «توپ تەپكۈچى» : 4-0 ! بايرىن بارسانى سۈپۈرۈپ تاشلىدى ، نىشان--لوندون !
----------------------
«ميۇنخىن كەچلىك گېزىتى» : بايرىن بارسېلونانى «يانجىۋەتتى» !
----------------------
ئىسپانىيە «ماركا گېزىتى» : ئىچىنىشلىق مەغلۇبىيەت !
----------------------
ئىسپانىيە «ئاس گېزىتى» : بارسېلونا ، ئاياغلاشتى !
----------------------
ئىسپانىيە «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» : ميۇنخىن پاجىئەسى .
----------------------
«مىلان تەنتەربىيە گېزىتى» : 4-0 بايرىن بارسېلونانى «يانجىۋەتتى» !
----------------------
«رىم تەنتەربىيە گېزىتى» : بايرىن بارساغا دەرس ئۆتتى .
----------------------
«تۇرىن تەنتەربىيە گېزىتى» : خەير خوش بارسا !
----------------------
ئەنگىلىيە «تېمس گېزىتى» : قالتىس بايرىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويدى .
----------------------
«كۈنلۈك پوچتا گېزىتى» : مېسسى ۋېمبلىي غا كىرىشتە مۈشكۈلاتقا ئۇچرىدى .
----------------------
فرانسىيە «كوماندا گېزىتى» : خىيالىي بايرىن
----------------------
پورتۇگالىيە «رېكورد گېزىتى» : خرۇستال چېقىۋىتىلدى !
----------------------
تۈركىيە «ئەسەبىي گېزىتى» : بايرىن بارسېلونانى ئۇجۇقتىرىۋەتتى.
----------------------
گوللاندىيە «تىلگراف گېزىتى» : بارسانىڭ دەۋرى ئاخىرىلاشتىمۇ ؟
----------------------
برازىلىيە جاھان تورى : بارسا تېخى قۇرال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولمىدى .
----------------------
«نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى» : بايرىن ميۇنخىن قورقۇپ كەتكەن بارسېلونانى بوي سۇندۇردى .
----------------------
ياپونىيە «سەھەر گېزىتى» : بايرىن مۇكەممەل ھالدا بارسانىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتىۋالدى .
---------------------
ئامېرىكا «خۇففىنتون پوچتا گېزىتى» : نەزەر : مۇللېرنىڭ توپ كىرگۈزىشى ، ئەجەللىك پىسى ۋە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشى
---------------------
گوللاندىيە «ئاۋام گېزىتى» : بايرىن ۋە روبىن بارسادىن كونا قىساسىنى ئالدى
---------------------
روسىيە «تەنتەربىيە تېز گېزىتى» : بارسا -- ۋاقتى ئۆتتى
---------------------
ئارگېنتىنا «ئولې گېزىتى» : ئۇ چېمپيونلۇقتىن يىراقلاشتى
---------------------
ئاۋسترىيە «ئۆلچەم كۈنلۈك گېزىتى» : بايرىن بارسېلونادىن كۆپ ئۈستۈن
---------------------
|
|