- تىزىملاتقان
- 2011-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2571
- نادىر
- 12
- يازما
- 2571
 
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-23 22:11
tagderem يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 20:21 
ئەمىلىيەتتە سول تەرەپ ئۇنچىۋالا ئەنسىرگىدەك دەرىجىد ...
مېنىڭچە راموس يەنىلا ئوڭ تەرەپنى ئوينىغىنى تۈزۈك. سول تەرەپكە ناچىئونى سىناپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يەنە بىر خىل ئېھتىماللىق بولسا پې پې بىلەن كارۋالۆ ئوتتۇرا مۇداپىيە ئويناپ، راموسنى سول مۇداپىيەگە، ۋاراننى ئوڭ مۇداپىيەگە قويسىمۇ مېنىڭچە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. مورىنىئو قايسى كۈنىدىكى ئىسپان بىرلەشمىسىدىمۇ ۋاراننى يارلانغان مارسىلو بىلەن ئالماشتۇرۇپ مەيدانغا چىقىرىپ، ئوڭ مۇداپىيەدىكى ناچىئونى سولغا يۆتكەپ ۋاراننى ئوڭ مۇداپىيەگە قويىۋىدى، بۇ بالا ئۆزىنىڭ يان مۇداپىيەدىمۇ ئاربىلويادىن قېلىشمىغۇدەك ئوڭ يان مۇداپىيەچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئەگەر ناچىئو ئاساسلىق ئەزا بولۇپ چۈشەلمىگەن شارائىتتا راموس سول مۇداپىيەنى ئوينىمايمۇ ئامال يوق. (لېكىن راموسنىڭ سول مۇداپىيە ئوينىغان ۋاقتى بەك كەم ئۇچىرايدۇ).
مېنىڭچە مۇھىم ئورۇن يەنىلا ئوتتۇرا مەيدان. ئەگەر ئوتتۇرا مەيداندىكى ئەزالار ھۇجۇم بىلەن مۇداپىيە ئارىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمىسا ئۇ چاغدا قايتارما ھۇجۇمنىڭمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ، ئۇزۇن پاسقىلا تايىنۋالغان بىلەنمۇ ئۈنۈم بېرىشى ناتايىن.
ئىشقىلىپ قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن 25-چىسلا تاڭ سەھەردە مادىرىد ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھەرە ئۇۋىسىنى چۇۋۇۋېتىشىنى تىلەيمەن. |
|