- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7098
- نادىر
- 16
- يازما
- 7098
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-23 20:42

نېيمارنىڭ بارسېلوناغا كېلىشى مۇقىملاشتى !
دىيارىمىز ۋاقتى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى فىرانىسيە تاراتقۇسى « تەنتەربىيە 10 » نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ،بىرازىلىيە خەلقىنىڭ پەخىرى نېيمار مۇشۇ 10 كۈننىڭ ئىچىدە بارسېلونا كۇلۇبى بىلەن رەسمى توختام ئىمزالايدىكەن .يۆتكىلىش باھاسى 40 مىليون ياۋروغا يېتىدىكەن .نېيمارنىڭ نامى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا دۇنياغا تارالغان بولۇپ .شۇنىڭ بىلەن بىرگە نېيمار ياۋروپاغا كېلىپ توپ ئوينايدۇ دېگەن خەۋەر ئۈزۈلمەي چىقىشقا باشلىغان .بىراق ياۋروپاغا قايسى ۋاقىتتا كېلىدىغىنى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىغان .ئىلگىرى نېيمار توغرىلىق چىققان خەۋەرلەردە ،2014-يىلدىكى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نېيمار بىرازىلىيەدىن ئايرىلىدۇ دىيىلگەن . بارسېلونا كۇلۇبى بولسا نېيمارنىڭ دادىسىنى قايىل قىلىپ نېيمارنى مۇددەتىن بۇرۇن يۆتكەپ كەلمەكچى بولغان .ھازىرقى خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە ،ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىردا ،نېيمارنىڭ دادىسى ۋە نېيمارنىڭ ۋاستىچىسى بارسېلونا كۇلۇبىغا كېلىپ مەخپى سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ . ئىككى تەرەپ ھەممە ئىشلاردا بىردەكلىككە كېلىپ بولغان .بۇ يىل يازدا ، يەنى ،خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، نېيمار رەسمى بارسېلوناغا قاراپ ئاتلىنىدىكەن . پەۋقۇلئادە بىرەر ئۆزگۈرۈش بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ،ئىككى تەرەپ مۇشۇ 10 كۈن ئىچىدە دەسلەپكى كېلىشىمنامىنى ئىمزالايدىكەن .
 |
|