- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7098
- نادىر
- 16
- يازما
- 7098
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-21 23:36

رونالدو : ئەگەر C.رونالدو باشقا دەۋىردە بولغان بولسا چۇقۇم دۇنيادا 1-ئۇرۇندا تۇراتتى !
مېسسى قايتىپ كەلدى ! گەرچە كىشىلەر ،بۈگۈن سەھەردىكى لىۋانىت بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مېسسى زاپاس ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقىدۇ دەپ پەرەز قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن چوڭ تىزىملىكتە ئىسمى چىقمىدى .مېسسى يەنە ئازراق ۋاقىت ، يەنى بايرىن بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىغىچە قەدەر ياخشى ئارام ئېلىپ تولۇق ئەسلىگە كەلمىسە بولمايدۇ .مېسسىنىڭ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغىنى ئېنىق ،بۇ بارسېلونا توپ مەستانىلىرى ئۈچۈن چوڭ خوش خەۋەر ئەلۋەتتە ! بۇ پەسىلدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە مېسسى ھازىرغا قەدەر جەمىي 43 توپ ئۇردى .« ئالتۇن كەش » نى ئېلىشىمۇ ئاساسى جەھەتتىن مۇقىملىشىپ بولدى .كرىستىئانو رونالدودىن 12 توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرىۋاتىدۇ .ياۋروپا ئۇزغانلىق مەرگەنلەر رەت-تەرتىپىدە سەككىز توپ بىلەن كىرىستىئانو رونالدوىدن ئۈچ توپ كەينىدە ئىككىنچى ئۇرۇندا ،مۇبادا بارسېلونانىڭ ياۋرۇپا ئۇزغانلىق سەپىرى ئۇزۇن بولسا ، ئۇ چاغدا مېسسىنىڭ بۇ تۈردە مەرگەن بولۇش ئېھتىمالى يوق ئەمەس ،
ئالدىنقى كۈنى ، ئەينى چاغدا قالتىس شۆھرەت قازانغان داڭدار ھۇجۇمچى ،بىرازىلىيىلىك « تاشقى پىلانت ئادىمى » رونالدو ئىتالىيىگە كېلىپ يۇۋېنتۇس كۇلۇبىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ ، كېيىن بەزى پائالىيەتكە قاتناشقان .بۇ جەرياندا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا رونالدو بىلەن مېسسى توغىرسىدىكى سۇئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن ،مىنىڭ قارىشىمدا ، مېسسى يەنىلا دۇنيادا بىرىنچى ،مەن مېسسىنى تاللايمەن ،چۈنكى مېسسى كىرىستىئانو رونالدودىن مۇكەممەل ھەم قالتىس ،ئەلۋەتتە ، رونالدومۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى ،ئەگەر رونالدو مېسسى بولمىغان دەۋردە بولغان بولسا چوقۇم دۇنيادا بىرىنچى ئۇرۇندا دەپ كېسىپ ئېيتاتتىم ،قانداق بۇلۇشتىن قەتئى نەزەر ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك مۇنەۋۋەر ماھىرلار ،بۇ ئىككىسىنىڭ بولغانلىقى بىزنىڭ بەختىمىز !
 |
|