- تىزىملاتقان
- 2012-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 261
- نادىر
- 0
- يازما
- 261
|
ۋاڭيى تورى 4-ئاينىڭ 20-كۇنى خەۋىرى :
كېلەر پەسىلدىكى مادرېدتا ئىككى خىل ئەھۋال كۆرۇلىشى مۆمكىن . بىر بولسا مورېنھۇ كۇلۇبتا قېلىپ داۋاملىق ھەر قايسى چىمپىيونلۇقلار ئۇچۇن كۇرەش قىلىش ، يەنە بىر بولسا بۇ ئىشلارنى باشقا بىر مەشقاۋۇلنىڭ ئورۇندىشىغا تاپشۇرۇش . ‹‹ ئىسپانىيە دۆلەت گېزىتى ›› نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ، مادرېد رەئىسى فىلورىدىنو بۇ ئىككى خىل پىلاننى تۇزۇپ بولغان .
بۇ يىل يازدا مادرېد رەئىس سايلىمى ئۆتكۇزۇلىدۇ . فىلورىدىنو قايتا سايلىنىپ قالسا ، مورېنھۇنىڭ كېتىشىنى خالىمايدىكەن ، چۇنكى مۇرېنھۇ كېتىپ قالسا ئورنىغا مەشقاۋۇل بولغۇچىغا ئەكىس تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۆمكىن ئىكەن . فىلورىدىنونىڭ ئەنسىرەيدىغان يېرى ، ئەگەر مورېنھو كېتىپ قالسا ، مورىنھونىڭ قالدۇرۇپ قويىدىغىنى بىر قالايمىقانچىلىق بولۇشىدىن ئەنسىرەيدىكەن . بولۇپمۇ يۆتكۇلۇش ئىشلىرىدا ، چۇنكى ھازىرغىچە كۇلۇبنىڭ يۆتكۇلۇش پىلانىنى مورىنھۇ بېكىتكەن ئىكەن .
فىلورىندىنونىڭ ئەنسىرەيدىغىنى بۇلا ئەمەس ، ھازىر كۇلۇبتىكى كۆپلىگەن توپچىلارنىڭ مۇرېنھو بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى ئىنتايىن ناچار ھالەتتە . كاشىلياس بىلەن راموس بۇنىڭ تىپىك مىسالى . ‹‹ دۆلەت گېزىتى ›› مۇخبېرى دېگو . توررېسنىڭ مادرىد ئىچكى قاتلىمىدىن ئىگىلىشىچە ، فىلورىندىنو پۇتبولچىلارنىڭ رايىنى سىناشتىن مەلۇم بولۇشىچە ، كوماندىدىكى 25 توپچىنىڭ ئىچىدە 15 ى مۇرېنھونىڭ بۇ يىل يازدا كېتىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن .
بۇ 15 توپچىنىڭ ئىچىدە 5 ى كوماندا تۆھپىكارلىرى ئىكەن . بۇ 5 توپچى فىلورىندىنوغا ، مۇرېنھو كەتمىسە ، ئۇلارنىڭ بۇ يىل يازدا يۆتكۇلىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن . لېكىن ‹‹ دۆلەت گېزىتى ›› بۇ 5 ىنى ئاشكارلىمىغان . بەلكىم كاشىلىياس بىلەن راموس بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2 سى بولۇشى مۆمكىن . چۇنكى بۇ ئىككى كاپىتان يىل بېشىدىلا ‹‹ مۇرېنھو كەتمىسە بىز كېتىمىز ! ›› دەپ ئىپادە بىلدۇرگەن .
فىلورىندىنونىڭ قارىشىچە ، ئەگەر مۇرېنھو كېتىپ قالسا ئەڭ ياخشى مەشقاۋۇل نامزاتى ئەنچىلوتتى ئىكەن . ئەگەر ئەنچىلوتتى كېلىپ قالسا ، مادرېدتىكى كۆپلىگەن توپچىلار كۇلۇبتا قېلىشى مۆمكىن ئىكەن .
|
|