- تىزىملاتقان
- 2012-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 477
- نادىر
- 0
- يازما
- 477
|
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ! بۇگۇنكى تونۇشتۇرۇلىدىغان بارسىلونا جەڭچىسى جۇردى . ئالبا !!~ قېنى كەتتى ئەمسە ......
ئىسىم - فامىلىسى : جۇردى . ئالبا
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1989-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۇنى
دۆلەت تەۋەلىكى : ئىسپانىيە
كۇلۇبى : بارسىلونا كۇلۇبى
تۇغۇلغان ئورنى : بارسىلونا
بوي ئېگىزلىكى : 1.65 مېتىر
ئېغىرلىقى : 69 كېلوگىرام
مەيداندىكى ئورنى : سول قانات مۇداپىيىچى
كۇلۇبتىكى نومۇرى : 18 - نومۇر ( دۆلەت كوماندىسىدا 18 - نومۇر )
توختام ۋاقتى : 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۇنىگىچە
توپ تەپكەن كۇلۇبلىرى : ۋالۇنسىيا ، تاراگېنا ( ئىجارە ) ، بارسىلونا
كەسپى ھاياتى توغرىسىدا چۇشەنچە :
جۇردى . ئالبا بارسىلونادا تۇغۇلغان بولۇپ ، ئۆسمۇر چاغلىرىنى لاماسسىيا ياشلار تەربىيلەش مەشىق بازىسىدا ئۆتكۇزگەن . ئۇنىڭ بىردىن - بىر ئارزۇسى بولسا ، بارسىلونا 1- كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش ئىدى . بىراق غايىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشى ئانچە تېز بولمايدۇ ئەلۋەتتە . بارسىلونا كوماندىسىدىمۇ بوش ئورۇن يوق ئىدى ، شۇ سەۋەبتىن ئالبا ئۆزىنى باشقا كوماندىدا ئىسپاتلاشقا ئاتلاندى .
2006 -يىلى ۋالونسىيا كۇلۇبى ئالبانى قوشۇۋالدى . ئۇ ۋالونسىيە 2-كوماندىسىدا ئۆزىنى بارا-بارا نامايەن قىلماقتا ئىدى . ئۇنىڭ شەخسى تېخنېكىسى ، ئادەمدىن ئۆتۇش قابىلىيىتى ئۇستۇن بولۇپ ، توپ كونتىرول قىلىشىمۇ ئالاھىدە ئىدى . 2009\ 2008 يىللىق مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە ۋالونسىيا كۇلۇبى ئۇنى تاراگېنا كۇلۇبىغا ئىجارىگە بەردى . ئالبانىڭ چوڭ مۇسابىقىلەردىكى بىرىنچى قەدىمى دەل تاراگېنادىن باشلاندى . بۇ ئارىلىقتا ئۇ تاراگېنا كۇلۇبىغا ۋاكالىتەن 35مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ 4 توپ ئۇردى ، شۇنداقلا تاراگېنا كۇلۇبىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولۇپ قالدى . 2010\ 2009 مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە شەپەرەڭ قوشۇن ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇۋاتقان ئالبانى قايتۇرۇپ ئەكەلدى . ئۇ قايتىپ كېلىپلا يازلىق بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىلىرىدە ۋالونسىياغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقىپ ، ئېسىل ئىپادىسى ، سەزگۇرلىكى ، تېز ۋە ئادەمدىن ئۆتۇش تېخنېكىسىنىڭ ئالاھىدە بولۇشى بىلەن ھەممىنىڭ كۆزىنى چاقناتتى . ئۇزۇن ئۆتمەيلا زاراگېسا كۇلۇبى ئۇنى ئىجارىگە ئېلىش تەكلپىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، بىراق ، مەشقاۋۇل ئەمرى زاراگېسانىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ ، ئۇنى ۋالېنسىيادا ئېلىپ قېلىپ 1- كوماندىدا تەربىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۇردى . 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۇنى ۋالادولىد بىلەن بولغان مۇسابىقىدە جۇردى . ئالبا سېلۋانىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چىقىپ ، ئۆزىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى قەدىمىنى باستى . ئارقىدىنلا كەينى-كەينىدىن لىئون ۋە پىراگېسلاۋىيا كوماندىلىرى بىلەن بولغان ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىلىرىغا قاتناشتى . 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۇنى مېھمان مەيداندا مالوكا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ كۇلۇبدىكى بىرىنچى توپىنى كىرگۇزدى . شۇنىڭدىن باشلاپ مەشقاۋۇل ئەمرى بۇ سول قانات مۇداپىيىچىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشكە باشلىدى . 2011\ 2010 مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە ئالبا ، جېرمى.ماتىھې بىلەن ۋالونسىيانىڭ سول قانات ھۇجۇمىنى جانلاندۇرىۋەتتى . شۇنداقلا مەيداندىكى ئاساسى ئەزالىق ئورنىنى مۇستەھكەملىدى . يازلىق يۆتكۇلۇش بازىرىدا ئوكرائىنادىكى بىر كۇلۇب 4 مىليون باھا بىلەن ئالبانى سېتېۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ، بىراق كۇلۇب تەرىپىدىن رەت قىلىندى . 2012\ 2011 مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە ئالبانىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كەتتى ، شۇنداقلا ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىغا ئەزا بولدى . شۇنىڭدىن باشلاپ نۇرغۇن زەردار كۇلۇبلارنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا چۇشتى ، بارسىلونامۇ بۇ توپچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئۇرۇندى . مانچېستېر بىرلەشمىسمۇ ئالبانى ئېۋرانىڭ ئىز باسار ئورنىغا ئېلىشغا تۇتۇش قىلدى .
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۇنى ، ۋالونسىيا تەرەپ جۇردى . ئالبانىڭ بارسىلونا كۇلۇبىغا يۆتكەلگەنلىكىنى رەسمى ئېلان قىلىدۇ . يۆتكۇلۇش باھاسى 14 مىليون ياۋرو بولۇپ ، 5 يىللىق توختام بىلەن بارسىلوناغا قايتىپ كېلىدۇ . ياۋروپا لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىۋاتقان ئالبا ، كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خوشال ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ .
ئالبانىڭ قوشۇلۇشى ، بارسىلونا ئارقا سېپىدىكى بوشلۇقنى تۇلۇقلايدۇ . ئابىدالنىڭ كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىشى بىلەن ، سول قانات مۇداپىيە ئورنى بارسىلونا يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ يۇرەك تۇگۇنى بولۇپ قالىدۇ . ئادرىيانونىڭ ئىپادىسىنىڭ تۇراقسىز بولۇشى ، ھۇجۇمغا قاتنىشىشتا ئالاھىدە بولسىمۇ ، بىراق مۇداپىيەدىكى ئاجىزلىقى ، سول قاناتتىكى ھەر قانداق ئورۇننى ئوينىيالايدىغان بۇ بىرازىلىيىلىك ياشنىڭ سول بېكلىك ئورنى تەۋرەپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ . ئادرىيانوغا سېلىشتۇرغاندا ئالبا ھۇجۇمغا ئىزچىل قاتنىشىش بىلەن بىرگە مۇداپىيىدىكى ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن تۇراقلىق . بۇ نوقتىغا ئالبانىڭ ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئىسپات بولالايدۇ .
ئالبا ئۇچۇن يېڭى مۇسابىقە پەسلى ئىنتايىن مۇشكۇل ئىدى . چۇنكى ، ئالبا ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئويناپلا قالماي يەنە ، ئىسپانىيە ئولېمپىك كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئولېمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدۇ . مۇسابىقىدىن كېيىن ئارام ئېلىش ۋاقتى ئىتايىن قىسقا بولغانلىقى ئۇچۇن ، بارسىلونا تەرەپ ئۇنىڭ چارچاشتىن پىسخېكا ۋە بەدەن ئەھۋالىدا ئۆزگۇرۇش بولۇپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدۇ .
بارسىلوناغا قايتىپ كەلگەن ئالبا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن بارسىلونا توپ مەستانىلىرىنىڭ يۇرىكىدىن ئورۇن ئالىدۇ ۋە توپ مەستانىلىرى تەرىپىدىن ‹‹ سول قاناتتىكى ئالۋېس ›› دەپ تەرىپلىنىدۇ . تاكى ھازىرغىچە بولغان مۇسابىقىلەردە ياخشى ئىپادىسى بىلەن بارسىلوناغا ئۇن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ .
جۇردى . ئالبا ۋالونسىيا 2-كوماندىسىدىكى ئېسىل ئىپادىسى بىلەن ، ئىسپانىيە 19 ياشلىقلار ۋە 21 ياشلىقلار دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولۇپ قالىدۇ . 2008-يىلىدىكى ياۋروپا ياشلار لوڭقىسى گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئالبا ئىنتايىن چىرايلىق توپتىن بىرنى ئۇرىدۇ . بۇ مۇسابىقىدە ئىسپانىيە كوماندىسى ئۇتتۇرىۋەتكەن بولسىمۇ ، ئالبا ياخشى باھالارغا ئېرىشىدۇ . 08 ياۋروپا لوڭقىسى ۋە 2010 يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدىكى ئىسپانىيە ئاساسلىق سول بېكى جون . كابدېۋېللانىڭ دۆلەت كوماندىسىدىن يىراقلاپ كېتىشى ، بوسكېسنىڭ سول بېك ئورنى نامزاتى تاللاشتا بېشى قاتتى . ئىسپانىيەدە باشقا ياخشى نامزاتلار بولسىمۇ بوسېكنىڭ نەزىرىنى ئۆزىگە تارتالمايدۇ . 2012\ 2011 مۇسابىقە پەسلىنىڭ دەسلىپىدە ، بوسېك كۆپ قېتىم مېستانىياغا بېرىپ ئالبانىڭ توپ ئوينىغىنىنى كۆرىدۇ . 9-ئاينىڭ 30-كۇنى ئىسپانىيە ئېلان قىلغان دۆلەت كوماندىسى تىزىملىكىدە ئالبانىڭ ئىسمىمۇ ئورۇن ئالىدۇ . دۆلەت كوماندىسىغا بىرىنچى قەدىمىنى تاشلىغان ئالبا بۇرۇنقى سەبداشلىرىدىن ۋېللا ، سېلۋا ۋە ماتالارنىڭ تەبرىكىگە ئېرىشىدۇ . 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۇنى ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسى شوتلاندىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئالبا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ ، 90 مىنۇت تولۇق ئوينايدۇ . بۇ مەيداندىكى ئىپادىسى ھەممىنى ھەيران قالدۇرىدۇ . شۇنداقلا بوسېكنىڭ سول بېك ئورنىدىكى تەشۋىشلىرىنى يوققا چىقىرىپ ، سول قاناتتىكى ھەقىقى مۇداپىيىچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۇنى ، ئىتالىيە بىلەن بولغان ياۋروپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ 2- توپىنى ئۇرۇپ كىرگۇزىدۇ . شۇنداقلا ياۋروپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە توپ ئۇرغان بىردىن -بىر مۇداپىيىچى پۇتبولچى بولۇپ قالىدۇ .
ئالبانىڭ بارسىلونادىكى سەپىرىگە ئۇتۇق ۋە ئامەتلەر تىلەيمەن !!!~~~ ( تۇگىدى )
|
|