- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7098
- نادىر
- 16
- يازما
- 7098
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-24 19:51

بۈگۈن سەھەردىكى ياۋروپا ئۇزغانلىق يېرىم ھەل قىلغۇچتا ،بايرىن مىيۇنخىن بارسېلوناغا تۆت توپ ئۇرۇپ غەلىبە قىلدى .توماس موللېر ،گۇمىس ،روبىىن قاتارلىق داڭدارلار توپ ئۇردى .بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ،ئوتتۇرچە بوي ئىگىزلىكى بىر مېتىر 77 سانتېمېتىر كېلىدىغان بارسېلونا ماھىرلىرى ( مېسسىمۇ بار ) بايرىننىڭ بوشلۇقتىكى بومباردىمان خاراكتىردىكى ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمىدى .ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ، پىك ۋە سانچېس ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قول توپ بولدى . بىراق ۋېنگرىيىلىك باش رېپىر جازا بەرمىدى .( بۇمۇ تالاش -تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلە ) بارسېلونامۇ ئوخششلا ئۇۋالچىلىققا ئۇچىردى .يەنى ، بايرىننىڭ دەسلەپتە كىرگۈزگەن ئۈچ توپى ئوفسايىت !
بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى باش رېپىر ۋېكتور بۇ يىل 37 ياش ، باسما ماتىرياللىرىنى سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇلانغان .2011-2012-يىلدىكى مانچىستىر بىرلەشمىسى بىلەن بارسېلونا ئوتتۇرسىدىكى ئۇزغانلىق ھەل قىلغۇچقا رېپىرلىق قىلغان .بۇ پەسىل بارسېلونا 4 : 0 ئا س مىلاننى يەڭگەن مۇسابىقىدىكى رېپىرمۇ دەل مۇشۇ ئادەم ،شۇ چاغدا مۇسابىقىنى يامان -ئەمەس بىر تەرەپ قىلغان .شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن . ئەمما بۇ قېتىم كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ رېپىر كەسپى خاتالىق ئۆتكۈزدى دېگەن .
1-توماس موللېرنىڭ كىرگۈزگەن توپى : دەنتى بارسېلونا ماھىرى ئارۋېسنىڭ يەلكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئېگىز سەكرەپ موللېرغا كاللا بىلەن پاس چىقارغان .موللېر بۇ توپنى ئۈسۈپ كىرگۈزگەن .بىراق بۇ توپ قائىدىگە خىلاپ !
2-گومىسنىڭ كىرگۈزگەن توپى : موللېر چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە كاللا بىلەن گومىسقا توپ يەتكۈزۈپ بەرگەن .لېكىن بۇ چاغدا گومىس ئوفسايىت ئورۇندا ئىدى ...
3-روببىنىڭ كىرگۈزگەن توپى : بۇمۇ ئېنىقلا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت جەريانىدا كىرگەن توپ ،موللېر خۇددى ۋاسكېتبولچىدەك ئالبانىڭ ئالدىنى تۇسۇپ يىقىتىپ روبىنغا ئازادە توپ ئۇرۇش بوشلۇقى يارىتىپ بەرگەن .روبېن تەمكىنلىك بىلەن بۇ توپنى تېپىپ كىرگۈزگەن .

|
|