پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 977|ئىنكاس: 21

ئۇنتۇلماس دەقىقىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن پۇتبولنى سۆيىمەن

401

تېما

28

دوست

4486

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  3416
يازمىسى: 4486
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 750002
تۆھپە: 1434
ۋاقتى: 2455
h
ھالەت

2 - لىك لوڭقىسى ئىجاتچان ئەزا بايرىن لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 17:40:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                              QQ截图20130416173258.png
                                                              
    2011-يىلىدا دىيارىمىز تەنتەربىيە ساھەسىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى بىر قۇر ئەسلەپ كۆرگىنىمزدە، ۋاسكىتىبول، بوكس، پۇتبول ۋە باشقا تۈرلەردە قولغان كەلگەن نەتىجىلەر ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ. ئىلگىرى ئىزچىل دىققەت –ئىتىبارىنىڭ سىرتىدا قالغان، بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن مەملىكەتتىكى نوپۇزلۇق تەنتەربىيە ئاخبارات ئورۇنلىرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ كېلىۋاتقان پۇتبولدىن بۇ نۇر دىيارىمىزنىڭ پۇتبولدىن .ئەۋزەللىك ئورنىنى، ماھىرلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ ئىنتايىن پارلاق ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى.
                                                   QQ截图20130416171430.png

  دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى بىرلەشمە مۇسابىقىلەردە بولسۇن ياكى دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسى شۇنداقلار دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسىدا بولسۇن ئۆزلىرىنىڭ يېتىلگەن ماھارىتى، يۇقىرى تېخنىكا – ساپاسى بىلەن ھۆرمەت تېپىپ، شۇ ئاساستا تېگىشلىك ئىزەتكە ئېرىشكەن ماھىرلىرىمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇتبول مەستانىلىرىگە پۇتبول ئارقىلىق دىيارىمىزنى تەشۋىق قىلدى ۋە چۈشەندۈردى.
   بىر پۇتبول ماھىرى كۆپ ھاللاردا قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. پۇتبول ماھىرى ئالدى بىلەن ئۆزى تونۇلغان ۋە توپ تېپىۋاتقان رايۇندىكى كۇلۇبقا تەۋە، شۇ كۇلۇبنىڭ توپ مەستانىلرى ئۇلارنىڭ ئەڭ يېقىن قوللىغۇچىلىرى. ئۇنىڭدىن قالسا مەلۇم پۇتبولچى تۇغۇلغان ياكى پۇتبول تەربىيىسىنى ئالغان يەرگە تەۋە. شۇڭا تونۇلغان بىر پۇتبول ماھىرى رايۇن، مىللەت، ئىرق، ئۆرپ-ئادىتى ئوخشىمىغان، ئەمما پۇتبولغا بولغان ھۆرمىتى ئوخشاش بىر كىشىلەرنىڭ ھېسىياتىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى كۆۋرۈككە ئايلىنالايدۇ.  بۇ ماھىر ئېرىشكەن شەرەپتىن ھەممە تەرەپ ئورتاق ھالدا خۇشاللىق تاپالايدۇ. بۇنداق خۇشاللىق 2011-يىلى دىيارىمىزدىكى پۇتبول مەستانىلىرىگىمۇ نېسىپ بولدى.
                                             QQ截图20130416171119.png
  
                                              مىرەخمەتجاننىڭ قىسقىچە ئارخىپى
  مىرەخمەتجان مۇزەپپەر 1991-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، دادىسى مۇزەپپەر ئاكا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىدا توپ تەپكەن. مىرەخمەتجاننىڭ چوڭ دادىسى زۇنۇن ئەپەندىم بولسا قەشقەر تەۋەسىدىلا ئەمەس ئاپتونۇم رايۇنمىزدىمۇ بەلگىلىك نام قازانغان تەنھەرىكەتچى بولۇپ، مىرەخمەتجان دەسلەپكى تەربىيەنى ئەمىن پۇتبول مەكتىپىدە زۇنۇن ئەپەندىمدىن ئالغان. 2003-يىلى شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىنىڭ تاللىشى ئارقىلىق بەش نەپەر ئۆسمۈر بىلەن بىرلىكتە لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىدە تەربىيلەنگەن. ئۇ شەندۇڭ لۇنىڭ مەكتىپى كوماندىسى تەركىبىدە مەملىكەتلىك 15-17 ياشلىقلار مۇسابىقىسىدە چىمپىئون بولغان. 2009-يىلى شىنجاڭ كوماندىسى تەركىبىدە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئالدىن تاللاش تۈرىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ مەملىكەت ئىچىدە باش كۆتۈرۈپ بىر پۇتبول چولپىنىغا ئايلىنىشى 2009-يىلىدىن كىيىن باشلانغان.
    2009-يىلى سۇماۋچىن دۆلەت ياشلار كوماندىسىغا تېرىنىر بولغاندىن كىيىن مىرەخمەتجان بۇ بوسۇغىدىن ئاتلاش شەرىپىگە ئېرىشتى . ئۇ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىدىكى تەڭ قۇرداش شىنجاڭلىق ماھىرلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ، شۇنداقلا 2000-يىلى ۋاڭ شۇبىڭدىن كىيىن بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن شىنجاڭلىق ماھىر بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ماھارىتى بىلەن ياشلار كوماندىسىدا ئاساسلىق سول بېك ئورنىنى مۇستەھكەملىدى. 2009-يىلى ۋېيفاڭ لوڭقىسى ۋ ئاسىيا ياشلار لەۋھە تاللىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسىدە تۇنجى توپنى كىرگۈزدى.     2009-يىلى مىرەخمەتجان ئۈچۈن ئالاھىدە بىر يىل بولۇپ، دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسى، دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسى، جۇڭگۇ كوماندىسى شۇنداقلا جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئوخشىمىغان مۇسابىقىلەردە ئۆزىنى نامايەن قىلىپ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سالدى.
2009-يىلى 8-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان ۋېيفاڭ لوڭقىسىنى تالىشىش خەلقئارا تەكلىپ مۇسابىقىسىدە جۇڭگۇ ياشلار كوماندىسى، ئىسپانىيەنىڭ بارسىلونا شەھىرىدىن كەلگەن ئىسپانىيەلىكلەر ياشلىرى، نېگىرىيە ياشلار، ۋېيتنام ياشلار، كورىيە چىڭنەن يىخى كۇلۇبى ياشلار كوماندىسى بىلەن ئا گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ مۇسابىقىلەشتى، تۇنجى كۈندىكى مۇسابىقىدە مىرەخمەتجان جۇڭگۇ ياشلار كوماندىسىنىڭ 4-نومۇرلۇق كىيمىنى كىيىپ بېك بولۇپ ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتناشتى. جۇڭگۇ ياشلار كوماندىسى كوماندىسى ئاخىرىدا 2-بولدى. 2009-يىلى مىرەخمەتجان تۇرغان كوماندا 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە شەندۇڭدا ئېلىپ بېرىلغان 35-نۆۋەتلىك ئاسىيا 19ياشلىقلار تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ج گۇرۇپپىسىدا فىلىپىن، مالايسىيا، بېرما، گۇەندۋا تاقىم ئارىلى، چاۋشىيەن كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، بىرىنچە كۈنى فىلىپىن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تۇنجى توپنى مىرەخمەتجان كىرگۈزۈپ، جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ 13-0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ بەردى. 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە 2ئاي ئىلگىرى ئۆزلىرىنى يېڭىۋالغان چاۋشىيەن كوماندىسى بىلەن گۇرۇپپىدىن چىقىش 1-بولۇپ چىقىشنى تالاشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مىرەخمەتجان سول بېك بولۇپ چاۋشىيەن كوماندىسىغا توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى زادىلا بەرمىدى. ئاخىر 3-0نەتىجە بىلەن چاۋشىيەن كوماندىسىنى يېڭىپ  35-نۆۋەتلىك ئاسىيا 19ياشلىقلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشتى. مىرەخمەتجاننىڭ ئىپادىسى ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرىدا تىلغا ئېلىندى.
   2010-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرى جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ شەرقىي ئاسىيا 4دۆلەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن مەشىقلەندۈرۈشكە ماھىرلار چاقىرىتىلدى، دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسىدىكى مىرەخمەتجانمۇ بۇ قېتىمقى دۆلەت كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشىگە چاقىرتىلىپ، ئاپتونۇم رايۇنىمىز تارىخىدىكى تۇنجى دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلغان ئۇيغۇر بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى تاللاشتا مىرەخمەتقاننىڭ تېخنىكىدىكى ئۆزگىچىلىكى، مەيداننى كۆزىتىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقى، مۇداپىئە ۋە بۆسۈپ ئۆتۈشتىكى ئىقتىدارى ئويلىشىلغان ئىدى. دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى سۇماۋجىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا مىرەخمەتجان پۈتۈن مەيداندا كۆپ قىسىم ئورۇنلارنىڭ ھۆدىسىدىن چىقالايدىغان، بولۇپمۇ ئارقا مۇداپىئە ۋە سول بېكلىك ئورنىدا باشقىلاردىن بېسىپ چۈشكىدەك ئىقتىدارغا ئىگە ماھىر ئىدى. بۇ قېتىمقى 10كۈنلۈك مەشىقلەندۈرش ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى شۇنداقلا دۆلەت كوماندا ئەزالىرى قاتارىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك مەشىق پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
                                              QQ截图20130416171320.png
                     
  2010-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى شەرقىي ئاسىيا 4دۆلەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر تىزىملىكىگە مىرەخمەتجانمۇ كىرگۈزۈلۈپ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا زىلزىلە قوزغىدى. بۇ بىر ئايلىق مەشىق جەريانىدا مىرەخمەتجان تىركەشمە مەشىقلەر ئارقىلىق ئۆز ماھارىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىملىق مەشىق ناھايىتى ياخشى سەۋىيە ئۆستۈرۈش پۇرسىتى بولدى. ئاخىرقى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار قاتارىدا ئۇنىڭ ئىسمى يوق بولسىمۇ، بۇ ئاپتونۇم رايون قۇرۇلغاندىن بىرى رايۇنىمىز ماھىرى ئىسىمىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدا تەركىبىدە تۇنجى كۆرۈلۈشى ئىدى.
   2010-يىلى دۆلەتلىك كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشكە قاتناشقان مىرەخمەتجاننىڭ ئىپاىدىسىنى كۆرگەن خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسى دەرھاللا شۇندۇڭ لۇنىڭ بىلەن مىرەخمەتجاننى ئىجارىگە ئېلىش ئىشنى مەسلىھەتلەشتى، شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىدا مىرەخمەتجان ئوينايدىغان سول بېك ۋە سول ئارقا مۇداپىئە ئورنىدا پىشقەدەم، كۆپ مۇسابىقە كۆرگەن ماھىرلار كۆپ بولغاچقا، تەجرىبىلىك مىرەخمەتجانغا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى بەك ئاز بولاتتى، شەندۇڭ لۇنىڭ كۇلۇبىمۇ ئۇنى باشقا كۇلۇبلارغا ئىجارىگە بېرىش ئارقىلىق چېنىقتۇرۇشقا موھتاج ئىدى، لۇنىڭ كۇلۇبى بىلەن خېنەن قۇرۇلۇش كۇلۇبى تېزلا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، مىرەخمەتجان بىر يىللىق ئىجارە بېرىش بىلەن خېنەن قۇرۇلۇش كۇلۇبى كوماندىسىدا توپ ئوينايدىغان بولدى، بۇ مىرەخمەتجان ئۈچۈن ياخشى چېنىقىش پۇرسىتى بولۇپ، بۇ كوماندىدا ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى كۆپ بولاتتى. 2-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۇ خېنەن كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارىدا مەشىقنى باشلىۋەتتى.
  خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسى بىلەن چىڭداۋ جۇڭنىڭ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە مىرەخمەتجان خېنەن كوماندىسىنىڭ ئوڭ يولىدىكى ھۇجۇم تەشكىللەش ۋە مۇداپىئە قىلىشتىكى يادروسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ئوڭ يولدىن بۆسۈپ ئېلىپ كىرىپ تەشكىلىگەن ھۇجۇمى بىلەن خېنەن كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ مەيداندىكى ئىپادىسى ئارقىلىق 10-ئايلانما مۇسابىقىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرىپ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى بولۇپ باھالاندى. ئۇ بارا-بارا سەپلەنمە ئەزالىقىنى خېنەن كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلىنىپ پۈتكۈل خېنە توپ مەستانلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئۈمىد يۇلتۇزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ دىيارىمىز ماھىرلىرىنىڭ جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى يەنە بىر يېڭى رىكورتى ئىدى. خېنەن قۇرۇلۇش كۇلۇبى ۋاقىت مىرەخمەتجاننىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس مىنۇتلار بولۇپ، خېنەن پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە ئۆزىنىڭ ئېسل ئوبرازىنى قالدۇردى، بولۇپمۇ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدە خېنەن توپ مەستانىلىرى «مىرەخمەت كەتمەڭ! مىرەخمەتجاننى كەتكۈزمەيمىز!» دېگەن لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىردى. خېنەن قۇرۇلۇش كۇلۇبى تەرەپمۇ بۇ بىر يىل جەريانىدا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈپ يەتكەچكە، ئۇنى ئېلىپ قېلىشقا تېرىشقان بولسىمۇ شەندۇڭ تەرەپنىڭ رەت قىلىشى بىلەن ئامالسىز قالدى.  
                                                    خەلقئارا مۇسابىقىلەردىكى ماھارەتلەر  
                                                       QQ截图20130416171300.png
                                    
     2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭگۇ ياشلار كوماندىسى شەندۇڭنىڭ زىبۇ شەھىرىدە 36-نۆۋەتلىك ئاسىيا 19ياشلىقلار مۇسابىقىسىنىڭ ئا گۇرۇپپىسىدا سەئۇدىي ئەرەبىستان ياشلار كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى، بۇ گۇرۇپپىدا يەنە تايلاند، سۈرىيە ياشلار كوماندىلىرىمۇ بار ئىدى. بۇ قېتىمقى ئاسىيا 19ياشلىقلار مۇسابىقىسى ماھىيەتتە كېلەركى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسى بولۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە چەمبىرىكىگە كىرگەن ئالدىنقى 4كوماندا 2011-يىلى كولۇمبىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان دۇنيا 19ياشلىقلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايتتى. مۇسابىقىدە مىرەخمەتجان 3-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ ئوڭ بېك بولۇپ مەيدانغا چىقتى. ئاخىرىدا جۇڭگۇ كوماندىسى 3-1 نەتىجە بىلەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى قولغا كەلتۈردى. 10-ئاينىڭ 5-كۈنى سۈرىيە ياشلار كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدىمۇ مىرەخمەتجان ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ 2-0 نەتىجە بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۆھپىسىنى قوشتى.
   2010-يىلى جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقە ئاخىرلىشىشغا ئاز قالغاندا گۇاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئولىمپىك كوماندىسىغا مەشىق قىلىش ئۈچۈن چاقىرتىلىدىغان 26ماھىرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، ئاسىيا ياشلار مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى تۇراقلىق بولغان مىرەخمەتجان تۇنجى قېتىم دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسىغا چاقىرتىلدى. 2010-يىلى مىرەخمەتجان دۆلەتلىك ياشلار، ئولىمپىك ۋە دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلغان تۇنجى ماھىر بولۇپلا قالماستىن يەنە بۇ قېتىمقى مەشىقلەندۈرۈشكە چاقىرتىلغان يېشى ئەڭ كىچىك ماھىر ئىدى. بۇ قېتىمقى مەشىقلەندۈرۈش گەرچە ئون نەچچە كۈن ئەتراپىدا بولسىمۇ، ماھىرلار ئىپادىسىنىڭ ياخشى –يامانلىقى ئۇلارنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تىزىملىكىگە كىرىش-كىرەلمەسلىكىنى بەلگىلەيتتى.
                                                      QQ截图20130416171417.png

    2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگۇ ئولىمپىك كوماندىسى بىلەن قىرغىزىستان كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. بۇ قېتىم جۇڭگۇ ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى سۈنۋىي مەيدانغا چىقىدىغان ئەزالاردا تەڭشەش ئېلىپ بارغان بولۇپ، مىرەخمەتجان ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى. ئەمما مۇسابىقە باشلىنىپلا ئۇزاق ئۆتمەي جۇڭگۇ كوماندىسى بىر توپ كەتكۈزۈپ قويدى. 83-مىنۇتتا مىرەخمەتجان سول تەرەپتىن بەرگەن ئېگىز توپنى ئەمدىلا مەيدانغا چىققان سەبدىشى توختاتمايلا ۋاراتارغا ئۈسسۈپ كىرگۈزۈپ تەڭلەشتۈرىۋالدى. جۇڭگۇ كوماندىسى كەينىدىن يەنە بىر توپ ئۇرۇپ غەلبە قىلدى. كوماندىنىڭ بۇ قېتىمقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئۇنىڭ تۆھپىسى ئالاھىدە بولدى.
   مىرەخمەتجان خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسى بىلەن بولغان توختام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شەندۇڭغا قايتىپ كەلدى. شەندۇڭ لۇنىڭ كۇلۇبى ئۇنىڭ بىر يىللىق ئىپادىسىدىن كوماندىغا قايتۇرۇپ كېلىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇش قارارىغا كېلىپ بولغانىدى. يەنە بىر قانچە كۇلۇبلارمۇ مىرەخمەتجانغا بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ ئىزچىل شەندۇڭ تەرەپنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.
     2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇڭگۇ پۇتبولچىلار جەمئىيتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسىنڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشكە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.بۇ تېزىملىكتە ئالدىنقى قېتىم مىسىرغا بېرىپ مەشىققە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ كۆپى يوق بولۇپ، تېرىنىر بۇلازىۋىچ بۇ قېتىم ئاساسەن ئۆزى تاللىغان، شۇنداقلا كۇلۇبلاردا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن ماھىرلارنى قوبۇل قىلىپ سىناپ كۆرۈشنى مەقسەت قىلغانىدى. بۇ قېتىمقى يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشكە مىرەخمەتجان يەنە چاقىرتىلىشتىن باشقا يەنە شىنجاڭلىق ماھىر- خاڭجۇ يېشىل  شەھەر كۇلۇبىدىكى بارىمۇ چاقىرتىلغانىدى. بۇ مىرەخمەتجاننىڭ 2-قېتىم قېتىم بارىنىڭ تۇنجى قېتىم ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشىگە چاقىرتىلىشى ئىدى. مىرەخمەتجان بۇ قېتىم كاپىتانلىق سالاھىيىتى بىلەن مەشىققە قاتناشتى. ھەم بۇ قېتىمقى يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشتە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن تېرىنىر بۇلازىۋىچ ۋە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا مۇيەسسەر بولدى. 2-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى شاڭخەي شىنخۇا كۇلۇبى بىلەن بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە كاپىتان بولۇپ مەيدانغا چىقىپ ئاپتونۇم رايۇن پۇتبولچىلىرىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى يەنە بىر رېكورتىنى ياراتتى. بۇ تۇنجى قېتىم ئاپتونۇم رايۇنىمىز ماھىرىنىڭ 3چوڭ توپ تۈرىدە كاپىتانلىق ئورنىغا ئېرىشىشى ئىدى.
                                                         داڭلىق كۇلۇب ئاياكىس ئوغلانىمىزغا تەكلىپنامە ئەۋەتتى
                                                               QQ截图20130416171515.png

   2011-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاخبارات ۋاستىلىرى يېڭى بىر خەۋەر شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىدىكى شىنجاڭلىق ماھىر مىرەخمەتجان گوللاندىيەنىڭ داڭلىق كۇلۇبى ئاياكىس كۇلۇبىغا بېرىپ مەشىققە قاتنىشىش تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشتى. ئاياكىس كۇلۇبى ياۋرۇپادىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كۇلۇب بولۇپ، ياش ماھىرلارنى بايقاش ۋە تەربىيلەش جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتارىدا تۇراتتى. نۇرغۇن ماھىرلار ئاياكىسنىڭ مەشىق بازىسىدىن يېتىشىپ چىقىپ ۋە تونۇلۇپ ياۋرۇپادىكى باشقا كۇلۇبلارغا يۆتكىلەتتى. شۇ سەۋەب ئاياكىس كۇلۇبى «پۇتبولچى ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇت» دېگەن نامغىمۇ ئىگە ئىدى. ئۇلار پۈتۈن دۇنيا دائىرىسىدە تالانتلىق پۇتبول مايسىلىرىنى ئىزدەپ بايقاش جەھەتتىمۇ ئالدىنقى قاتارىدا ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇلار خېلى بۇرۇنلا مىرەخمەتجانغا دىققەت قىلغان بولۇپ، گۇاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئۇلار مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ مىرەخمەتجاننىڭ ئىپادىسىنى كۆزەتكەن. شەندۇڭ ؛ۇنىڭ كۇلۇبى ئىسپانىيەدە قىشلىق مەشىققە بېرىش قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاياكىس تەرەپ بىۋاستە ئىسپانىيەگە بېرىپ مىرەخمەتجاننى كۆزەتمەكچى ھەمدە شەندۇڭ تەرەپ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغان، ئەمما مىرەخمەتجان پاسپورت جەريانىدىكى بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىسپانىيەگە بارالماي قالدى. شەندۇڭ لۇنىڭ كۇلۇبى مىرەخمەتجاننى ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئاسىيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان شەندۇڭ لۇنىڭ كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى قاتارىدا تىزىمغا ئالدۇرغان بولغاچقا ئۇنىڭ ئاياكىسقا بېرىش ئىشى كۇلۇبنىڭ قارار چىقىرىشىغا باغلىق بولۇپ قالغانىدى.
                                                            QQ截图20130416171300_副本.gif
                                          
  ئاخبارات ۋاستىلىرىدا مىرەخمەتجان توغۇرلۇق خەۋەر قىزىپ كەتكەندىن كېيىن شەندۇڭ تەرەپ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، مىرەخمەتجاننىڭ شەندۇڭ لۇنىڭ كۇلۇبىنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىنى، مىرەخمەتجان بىلەن بۇرۇنلا توختام ئىمزالاپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى. شەندۇڭ لۇنىڭ كۇلۇبىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئول مۇئاۋىن لىدىرى خەن بەسەي 2-ئاينىڭ 28-كۈنى جىنەن ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شەندۇڭ لۇنېڭ كۇلۇبىنىڭ يۇقىرىقى ئىنكاسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. چۈنكى مىرەخمەتجان ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، ئۆزلىرى تەربىيلەپ چىققان، ئەمەلىي كۈچى زور، ئىستىقبالى پارلاق بىر پۇتبولچى ھېسابلانغاچقا، ئۇنى قولدىن چىقرىپ قويۇشنىڭ ئۆزى قولىدىكى ئالتۇن ئۈزۈكنى يىتتۈرۈپ قويۇش بىلەن باراۋەر ئىدى.
     2011-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە مىرەخمەتجان 7توپ كىرگۈزدى. ئۇنىڭ بىرى ئاسىيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، يەتتىسى 2-سەپ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە كىرگۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە شەندۇڭ لۇنىڭ 2-سەپ كوماندىسى جەمئى 64توپ ئۇرغان بولۇپ ئۇنىڭ 32سى مىرەخمەتجان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ ئىككىنچى سەپلەر ئارا ياردەمچى پاس شاھى بولۇپ قالدى.



شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 7-سانىدىن ئېلىندى.

ھۇررا شىنجاڭ !!!

280

تېما

12

دوست

4041

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9222
يازمىسى: 4041
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 357064
تۆھپە: 1451
ۋاقتى: 1190
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە مادرىد لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 17:54:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىرئەخمەتجاننىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەقىياتىنىڭ تېخىمۇ تىز بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . مىرئەخمەتجان تىزراق  
شەندۇڭ لۇنىڭنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلانسا بەك ياخشى بولاتتى

شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئەزىمەتلەر ھۇررا !!!

*_*

124

تېما

7

دوست

8607

جۇغلانما

كوماندا باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  378
يازمىسى: 8607
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 60678
تۆھپە: 2635
ۋاقتى: 1406
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 18:10:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىرئەخمەتجان جىمىپلا كەتتىغۇ......  ھەقىقەتەن ياخشى ئوينايتى....ئەخلەقىمۇ شۇنداق ياخشى.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

198

تېما

14

دوست

3933

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11712
يازمىسى: 3933
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 450712
تۆھپە: 4611
ۋاقتى: 803
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 18:43:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەندۇڭ لۇنىڭ كۇلۇبىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئول مۇئاۋىن لىدىرى خەن بەسەي 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
ئېغىر بولغاچ غەم يىمەيدۇ كەلكۈندىن تاغ ، يەڭگىللىكتىن تۇزۇپ كىتەر قامغاقتىن ياپراق.

198

تېما

14

دوست

3933

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11712
يازمىسى: 3933
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 450712
تۆھپە: 4611
ۋاقتى: 803
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 18:44:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلىشىغا تىلەكداشمەن
ئېغىر بولغاچ غەم يىمەيدۇ كەلكۈندىن تاغ ، يەڭگىللىكتىن تۇزۇپ كىتەر قامغاقتىن ياپراق.

6

تېما

1

دوست

1693

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8081
يازمىسى: 1693
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 10053310
تۆھپە: 660
ۋاقتى: 528
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 18:48:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بالا ھەقىقەتەن ئەكرەمدىن كىيىنكى يەنە بىر شىنجاڭ پوتبۇل ئابىدىسى بولۇشقا لايىق  . ئۇنىڭدىكى ئىرادە بىلەن تىرىشچانلىقنى باشقا ئىچكىردىكى قىرىنداشلىرىمىز كۆپىرەك ئۆگەنسىكەن دەيمەن .

غەيرەت قىل مىرئەخمەت . سىنىڭ لۇنىڭدا باش كۆتۈرۈشىڭگىمۇ ئاز قالدى  . !
دۇنيانى ساراڭلار يارىتىدۇ. غەلىبە تەۋەككۈلچىلەرگە مەنسۇپ. !

يۇجىھا شىموسى

272

تېما

11

دوست

4965

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  612
يازمىسى: 4965
نادىر تېما: 16
ياۋرۇ: 1394642
تۆھپە: 1123
ۋاقتى: 1182
h
ھالەت

بايرىن لۈكچىكى ئۆمۈرلۈك شەرەپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 19:28:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ھەقىقەتەن نادىر تېما بوپتۇ . كېيىنچە ئايرىم كۆرەي ...
نېچۈك ئەر سانالۇر مىڭلار دۈشمىنى ، مىڭ غەيۋەت قىلمىسا ئۇنى ھەركۈنى ...
9#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

ھايات _ شاھمات تاختىسى !!~~

59

تېما

3

دوست

964

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10104
يازمىسى: 964
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 56443
تۆھپە: 100892
ۋاقتى: 188
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 19:37:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما بوپتۇ . قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !~~ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىدىكى بۇنداق تۆھپىكار ئىنىلىرىمىزنى بېشىمىزدا كۆتۇرسەكمۇ ئەرزىيدۇ !~ غەيرەت قىل ، سەن ۋە سەن قاتارلىق ئەزىمەتلىرىمىز ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقغا يېتەكلىگۇچ رول ئوينايدۇ !!

32

تېما

1

دوست

2101

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11753
يازمىسى: 2101
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 56838
تۆھپە: 2288
ۋاقتى: 365
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 19:59:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئىچكىردە توپ ئوينايدىغان ئوغلانلىرمىزدىن يا پەخرلىنىشنى ياكى ئۇلارنىڭ ئىچكىردە توپ تەپكەنلىكىدىن خۇشال بۇلۇشنى پەقەتلا بىلمىدىم.ئۇلارنىڭ قىلغىنى ئۈزى ئۈچۈنمۇ ياكى خەلقىمىز ئۈچۈنمۇ؟ بولسا مۇشۇ سوئالغا شۇ ئوغلانلىرمىزدىن بىرسى قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بەرگەن بولسا ھەممە ئىش ئايدىڭ بۇلاتتى. مىنىڭ كۆڭلىمدە بۇ سوئالغا پەقەت جاۋاپ يوق. مەن ئويلايمە چەتئەلدىكى ياكى ئىچكىردىكى داڭلىق بىلىم يۇرتىدا ئوقوغانلار شۇ يەردىكى ئەۋزەل شارائىتنى ۋە يۇقىرى سوممىلىق تەمىناتنى رەت قىلىپ دىيارىمىز شىنجاڭغا قايتىپ كىلىپ ، ئۈزىنىڭ قابىلىيتى ئارقىلىق خەلقىمىزگە ئاز بولسىمۇ بىرەر پايدىلىق ئىش قىلىپ بىرىپ ، خەلقىمىزنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدىكەن، ئەممازە ماۋۇ بىزنىڭ پۇتبول ئوينايدىغان ئوغلانلىرمىزچۇ؟ بەلكىم بۇ چولپانلىرمىز بىزنىڭ شىنجاڭدا تەرەققى قىلىش پۇرسىتىمىز چەكلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بىزگە كۈڭۈل بۆلمەيدۇ دەپ ھۆكۈمەتتىن ئاغىرنىشى ئېنىق،مەنچە بۇ تۈپكى سەۋەپ بولالمايدۇ.بولسا شۇ چولپان ئوغلانلىرمىز ياخشىراق ئويلىنىپ باقسا.ھەممىمىز بىلمىز چولپانلىرمىزدىن 90%لىرى ئاساسەن ئىچكىردە بەسەي ساتقۇچىلارنىڭ سوغوق ئۇرۇندۇقىنى بېقىپ ياتىدۇ.
بىراۋ دىدى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار،مەن دىدىمكى تۇخۇمنىڭ ئەشۇ تاشتا دەردى بار.

سەن كىم ئىدىڭ؟ئە

1

تېما

0

دوست

109

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11816
يازمىسى: 109
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50513
تۆھپە: 130
ۋاقتى: 22
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 20:24:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
messi100 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 19:59
مۇشۇ ئىچكىردە توپ ئوينايدىغان ئوغلانلىرمىزدىن يا پەخر ...

مىنىڭ دەيدىغىنىممۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش`1`````````````````
سەن كىم ئىدىڭ؟ئەمدى كىم بولدۇڭ؟يەنە كىم بولماقچى؟؟؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )