- تىزىملاتقان
- 2007-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5959
- نادىر
- 32
- يازما
- 5959
|
ئېنگىلاد پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى سۇئارېزغا جازا بەرمەكچى !

بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەردە ، ئېنگىلاد پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۆز توربىكتىدە لېۋىرپول كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى لۇيىس .سۇئارېزنىڭ چېلسىي بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قارشى تەرەپنىڭ بىكى ئىۋانوۋىچنىڭ قولىنى چىشلىگەنلىك ئېغىر ھەرىكىتى ئۈچۈن جازا قوللىنىپ ، بۇ ئىشنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى !
بۇ يىللىق ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 34-ئايلانما مۇسابىقىسىدە ، لېۋىرپول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 2-2 نەتىجىدە چېلسي كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى . ساھىبخان كوماندا لېۋىرپول كوماندىسىنىڭ ئۇرۇگۋايلىق ھۇجۇمچىسى لۇيىس .سۇئارېز مۇسابىقە جەريانىدا قارشى تەرەپ چېلسىي كوماندىسىنىڭ بىكى ئىۋانوۋىچنىڭ بىلىكىنى چىشلىگەن سەۋەبلىك نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تالاش -تارتىشىنى قوزغىدى . گەرچە مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سۇئارېز ئىۋانوۋىچتىن ئاشكارا كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ ، ئىۋانوۋىچمۇ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرمەيدىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئېنگىلاد پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى سۇئارېزنىڭ بۇ ھەرېكىتى ئۈچۈن جازا بەرمەكچى !
يەرلىك ۋاقتى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ، ئېنگىلاد پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۆز توربىكتىدە : « پۇتبولچىلار بىرلەشمىمىز لېۋىرپول ھۇجۇمچىسى سۇئارېزنىڭ زورۋانلىق تۈسىدىكى ھەرېكىتىنى تىلغا ئېلىپ ئەيىبلىدى . ئەيىبلەشتىكى سەۋەب ئالدىنقى كۈنى ئەنفىرىد تا ئۆتكۈزۈلگەن لېۋىرپول __چېلسى مۇسابىقىسىدە چېلسىينىڭ بىكى ئىۋانوۋىچ سۇئارېزنىڭ زوراۋانلىق تۈسىدىكى ھەرېكىتىگە ئۇچرىغان . بۇ ئىشنى شۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى باش رېپىر دىققەت قىلىمىغان ، نۆۋەتتە قايتا كۆرۈنۈش ئارقىلىق بۇ ئىش ئاشكارېلانغان . ھازىرقى مۇنازىردا سۇئارېزنىڭ بۇ ھەرېكىتى تامامەن زوراۋانلىق تۈسىگە كېرىدۇ . بىرلەشمىمىزنىڭ پىكرىچە سۇئاېزنىڭ بۇ قىلىمىشىغا باشقا ئەھۋال بولمىغان ئاساستا 3 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسى بېرىلىدۇ . ئۆلچەمنى ئاساس قىلغاندا بۇ قىلمىشقا 3 مەيداندىنمۇ ئۇشۇق جازا بېرىلىشى مۇمكىن .
ئېنگىلاد پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ ، يەرلىك ۋاقتى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن 6 تىدىن بۇرۇن ، سۇئارېز بۇ ئىشقا قارىتا چوقۇم ئىنكاس بىرىشى كېرەك . 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ، پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈپ ئېنقىلاش گۇرۇپپىسىنى قۇرىدۇ ، ۋە بۇ ئىشنى تىگىدىن ئېنىقلايدۇ . ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ، سۇئارېزغا بېرىلىدىغان جازا 3 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش ، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر جازا بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن .
ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگىلىيە تاراتقۇسى « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، بۇ ئىش ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرۇننى چۆچۆتكەن . ۋە بۇ ئىشنى چوڭقۇر ئويلاپ بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان ! |
|