بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jasur007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-20 05:53
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بارسىلونا مىيۇنخىن شەھرىگە مېڭىشتىن ئاۋۋال ئۆز مەيدانىدا لىۋانتىنى كۈتۈۋالماقچى
ئۇيغۇر ۋاقتى 21-ئاپرېل تاڭ سەھەر سائەت 0 دە بارسىلونا ئۆز مەيدانىدا لىۋانتىنى كۈتۈۋېلىپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 32-ئايلانمىسىنى ئوينايدۇ ، ھازىر بارسىلونا 81 نۇمۇر بىلەن 1-ئورۇندا ، لىۋانتى 40 نۇمۇر بىلەن بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە 12-ئورۇندا كېتىۋاتىدۇ ، بارسىلونا تەرەپتىن پۇيۇل بىلەن ماسچىرانو ئاغرىق بولۇپ بۇ مۇسابىقىگە چۈشەلمەيدۇ ، مىسسىمۇ كېلەر ھەپتىدىكى ئوزغۇنلۇق ئۈچۈن بۇ مۇسابىقىگە چۈشمەسلىگى مۇمكىن . بارسىلونا ئالدىنقى ئۇچرىشىشتا ساراگوزا بىلەن ئويناپ تېللونىڭ ئىككى توپ ، تىياگونىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن مېھمان مەيداندا 3 نۇمۇرنى ساق ئېلىپ كەلگەن ، ئەمما لىۋانتى بولسا ئۆز مەيدانىدا لاكىرونىيەگە 4:0 نەتىجە بىلەن ئېچىنىشلىق ھالدا ئۇتتۇرغان .
ئىككى تەرەپ سەپ شەكلى
رېئال مادرىت بېرنابۇدا رېئال بېيتىسنى كۈتىۋالىدۇ
بارسىلونا مۇسابىقىسىدىن ئىككى سائەت بۇرۇن رېئال مادرىتنىڭ مۇسابىقىسى بولۇپ بېرنابۇدا رېئال بېيتىسنى كۈتۈۋالىدۇ ، بۇلارنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا رېئال بېيتىس ئۆز مەيدانىدا مادرىتنى 1:0 نەتىجە بىلەن ئۇتقان ، مادرىت ئەمدى ئۆز مەھەللىسىدە قىساسىنى ئېلىپ بۇلارغا ئەستىن چىقمىغۇدەك ساۋاق بېرىپ قويماقچى ، ھازىر مادرىت رەت تەرتىپتە 68 نۇمۇر بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا ، رېئال بېيتىس 48 نۇمۇر بىلەن 7.ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ . ئەمما مادرىتنىڭ كېلەر ھەپتە دورتموند بىلەن ئوزغۇنلۇق مۇسابىقىسى بولۇپ بىرلەشمىدىن ئۈمىد قالمىغان بۇ ھالەتتە مورىنھۇ بار كۈچىنى ئوزغۇنلۇققا قاراتماقچى ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسلىق ئەزالاردىن ئالونسو ، راموس ، قەدىرا ، ئېسسىن قاتارلىقلار تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن ، رونالدونىڭ ئويناش ئوينىماسلىقى ئېنىق ئەمەس ، بەدەن كۈچىنى خوراتماسلىق ئۈچۈن بەلكىم زاپاس ئەزا بولۇپ چۈشىشى مۇمكىن . ئالدىنقى ئايلانمىدا مادرىت قارشى تەرەپ مەيدانىدا ئاتلېتكا بېلىباۋنى 3:0 ئۇتقان ، رېئال بېيتىس بولسا ئۆز مەيدانىدا سېۋىللا بىلەن 3:3 تەڭلەشكەن ئىدى .
ئىككى تەرەپ سەپ شەكلى
توتتىنھام توپچىسى بېل مانچىستېر شەھىرى بىلەن توتتىنھام مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ
ئىككى ھەپتە داۋالانغاندىن كېيىن بېلنىڭ سالامەتلىگى ئەسلىگە كېلىپ مەشىققە قاتناشتى ، ئۇ 21. ئاپرىل توتتىنھام بىلەن مانچىستېر شەھىرىنىڭ بىرلەشمىدىكى مۇسابىقىسگە قاتنىشىدۇ ، بېل 4-ئاپرېل ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە شىۋىتسارىيەنىڭ بازىل كۇلۇبى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يارلانغان ئىدى .
سەئۇدىيە كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ كىرىستىيانو رونالدوغا بەرگەن ئىسلامىي سوۋغىسى
سەئۇدىيە خەۋەرلىشىش شىركىتى س . رونالدو بىلەن بولغان ئېلان سۈرەتكە چۈشۈش ھەمكارلىقىدىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر تۈرلۈك ئىسلامىي سوۋغات بەرگەن ، بۇ ئېلان رەسىملىرىنىڭ بىرقىسىمى ئىسپانىيەدە بولۇپ قالغىنى كېيىنچە سەئۇدىيەدە بولىدىكەن .
رونالدۇ بۇ توختامغا شۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەمۇد غەبىينى بىلەن بىرلىكتە ئىمزا قويغان .
بۇ شىركەت ئۇنىڭغا بەرگەن سوۋغا بولسا چوڭ تىپتىكى قۇرئان كەرىم بولۇپ شىركەت بۇ ئارقىلىق رونالدونىڭ بۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى كۆرۈپ بېقىش بىلەن ئىسلامنىڭ بۈيۈك نەمۇنىللىرىنى چۈشۈنۈپ بېقىشىقا قىزىقتۇرماقچى ئىكەن .
|