- تىزىملاتقان
- 2013-4-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاق-قارا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-21 10:33
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! قېرىنداشلار مۇنبەردە خىلى كۆپ چولپانلار تۇنۇشتۇرۇلدى لىكىن قاپلان لەقەملىك بۇ ئەپەندىم كۈزۈمگە چېلىقمىدى ،(بەلكىم بۇرۇن يىزىلغان بۇلىشى مۇمكىن ، شۇنداق بولسىمۇ يىزىشنى ماقۇل كۆردۈم، چۈنكى ئۆزۈم ياقتۇرمەن بۇ قارۋاينى)، شۇڭا بۇ بوشلۇقنى تۇلۇقلاپ قۇياي دەپ كىرىشتىم . ئەمسە باشلاي!
ئىسىم :سامۇئېل ئېتو
دۆلەت تەۋەلىكى: كامىرون
تۇغۇلغان ۋاقىت: 1981يىل3ئاي 10 كۈن
بوي ئېگىزلىكى:180سانتىمىتىر
ئېغىرلىقى:75 كىلوگىرام
مەيداندىكى ئورنى: ھۇجۇم
ئاساسلىق ئوينىغان كۇلۇبى:مالۇكا ،بارسىلونا ، ئېنتىرمىلەن ، ئەنجى كۇلۇبى (روسىيە) (مادىرىتتىمۇ تۇرغان)
ئاساسلىق ئىرىشكەن نەتىجىلىرى:
2005/06 . ئىسپانىيە ئەڭ مۇنەۋەر توپچى
2003،2004،2005 ئافرىقا پۇتپول ئەپەندىسى (2005-يىلى دۇنيا پۇتپۇل ئەپەندىلىكىنى تالىشىپ ئۈچىنچى بولغان)
ۋەكىل خارەكتىرلىك نۇمۇرى:9
مەيداندىكى ئالاھىدىلىكى: نۇمۇر ئېلىش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى، سۈرەت تىز، كوماندا ھەمكارلىقى ياخشى
لەقىمى: قاپلان
يىللىق كىرىمى: 20مىلىيۇن 500مىڭ ياۋرۇ (دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا)
كۇلۇپ ھاياتى
1997-يىلى ئېتو مادىرىتتا مەشىقنى باشلىۋەتتى ،لىكىن بۇ مادىرىت B كوماندىسى ئىدى. 97-98 پەسىلگە كەلگەندە سەيجانىس كوماندىسىغا ئجارىگە بىرىلدى،بۇ پەسىلدە 30 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 4 توپ كىرگۈزدى ، گەرچە بۇ نەتىجە ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ ،ئەمدى مەيدانغا چىققان ئېتوغا نىسپەتەن مۇھىم بىر باشلىنىش بۇلۇپ قالدى.1999 يىلغا كەلگەندە ئسپانىيەلىكلەر كوماندىسىغا ئجارىگە بىرىلدى. لىكىن مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى بولمىدى .
ئېتونىڭ كەسپى ھاياتىدىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولسا مالۇكا كوماندىسى ئىدى ،ئۇ 2000 يىلنىڭ بېشىدا مالۇكاگا ئجارىگە بىرىلدى،ھەمدە 13 مەيدان مۇسابىقىدە ئالتە توپ كىرگۈزدى . پەسىل ئاخىرلىششى بىلەن ئېتو مادىرىت بىلەن كىلىشىپ 4 مىلىيۇن 400 مىڭ فونىستىرلىڭ باھا بىلەن مالۇكاغا رەسمى يۆتكۈلۈپ كەلدى. مۇشۇ كەلگەنچە 4يىل ۋاقىت مالۇكادا ئۆتتى ھەمدە مۇشۇ كوماندا تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچى بۇلۇپ قالدى (54 توپ) ، ھەمدە ئسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى مۇنەۋەر ھۇجۇمچى ئاساسىنى تىكلىدى.
2004 يىلى يازدا بارسىلونا كۇلۇبىغا 2 مىلىيۇن 400 مىڭ ياۋرۇ باھا بىلەن يۆتكۈلۈپ كەلدى،مۇشۇ چاغدا مادىرىت يۇقىرى قاتلىمىدىكىمەرمۇ ئېتونى تەكلىپ قىلغان ئىدى ،لىكىن بۇ تەكلىپ ئېتونى بارسىلونا كۇلۇبىغا بېرىش نىيتىدىن ياندۇرالمىدى.
2004يىل 8ئاينىڭ 29 كۈنى ئېتو كوماندىدىكى باش قەھرىمان سۈپىتىدە شۇيىللىق ئسپانىيە بىرلەشمىسىىنىڭ چىمپىيۇنلۇق تەبىرىكلەش پائالىىيتىدە مادىرىتقا شۇنداق خىتاپ قىلدى ‹‹مادىرىت،ئەبلەخ ،كىلىپ چىمپىيۇنغا ھۆرمەت بىلدۈر.›› (مادىرىتلىقلار ئاچچىقلانماڭلار )
نەتىجىدە ئسپانىىيە پۇتپولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن 12مىڭ ياۋرۇ جازاغا ئۇچۇردى.
بارسىلونادا ئېتو ياۋرۇپادىكى ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچى سانىلاتتى، ئۇ كوماندا بىلەن ھەمكارلىشىپ 3 قېتىم ئسپانىيە بىرلەشمىسىىنىڭ (05،06،09) 2 قېتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق (06،09) لوڭقىسىنى كۆتۈردى. كىرگۈزگەن توپ سانى 108 ئىدى.
2009 يىلى يازدا ئېتو ئوڭۇشلۇق ھالدا 46مىلىيۇن ياۋرۇلۇق باھا بىلەن ئېنتىر مىلەن كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ كەلدى،(تۆگىنى باساغا ئەكىلىپ ئۈستىدىن بەرگەن پۇل) ئۇ مۇشۇ يەردىن باشلاپ قارا-كۆك قۇشۇننىڭ جەڭچسىگە ئايلاندى. بۇ جەرياندا 102 مەيدان مۇسابىقىدە 53 توپ كىرگۈزدى .
2011 يىلى يازدا ئېنتىردىن خوشلىشىپ روسىيەدىكى ئەنجى كۇلۇبىغا يۆتكەلدى.
دۆلەت كوماندىسى
ئېتو بىرىنچى قېتىم دۆلەت كوماندىسىىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئوينىغان ۋاقتى 1996 يىل 3 ئاينىڭ 9 كۈنى ،ئۇ ئەينى چاغدا ئارانلا 14 ياش ئىدى، شۇ قېتىم كامىرون كوستارىكاغا 5:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۋەتكەن ئىدى .1998 يىلى 17 ياشلىق ئېتو فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئېتو ئەڭ كىچىك ماھىر ئىدى. 2000،2002 يىل ئېتو كوماندىنى باشلاپ ئافرىقا لوڭقىسى پۇتپۇل مۇسابىقىسىدە چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. 2002 يىل دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتپۇل مۇسابىقىسىدە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى.
كامىرون 2006 يىل دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتپۇل مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمىدى ، لىكىن ئېتو ئافرىقا لوڭقىسى پۇتپۇل مۇسابىقىسدە ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. ئېتو 2010 يىل 1 ئاينڭ 25 كۈنىگىچە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 94 مەيدان مۇسابىقىدە 44 توپ كىرگۈزدى.
ئېرىشكەن نەتىجىللىرى
[/2003،2004،2005،2010 : ئافرىقا پۇتپۇل ئەپەندىسى
2005: دۇنيا پۇتپۇل ئەپەندىلىكىنى تالىشىپ ئۈچىنچى بولغان
2006: ئېسپانىيە بىرلەشمىسىدىىكى ئەڭ ياخشى مەرگەن
2006،2008 : ئافرىقا بۇيىچە ئەڭ ياخشى مەرگەن
2005-06 : ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسىدىكى ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچى
ئافرىقا دۆلەتلەر لوڭقىسى پۇتپۇل مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى مەرگەن
مالۇكا كۇلۇبى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى مەرگەن
كامىرون دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى مەرگەن
[
|
-
-
职业生涯数据.doc
68.5 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0, چۈشۈرۈش جۇغلانمىسى: مۇنبەر پۇلى 2 ياۋرۇ
|