- تىزىملاتقان
- 2012-4-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 147
- نادىر
- 0
- يازما
- 147
|
ئىتالىيە شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ،ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئورگان تورى يېقىنقى مەزگىل جازالاشقا ئۇچىرغان بىرنەچچە پۇتبولچىنىڭ جازا نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بۇلۇپ،كىشلەرنىڭ ئەڭ دېھقىتىنى تارتىدىغىنى يەنىلا بالاتولىنىڭ خوش خەۋىرى ،بالاتولىنىڭ جازاسى يىنىكلىتىلگەن بۇلۇپ،مۇسابىقىدىن توختاش ۋاقتى بىر مەيدانغا قىسقارتىلغان،مۇشۇنداق بولغاندا ئۇ بۇ ھەپتە ئاخىردىكى يۇۋۇنتۇس بىلەن بولغان جەڭگە قاتنىشالمايدۇ.
acمىلان بىلەن فىلورىنتىنا 2:2تەڭلەشكەن مۇسابىقىدە،كەپسىز مارىئو بالوتېلى يان رېپپىرنى تىللىغان بۇلۇپ،مەيداندا سېرىق كارتىغا ئۇچىراپلا قالماي يەنە ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئىنتىزام كومىتىتى تەرپىدىن ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىن توختىتىش جازاسى بىرىلگەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە بالوتېلىنىڭ سېرىق كارتىسى يىغىلىپ قېلىش سەۋەپلىك مۇسابىقىدىن توختايدىغان بۇلۇپ،ئەمىليەتتە بۇ جازا ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدىن توختاشتەك ئېغر جازاغا ئايلانغان،ئالدىنقى ھەپتە ناپولى بىلەن acمىلەن ئوتتۇرسىدىكى ئىككىنچىلىك ئورنىنى تالىشىدىغان مۇسابىقىدە بالوتېلىنىڭ مەيداندا بولماسلىقى قىزىل قارا قۇشۇننىڭ ئەمەلىي كۈچىگە بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.
پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ جازانى يىنىكلىتىش قارارى بويىچە بالوتېلى بۇ ھەپتە ئاخىردىكى يۇۋۇنتۇس بىلەن بولغان جەڭگە قاتنىشالمايدۇ،ھەمدە ئۇ 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى كاتانىيا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىدۇ، بالوتېلى بۇ ھەپتە ئاخىرى كوماندىدىكىلەر بىلەن بىللە پويىزغا ئولتۇرۇپ تورىنوغا باردىغان بۇلۇپ،acمىلەن ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بالوتېلى ئامىرىكا‹‹ دەۋىر››ژورنىلى باھالاپ چىققان يۈز مەشھۇر شەخىس قاتارىغا كىرگەن بۇلۇپ، ئەمما بالوتېلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى نىئويورىكتىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىكەن ئەكىسچە ئىتالىيىدە قېلىپ تېرنىر ئالەيگېرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى ئاڭلايدىكەن.
|
|