ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4767 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۈگۈن ئەڭ خوش بولغان ئادەم ۋانپىرىس ئارسىنالدىن كىلىپلا بىرلەشمە مەرگىنى بۇلۇش چىمپىيۇن بۇلۇش .
ئەينى ۋاقىتتا باتىستوتامۇ فىلورىنسادىن بىرلەشمە ئۇزغۇنى بۇلۇش ئۈچۈن رىمغا يۆتكەلگەن ھەم ئارزۇيى ئەمەلگە ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە ۋانپىرىسمۇ دەل شۇنداق بولدى . مۇبارەك بولسۇن ۋانپىرىس كىم ۋانپىرىس رونىنىڭ ئورنىنى تارتىۋالدى دەيدۇ ۋانپىرى ئۇرغان توپنىڭ يېرىمىدىن كۆپىدە رونىنىڭ تۆھپىسى بار . سەن ھەقىقى ئالۋاستىنىڭ يادروسى . سەن چۇقۇم روي كېن ، كانتونا ، جورجى بېستلاردەك مانچىستىرنىڭ ھەقىقى روھى تۈۋرۈكى بۇلالايسەن . مۇبارەك بولسۇن بودەك ..
گىگىس ھەي قېرىمايدىغان توپچى مەن بالا ۋاقتىمدا سىنىڭ مەيداندا چېپىپ يۈرگەنلىرىڭنى كۆرگەن ئىدىم مانا ھازىر بالاممۇ سىنىڭ مەيداندىكى شۇ چېپىپ يۈرگەنلىرىڭنى كۆرىۋاتىدۇ . سىنىڭ ھەر قېتىم مەيدانغا چۈشكىنىڭنى كۆرگەندە شۇنداق ھاياجانلىنىمەن . سىنىڭ يەنە بىرەر يىل مۇشۇنداق ئىسىل ئىپادەڭنى ساقلاپ قېلىشىڭنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .. مۇبارەك بولسۇن گىگىس مۇبارەك بولسۇن .
سىكولىس سەنمۇ گىگىس بىلەن مانچىستىر ئۈچۈن بارلىقىڭنى بېغىشلىدىڭ . ئاللىبۇرۇن چىملىقتىن خوشلاشقان بولساڭمۇ مانچىستىر قىيىن كۈنگە قالغاندا يەنە چىملىققا قايتىپ كىلىپ مانچىستىرنىڭ قىيىن كۈندىن قۇتۇلىشىغا ياردەم قىلدىڭ رەھمەت ساڭا بۇ يىل چىملىقتىن رەسمى ئايرىلىسەن مانا مۇشۇ لوڭقا سەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سوۋغا مۇبارەك بولسۇن.
رافائىل ھەيى شاكىچىك مەن ئامراق ئاشۇ نەچچە بىرازىلىيانلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى ئىلگىرلىشىڭ ناھايىتى ياخشى بۇلىۋاتىدۇ . ئەينى ۋاقىتتا قوشكىزەكلەر مانچىستىرغا كەلگەن ۋاقىتڭلار ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا ئاكاڭنىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ لىكىن سەن تىرىشچانلىقىڭ بىلەن ئاساسلىق ئورنۇڭنى مۇقىمدىدىڭ. مانچىستىرنىڭ پەخرى نىۋىل قالدۇرغان 2 نومۇرنى كەيگەندە ھەممىسى سىنى بۇ ئۇرۇننىڭ ھۆددىسدىن چىقالارمۇ دىگەن لىكىن سەن بۇ پەسىل ئۆز تىرىشچانلىقىڭ بىلەن گۇمانلارنى يوق قىلدىڭ . سەن تېخى ياش كەلگۈسۈڭ پارلاق .. مۇبارەك بولسۇن شاكىچىك ئاكاڭنىڭمۇ ياخشى ئىپادىسىنى تېپىۋېلىشىغا ياردەم قىلغىن .
ھەممە مانچىستىرچىلارغا ۋە مانچىستىرغا مەدەت بەرگەنلەرگە مۇبارەك بولسۇن مانا ئەمدى رەسمى ئىنگىلاندنىڭ غوجىسى بولدۇق ............ مۇبارەك بولسۇن مۇبارەك بولسۇن مۇبارەك بولسۇن ............
ئالدىراش بۇلۇپ قالدىم خوشاللىقىمدا نۇرغۇن گەپلەر بار ئىدى قالغىنىنى ئەتە .............. |
|