- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7371
- نادىر
- 16
- يازما
- 7371
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-21 19:42

يېقىنقى بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىدە ،مانچېستىر بىرلەشمىسىدىكى داڭلىق ماھىر رونى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى دائىم ئوينايدىغان ئالدى ھۇجۇم ئورنىدا كۆرۈنمىدى .ئەمەلىيەتتە ،مەشقاۋۇل فۇرگۇسىن رونىنىڭ ئورنىنى ئوتتۇرا مەيدانغا ئورۇنلاشتۇرغان .« كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە ،فۇرگۇسىن بۈگۈن ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ ،ئەمدى رونىنىڭ ئاساسلىق ئەزا ئورنىغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن .بۇنىڭ ئۈچۈن رونى رىقابەتچىلىرىنى يېڭىشى كېرەك ،مۇبادا ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىققان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئوتتۇرا مەيدان ئوينايدۇ دېگەن .
ئالدىنقى يىلى 8-ئايدا مانچېستىر بىرلەشمىسى 24 مىليون فوند سىتىرلىڭ يۇقىرى باھا بىلەن ۋان پېرسىنى يۆتكەپ كەلگەن بولۇپ ،كىشىلەر ، ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە ، رونى ۋە ۋان پېرسىدىن تەشكىل تاپقان ئەڭ قالتىس ھۇجۇم سېپىنى كۆرىمىز دەپ پەرەز قىلغان . بىراق فۇرگوسىن بۇ پەسىل رونىنى كۆپ قېتىم ئالدى بەل ئورنىغا قۇيدى .شۇنىڭ بىلەن رونىنىڭ توپ ئۇرۇش سانى كۈرۈنەرلىك ئازلاپ كەتتى .ھازىرغا قەدەر 30 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ پەقەت 13 توپ ئۇردى .يېقىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە رونىنىڭ ئورنى تېخىمۇ بىر قەدەم كەينىگە چېكىنىدى .
رونى سىتوك شەھىرى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئارقا بەل ،غەربى ھام بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ئوتتۇرا مەيدان ئوينىدى .ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئىككى مەيدانىدا ،رونىنىڭ ئىپادىسى تازا ياخشى بولمىغاچقا مۇددەتىن بۇرۇن ئالماشتۇرۇۋېتىلدى .بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا فىرانىسيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ،رونى پارىژ -سانت -گىرمان كوماندىسىغا قۇشۇلۇشى مۇمكىن دەپ خەۋەر بەرگەن .گەرچە رونى بۇ يىل يازدا يېڭى توختامغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ،لېكىن كېتىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئەمەس .چۈنكى ، رونىنىڭ مانچېستىردىكى ھازىرقى ئەھۋالى ھەقىقەتەن چاتاق !
 |
|