ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 458 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ميۇنخېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-19 13:36
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار
ئاخشام ئۈندىدار ئويناۋىتىپ ‹‹ مەن بىلەن ›› دېگەن ناخشىنڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىنى كۆرۈپ قالدىم، شۇڭا بۈگۈن ئىلھامىم قوزغۇلۇپ مەنمۇ ئازاراق نەرسە يازغان ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
- بىز قاچانغىچە توپ -توپ دەپ يۈرىۋىرىمىز؟
-سىز زادى نىمشقا بەيرىن مەستانىسى بوپ ياشاۋىرىسز ؟
-بەيرىنغا مەستانە بولۇش ئۇنى چېمپىيون قىلىشۇدۇر.
-شۇ بەيرىن قاچان بولىدۇ چېمپىيون ، تۈنۈگۈن سىرىق ھەرىلەرگە ، بۈگۈن چىلسغا ، ئەتە يەنە باروسلونغا ،بىردەم بەيرىن دەۋاتقان ، بىردەم رىبىرى دەپ . بىز قاچان چېمپىيون بولمىز . بىز قاچان تاۋكاغا قەرىز ئېلىپ تىككەن پۇللارنى قايتۇرمىز. بىزگە قاچان تاۋكاغا يەتكۈدەك پۇلمىز بار بولىدۇ ؟
-كۆرگەن غەلبىلرىڭ ئۈچۈن شۈكرى قىل ،سەۋىر قىل ، بىز ھامان بىركۈنى ئۇزغۇن بولىمىز .
-توغرا مەن سەۋىر قىلمەن .لىكىن سەۋىرنىڭمۇ چىكى باردە .
-ئۆتەپ كىتدۇ ، ھەممىسى ئۆتەپ كىتدۇ .
-لىكىن قاچان ؟
-سەن شۈكرى دېگەندە .
-مەن قايىسى كۆرۈپ كەتكەن غەلبىلرىمگە شۈكرى قىلمەن ھە؟ قايسى غەلبىلرىمگە شۈكرى قىلمە مەن؟
-بەيرىنىڭدە رىبىرىڭ بار ، نويىرىڭ بار، تېنىڭ سالامەت ، سەن بۇنىڭغمۇ شۈكرى قىلمىغان بولساڭ . سىنى كۈتۈپ تۇرغنى گۇۋاڭجۇ خىڭدا بولىدۇ .
-لىكىن بىزگە ھەممىدىن مۇھىم بۇلۇۋاتقىنى پۇل
-توغرا پۇلغا نۇرغۇن چولپان سېتۋالغىلى بولىدۇ ، بەك جىق چولپانى سېتىۋالغىلى بولىدۇ .لىكىن گوۋادىيولا دەك تىرنىرنى سېتۋالغىلى بولامدۇ؟ پۇلۇڭ بولاپ روھىڭ نامرات بولسا ئۆزەڭنى بىر ئۆمۈر باي ھىسابلىيالمايسەن.ھەي مەن سېنى ئاقماس كۇلۇبلارغا مەستانە قىلدىمۇ .باشقا كۇلۇبقا مەستانە بولمايسە دەپ بوينىڭنى قىستمۇ ،رىزىق-تەغدىر دېگەن ئەزەلدىن تەقسىملەنگەن بولىدۇ .ئۇ ھىچقاچان تەغدىردىن تاشقىرى ئەمەس، ھەر ئىش سائېتى بىلەن بولىدۇ. يەنە دەيمەنكى سەۋىر قىل ،شۈكرى قىل، شۈكرى قىل.
-بولدى ،بولدى ماڭا بۇ گەپلەرنى قىلماڭ ئەمدى يىتە .مەن بىرتەرەپ بىرلەشمە كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۇزغۇنلۇق كۆرۈپ ، يەنە بىر تەرەپتىن ئار گوڭغا بىرىپ ھۇرا تولاپ مەن چارچىدىم-ھاردىم . ھەممە گەپ ئېنىق بوپ كەتسۇن مەن بۇندىن كىيىن سىز بىلەن بەيرىن مەستانىسى بولالمايمەن.
-مېنىڭ بەيرىنمۇ ؟ مېنىڭ بەيرىنىم مەن بۇ دۇنيادا ئەڭ قالتىس كوماندا،مېنىڭ بەيرىنىم ئېپادىسى ئەڭ ياخشى بولىۋاتقان كوماندا .مېنىڭ بەيرىنىم مەن ھاياتلا بولسام ساڭا مۇھتاج بولمايدىغان كوماندا . ياخشى ئاڭلا بەيرىن بار مەن بار .مەن باركى بۇ ئۆيدە سەن بار .بەيرىندىن كىچىش 1 قەدەم سەندىن كىچىش 1000 قەدەم بولسا . مەن شۇ سەندىن كىچىدىغان 1000 قەدەمنى تالايمەن .
-رەھمەت ئۆزەمنىڭ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا قانچىلىك ھۆرمىتىم بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغنىڭىزغا كۆپتىن -كۆپ رەھمەت!
-بىلمەن ، سەن ئۆزەڭنىڭكى رونالدويىڭغا كۈيىسە ،ئۇ بار كوماندىغا مەستانە بولۇشنى ئارزۇ قىلسە . ئەمما ئۇنتۇپ قالما مەنمۇ بەيرىنىمنى ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك دەپ قارايمەن .
-لىكىن مەن ئەمدى بۇ بەيرىنگە مەستانە بولالمايمەن.بۈگۈن دادام ئۆيىگە كەلدى ، ئۆز كۆزىلرى بىلەن ھەممىنى كۆردى . (ئارىدا دادىسى دىن تېلفۇن كىلدۇ.)دادام ماڭا مادىرقا كۇلۇبقا مەستانە بول دەۋاتقىلى ساق بىر ھەپتە بولدى، ئـــۇف. مېنىڭمۇ بۇنداق ئويلاردا بولغۇم يوق، لىكىن شۇ ئەتراپىمدىكى دوسلۇرۇم بەيرىنىڭ ھالنى كۆرۈپ...
-دوسلۇرۇڭنىڭ ئۆيى باشقا ، ياقتۇردىغان كۇلۇبى باشقا، بولىدىغان چېمپىيونى باشقا ، چېمپىيونلۇق دېگەن بىركىمدىن تالىشىپ . تىرشىپ بەسلىشىپ، تۇرۇپ ئالىدىغان نەرسە .
-ئەمسە دادامغا ئۆزىڭىز تېلفۇن قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قۇيۇڭ
-سېنىڭ داداڭ ھەم مېنىڭ دادام ، ئۇ سېنىڭ مادىرقا مەستانە بولۇشنى لايىق تاپقان بولسا، مەيلى ئۇنىڭ رازىلقى ئۈچۈن سېنى توسمايمەن.ئەمما بىر شەرەت تېلۋۇزنى مەن كۆرىمەن ، قالغان قارار ئۆزەڭدە .
80 -يىللاردا تۇغۇلۇپ ئازكەم 30 يىشىمغا كەلگۈچە تۇرمۇشنىڭ ئېغر بىسمىدا ئۆزەم ياخشى كۆرگەن كوماندام ئۈچۈن چەكمىگەن جاپا-تاراتمىغان ئېزھا قالمىدى. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن بىر مەستانە بولغۇچى مۇسابىقىنى ۋاقتىدا كۆرۈش ،ھۇرا تولاشتىن باشقا يەنە نىمە ئېش قىلىش كىرەكتۇ ؟ خەير ھەركۈن ،ھەر ئىشمدا رىزىقىمغا يېزىلغنىمنى كۆرىمەن ، جان تەندە تۇرۇپتۇ ئۆمۈدۈم شۇكى ئاخىرقى نەپەسلىرمگىچە تىرىشىپ بىر لاياقەتىلىك مەستانە بولغۇچە نىرۋامنىڭ بۇ تېنىمنىڭ سالامەت بولۇشنى تىلەيمەن شۈكــرى ....
بۇ ھاياتتا توپ كۆرۈپ ئۆتەلەمسە مەن بىلەن
ئۇزغۇن دېگەن يىراقتا كۈتەلەمسە مەن بىلەن
غەلبە دېگەن ھەرۋاقىت مەغلۇب بىلەن بىرتۇققان
ئۇتتۇرغاندا قىماردا تۆلەلەمسە مەن بىلەن
ئېرگۇڭ گويا يىراقتا بورىنى بار يامغۇرلۇق
پىيادە قالسام ناۋادا ماڭالامسەن مەن بىلەن
ئېيتالمايدۇ ھىچكىمۇ رونالدونى سەتكە دەپ
مىسسجانغا كۆيسەم مەن كۆيەلەمسەن مەن بىلەن
ئاتا-ئانا ئەڭ ئۇلۇغ شۇڭا دەيمەن ئۇلارنى
گويا پۇتبۇلنى سۆيگەندەك سۆيەلەمسە مەن بىلەن
نە قىسمەت بار بىشمدا بىركۈن ئەجەل يەتكەندە
پۇتبۇلۇمنى قۇچاقلاپ ئۆلەلەمسە مەن بىلەن .
ئاخىردا ‹‹مەن بىلەن ›› دېگەن ناخشىنىڭ ئەسلى فىلمىدىن ھۇزۇرلانغايسىلەر
ئىمزا ___ ميۇنخېن
2013.4.19
ئەسكەرتىش : مەن بۇنى قىزىقچىلق بولسۇن دەپ يازدىم ھەرگىز مۇ ناخشىلىرىمىزغا بۇزغۇنچىلق قىلىش ئەمەس. شۇڭا تەنقىد قۇبۇل قىلنمايدۇ . |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|