ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 8570 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-19 20:26

بارسېلونانىڭ بايرىننى مەغلوپ قىلىشىدىكى ئاساسلىق كوزۇرى تۇلۇق ساقايدى !
بۇ پەسىلدىكى ياۋروپا ئۇزغانلىق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلىنىدىغان ۋاقتى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ .4-ئاينىڭ 24-كۈنى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بارسېلونانى كۈتىۋالىدۇ .بايرىن مىيونخىننىڭ بۇ پەسىلدىكى ئىپادىسىگە گەپ كەتمەيدۇ .بىرلەشمە مۇسابىقىدە بىر نەچچە قېتىم رەقىبىنى چوڭ نومۇر بىلەن يېڭىش بىلەن بىرگە ، مۇددەتتىن ئالتە ئايلانما بۇرۇن چىمپىيۇن بولۇپ بولدى .گېرمانىيە لوڭقىسىدىمۇ ھەل قىلغۇچقا كىردى .،ھۇجۇم سېپىدىكى گومىس بىلەن مەنزۇجىچمۇ بىر-بىرىدىن قېلىشماي توپ ئۇرماقتا .موللېرنىڭ توپ ئۇرۇشى ۋە پاس چىقىرىشىمۇ ئەسلىگە كەلدى .يەنە تېخى كىچىك ماھىر ئالابا ،بايرىندىكى ماھىرلارنىڭ ھالىتى ئاساسى جەھەتتىن تۇراقلىق !
رەقىبلەر تار يولدىن ئۇچرىشار دىگەندەك بايرىن چىمپىيۇن بولۇش ئېھتىمالى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان بارسېلونا بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدى .بايرىننىڭ بارسېلونا بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدىكى ئىلگىرىكى نەتىجىسى قالتىس ،يەنى ،بارسېلونا بىلەن ئالتە مەيدان تۇتۇشۇپ پەقەت بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان .بارسېلونانىڭ گەرچە بۇ قېتىمقى ياۋروپا ئۇزغانىقتىكى سەپرى ئۇڭۇشلۇق بولغان بولسىمۇ ، لېكىن ئالدىقى بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىدە ، رەقىبىنى بەك تەستە يەڭدى .توپ كونتورول قىلىش يەنىلا بارسېلونا تەرەپتە ، بىراق ماھىرلارنىڭ ئىپادىسى تازا ياخشى ئەمەس ،پارىژ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ،مەيدان ئىچىدە بىر پۇتبولچىنىڭ نەقەدەر لازىم ئىكەنلىكى بىردەمدىلا بىلىنىپ قالدى .ئۇنداقتا ئۇ كىم ؟ دەل مېسسسى ،مېسسىنىڭ مەيدانغا چىقىشى سەبداشلىرىنى بىراقلا جانلاندۇرۇۋەتتى .ئاخىردا مېسىنىڭ ھۇجۇم تەشكىللىشى بىلەن بارسېلونا پارىژ ئۆتكىلىدىن ئۇڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتتى .شۇ چاغدا مېسسى يارىدار ئىدى ،بارسېلونا ئامالسىزلىقتىن بۇ كۇزۇرۇنى مەيدانغا چىقىرىپ يىنىك تىندى !
خەۋەرگە قارىغاندا ،تۆت يىلنىڭ ئالدىدا بايرىنغا ئىككى توپ ئۇرىۋەتكەن « كىچىك بۈرگە » مېسسى ھازىر ئاساسى جەھەتتىن ساقىيىپ مەشىقنى باشلىۋېتىپتۇ .بايرېن مىيۇنخىن مەيداندا مېسسى ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقىدىكەن .بارسېلونانىڭ بايرېننى مەغلۇپ قىلىشدىكى ئاساسلىق كۇزۇرى يەنىلا مېسسى ! بارسېلونا مېسسى ئارقىلىق بايرىننىڭ سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرپ قۇيۇشى مۇمكىن !

|
|