- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7372
- نادىر
- 16
- يازما
- 7372
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-21 21:00

بارسېلونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا لىۋانىت بىلەن ئوينىغان بۈگۈن سەھەردىكى بىرلەشمە مۇسابىقە ،بارسېلوناغا نىسبەتەن بەك جاپالىق بولدى .مېسسى بولمىغان بۇ مۇسابىقىدە ،ماھىرلار ئىپادىسىنى تاپالماي قالدى .دەسلەپتە ۋىللانىڭ ئادەتتىكى سەۋىيە بىلەن تەپكەن توپىنى قارشى تەرەپ ۋاراتارى توغرا پەرەز قىلىپ تۇسۇۋالدى .ئارقىدىن شاۋى بىلەن ئارۋېس توپ يەتكۈزۈپ بېرىش جەھەتتە خاتاللىق سادىر قىلىپ ئېغىز ئۇرۇشى قىلىشىپ كەتتى .بارسېلونا بىلەن لىۋانىت تارىخىدا سەككىز مەيدان تۇتۇشقان . بارسېلونا تولۇق يەڭگەن .بارسېلونا ھازىر 81 نومۇر بىلەن بىرىنچى ئورۇندا ،لىۋانىت بولسا 40 نومۇر بىلەن 12-ئۇرۇندا ، دەرىجە سىزىقىدىن 12 نومۇر يىراقلىقتا ،بىرسى كۈچلۈك بىرسى ئاجىز بولغان بۇ مۇسابىقە بەك تەسكە چۈشتى .بۇلۇپمۇ ۋىللانىڭ ئىلگىرىكىدىن كۆپ چېكىنىپ كەتكەنلىكى نامايان بولدى .
3-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋالىكانو بىلەن بولغان مۇسابىقىدن كېيىن ،ۋىللا تۇنجى قېتىم ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى .تېرىنىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشىغا ئاساسەن ۋىللا سول ھۇجۇم ئوينىدى .ئوتتۇرا مەيدان فابىرگاسقا قالدى .ۋىللا مۇسابىقە جەريانىدا پەقەت 15 قېتىم توپ يەتكۈزۈپ بەردى .باشقا سەبداشلىرىنىڭ بەرگەن 50 -60 توپ سانىدىن خېلى بەكلا ئاز ،بۇ ۋىللانىڭ باشقا ماھىرلار بىلەن ياخشى ماسلىشالمىغانلىقىدىن بولغان .گەرچە ماھىرلار مەيداننى كونتورول قىلىپ ئوينىغان بولسىمۇ ، بىراق ، سەۋەنلىك كۆپ ،قارشى تەرەپ بوشلۇق بەرمىدى .ئادەتتە بۇنداق بوشلۇقنى مېسسى ئاچاتتى .ئۆزى يالغۇز قارشى تەرەپنىڭ بىرقانچىلىغان ئەزاسىنى جەلپ قىلىپ تۇيۇقسىز توپ تاشلايتتى .
مۇسابىقە 72 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا شاۋى بىلەن ئارۋېس ماسلىشىش جەريانىدا ، بىربىرىگە توپ يەتكۈزۈپ بېرىشى مەغلۇپ بولدى .ئارۋېس ھۆكىرگىنىچە شاۋىنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى .شاۋىنىڭمۇ ئاچچىقى كەلدى .بايرىن بىلەن ئوينىلىدىغان ياۋروپا ئۇزغانلىققا يەنە ئۈچ كۈن قالدى .بارسېلونانىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن كىشىلەر ئەندىشە قىلماقتا ....چۈنكى بۇنداق قىيىن مۇسابىقە يېقىندىن بۇيان بىر نەچچە قېتىم يۈز بەردى .يەنە بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە ،% 70 بارسېلونا توپ مەستانىلىرى تېلونىڭ ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا بايرىن بىلەن بولىدىغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىشىنى خالايدىكەن .

|
|