- تىزىملاتقان
- 2012-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 984
- نادىر
- 2
- يازما
- 984
|
ياخۇ تەنتەربىيە تورى خەۋىرى :
ئوپراتسىيەدىن كېيىن بىلانوۋانىڭ كانىيى ئىزچىل ياخشى بولالمايۋاتىدۇ ، شۇ سەۋەبتىن بۇ پەسىل ئاخبارات يىغىنلىرىغا قاتنىشالماسلىقى مۆمكىن . لېكىن مەشىق مەيدانىدا ، بىلانوۋا ھەر بىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ،كوماندا ئەزالىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى تۇختۇتۇپ قويغىنى يوق . ‹‹ دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى ›› نىڭ ئاشكارلىشىچە ، بىلانوۋا كوماندا ئەزالىرىغا ئارىئاندا چوقۇم توپ ئۇرۇشى كېرەكلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن .
بىلانوۋا بارسىلونا كوماندا ئەزالىرىغا : ‹‹ بۇ قېتىمقى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇزۇپ چىقىش ياكى شاللىنىشىمىزنىڭ %80 ى مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىغە باغلىق . بۇ مەيدان مۇسابىقە بىز ئۇچۇن ئەڭ موھىم ئۆتكەل . بىز ئۇچۇن ئەڭ موھىمى توپ ئۇرۇش ، گېرمانىيىدىن ھەرگىز قۇرۇق قول قايتىشقا بولمايدۇ . ›› دەپ تەكىتلىگەن . دېمىسىمۇ ، بۇ ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ بىرىنچى ئۇچرىشىشىدا، مېھمان مەيداندا توپ ئۇرۇش ھەممىدىن موھىم . ئەگەر بارسىلونا مېھمان مەيداندا توپ ئۇرالمىغان تەقدىردە ، ھېچ بولمىسا 0:0 بولۇشى كېرەك . بۇنداق بولغاندا بايرېننىڭ كامپ نودىكى مۇسابىقىسىمۇ بىر قەدەر قىيىنغا توختايدۇ .
بۇ مۇسابىقىدە بارسىلونانىڭ ئارقا مۇداپىيە سېپىدە بىرقەدەر قىيىنچىلىق بار . پۇيول بىلەن ماسچېرانو يارىدار ، بۇ مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشالمايدۇ . ئادرېيانو بولسا مۇسابىقىدىن توختىتىلغان ، ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئەسلىگە كېلىدۇ ، بىراق پۇيول بىلەن ماسچېرانونىڭ مەيدانغا قايتىپ كېلىشى نامەلوم . بۇ قېتىم بارسىلونا ئارقا سېپىدە خەۋىپ مەۋجۇت ، پېكې ، ئالبا ۋە ئوتتۇرا بېك نامزاتىنىڭ بىرسى بولغان سوڭ بۇ مەيداندا سېرىق كارتا بىلەن جازالىنىپلا قالسا ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا مەيدانغا چىقالمايدۇ .
ئىنېستاغا نىسبەتەن بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنېستانىڭ بارسىلوناغا ۋاكالىتەن ئوينىغان 448-مەيدان مۇسابىقىسى ، شۇنداقلا بۇ مەيدان مۇسابىقە بىلەن تەڭ ، لېكساچتىن ئېشىپ ، بارسىلونا تارىخىدا 5 ئورۇنغا چىقىدۇ . ئىنېستانىڭ ئالدىدا تۇرۇدىغانلاردىن پەقەت شاۋې ( 669 مەيدان ) ، پۇيول ( 581 مەيدان ) ، مېگېل ( 549 مەيدان ) ۋە ۋالدېس ( 496 مەيدان ) قاتارلىقلار بار . ئالۋېسنىڭ بولسا بارسىلوناغا ۋاكالىتەن ئوينايدىغان 250-مەيدان مۇسابىقىسى ، ئالۋېس 2008-يىلى بارسىلوناغا قوشۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە 249 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ 16 توپ ئۇرۇپ بولدى .
بارسىلونانىڭ مەستانىلىرىغا قىززىغان بىر مەيدان مۇسابىقە سۇنۇشىنى ئۇمىد قىلىمەن !!~
|
|