- تىزىملاتقان
- 2007-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6000
- نادىر
- 32
- يازما
- 6000
|
قىزىل ئالۋاستىلار مۇدەتتىن بۇرۇن چېمىپيون بولدى !

بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 34-ئايلانما مۇسابىقىسىدە ، مانچىستېر بىرلەشمسى ئۆز مەيدانى كونا تىرانفوردتا 3-0 نەتىجە بىلەن ئاستون ۋىللا كوماندىسى يېڭىپ ، كۇلۇب تارىخىدىكى 20-قىتىملىق بىرلەشمە چېمىپيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى ! بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گوللاندىيلىك ھۇجۇمچى ۋان پېرسىي 3 توپ ئۇرۇپ قالپاق كەيدى ۋە بۇ يىللىق بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۇرغان توپى 24 كە يەتتى ! شۇنداق بولغاندا مەرگەنلەر قاتارىدا لېۋىرپول مەرگىنى سۇئارېزدىن ئىشىپ مەرگەنلەر رەت تەرتىۋىدە 1 -لىككە ئۆتتى ! مۇبارەك ساڭا قىزىل ئالۋاستى ! مۇبارەك ساڭا قىرى سىر ! مۇبارەك ساڭا كوماندا پىشقەدەمى گىگىس ! مۇبارەك ساڭا مەرگەن ۋان پېرسىي ! مۇبارەك ساڭا .........
ۋان پېرسىينىڭ مۇسابىقىدىكى 1-توپى
ۋان پېرسىينىڭ مۇسابىقىدىكى 2-توپى
ۋان پېرسىينىڭ مۇسابىقىدىكى 3-توپى
مۇسابىقىنىڭ قىزىق نۇقتىلىرى : (1) بۇ ئايلانما مۇسابىقىلەرگە قارايدىغان بولساق مانچىستېر شەھىرى 1-3 نەتىجە بىلەن توتتىنىھامغا ئۇتتۇرېۋەتكەچكە ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مانچىستېر بىرلەشمىسى ئاستون ۋىللانى ئۇتسىلا مۇدەتتىن 4 ئايلانما بۇرۇن بۇ يىللىق بىرلەشمىنىڭ چېمىپيونلۇقىغا ئېرىشىدۇ . ئاخىرىدا قىزىل ئالۋاستىلار 3-0 نەتىجە بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، كۇلۇب تارىخىدىكى 20- لوڭقىنى قولغا ئالدى . (2) ۋان پېرسىي ئاساسلىق تۆھپىكار ! ۋان پېرسىينىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇرغان 3 توپى بىلەن مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ غەلبە دەرۋازىسىنى ئاچتى . ۋە بىرلەشمىنىڭ مەرگەنلەر قاتارىدا 1- لىككە ئۆتتى . (3) رۇنىينىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىسى مانچستېر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن رەسمى 400-مەيدان مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رۇنېي ياردەمچى باش چىقاردى . بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسىلدە رۇنېي 10 ياردەمچى پاس بىرىپ ، ياردەمچى پاس بېرىش رەت تەرتىۋىدە ماتادىن قالسا 2- ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ .
|
|