akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 764|ئىنكاس: 13

مانچىستىر بىرلەشمىسى يېڭى خەۋەرلىرى (ئوۋچى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوۋچى312 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-16 11:55  




خانلىق مادىرىت بىلەن بولغان مۇسابىقىدە رونى زاپاس ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چىققاندىن كىيىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاغزىدا ئۇنىڭ يۆتكۈلۈش خەۋەرلىرى توختىمىدى . ئالدىنقى كۈنى تېخى فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى رونىنى پارىژ بىلەن بىرلىككە كىلىپ بولدى. رونىغا قۇشۇلۇپ نانىمۇ پارىژغا كىلىدۇ دەپ خەۋەر بەرگەن . لىكىن رونى بۈگۈن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ ئۈزىنىڭ مانچىستىردا ئۇزۇن مۇددەت توپ تەپكۈسى بارلىقىنى مانچىستىردىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى .



كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئالدىنكى كۈنى مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ يۆتكۈلۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى جېم لاۋرى ئىسپانىيەگە بېرىپ مادىرىت رىقابەت بىلەن گىرانادانىڭ مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن كۆرگەن مۇسابىقىدە فاركاۋ توپ مادىرىت رىقابەت غەلبە قىلغاندىن كىيىن ئۇ مانچىستىر تەرەپكە ئۇنى يۆتكەپ كىلىش تەكلىبىنى بەرگەن .
ماركا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا مانچىستىر تەرەپ فاركاۋ ئۈچۈن ئالدىن 17 مىليون فونىدسىتىرلىڭ تاپشۇرۇپ بولغان بۇلۇپ فاركاۋنىڭ باھاسى 47 مىليون فونىدسىتىرلىڭ ئەتىراپىدا بۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن . مانچىستىر بىرلەشمىسىدىكى مىكسىكىلىق ھۇقۇمچى ئېرنەندىسنىڭ ھازىرقى بازار باھاسى 20 مىليون ئەتىراپىدا بۇلۇپ مانچىستىر تەرەپ ئېرنەندىسكە پۇل قۇشۇپ فاركاۋنى ئەكىلىۋالماقچى بولىۋېتىپتۇ .


بۇ پەسىل قېرى سېر ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن ئىنگىلاندلىق ھۇجۇمچى ۋېلبېكنىڭ ئىپادىسى مەستانىلەرنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقمىدى نۇرغۇنلىغان مەستانىلەر بۇنى مەيدانغا چۈشۈرىۋەرگەنلىكىدىن نارازى بۇلۇشقان .
سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا بۇ قارۋاي بۇ پەسىل 49 قېتىم قاپقىغا ئۇرۇپ 2 توپ كىرگۈزگەن توپ كىرىش نىسپىتى %4 بولغان . ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە ئاران 3 قېتىم پاس يەتكۈزگەن . ھەر مەيدان مۇسابىقىدە 0.8 قېتىم بۈسۈپ كىرگەن بۇلۇپ بۇ قارۋاي 8 ئاساسلىق بوپ مەيدانغا چۈشكەن 8 مەيدان مۇسابىقىدە مانچىستىر ئاران 1 مەيدان ئۇتقان . ئەڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى مادىرىت بىلەن 1-1 بولغان  مۇسابقىدىكى بىر كاللا توپى بولغان .





ئىنگىلاند بىرلەشمىسى 32 - ئايلانمىسىدا مانچىستىر بىرلەشمىسى بىر شەھەردىكى رەقىبى مانچىستىر شەھەرچىسىگە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كىيىن قېرى سېر كوماندا ئەزالىرىغا كىيىنكى 7 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسدە غەلبە قىلىشنى بولمىسا ئۈزىدىن ياخشى كۈن كۆرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن . دىگەندەك 33- ئايلانمىدا سېرنىڭ بۇيرۇقى كۈچىنى كۆرسۈتۈپ سىتوك شەھىرىنى 0-2 ئۇتقان ۋە كىيىنكى قالغان 6 ئايلانمىدا تۇلۇق ئۇتۇپ ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇر رىكورتىنى يېڭىلاشقا بەل باغلىغان .

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 13:19:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونى راستىنلا يۆتكۈلۈپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 13:28:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋان پىرسى رونىينىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ بولدى توپ ئۇرۇش ئۈنىمىمۇ شۇنداق ياخشى....ئەمدى فالىكاۋنى ئەكەلسە ئاستا بىرىپ ئورۇندۇق باقىدىغان گەپ شۇڭلاشقا كىتىشتىن باشقا ئامال يوق....مەنچە مادىرىدقا كەلسىمۇ بولاتتى...بېنزىما بىلەن ھىگۇايىندىن ياخشىتى بۇ بودەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 13:33:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رونى كەتسە يەنە چاتاق چىقىدىغان بولدىدە ... يا باللا بىلەن بىللە مۇسابىقە كۆرگىلى بولمىغان  

ئىۋۇ قارۋاينى كۆزۈم كۆرمىسە دەيمەن .

فالكاۋنى ئەكەلگەنگە چۇشلۇق ئىش بولمايدىغاندەكلا تۇيغۇ بار مەندە ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 13:51:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونىينى سانچىس بىلەن تىگىشىدىغان ئىشمىكىن،كىمىپ قالغان يىرىگە ئازراق پۇل قېتىپ بولسىمۇ،ھىچ بولمىغاندا يىقىلىپ قالغانلارنى يۇلەشكە بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بۇ بودەك،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 14:30:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونى سېتىلىپلا قالسا رونىغا كۆز تىكىپ تۇرغان كۇلۇبلار كۆپ . قېرى سېر نېمە ئويلايدۇ ،بۇ بىزگە نامەلۇم !~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 14:54:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى كۈنىدىكى خەۋەردە قىرى سىر : « ماڭا فالكاۋ لازىم ئەمەس ، چۈنكى كوماندىمىزدا فالكاۋدىنمۇ كۈچلۈك بىر ھۇجۇمچى بار ، ئۇ بولسىمۇ ۋان پېرسى ! » دەپتىكەن ... ئەجەپ ئەمدى فالكاۋنى يۆتكەش خەۋىرى توختىماي چىقىۋاتىدۇ - يا ....
ئۆتكەندە ئابلا باي چېلسىيغا فالكاۋنى زادى يۆتكەپ كېلىمىز دەۋاتاتتى ، كېيىن شەلىكلەرنىڭ ئوۋ نىشانىغا ئايلاندى ، ئەمدى بولسا ئالۋاستىلار ئۇنى زادى ئالمىساق بولمايدۇ دەۋاتىدۇ ...
زادى بۇ تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرى بىردەك ئەمەس ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 14:55:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ نېگىر بىلەن ئەجەپ خوشام چىقىشمىدى ، مادىردقا ئۇرغان توپىمۇ  99% تەلەي ئارقىلىق كىرىپ كەتتى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 15:34:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئالۋاستىلار ھالقىلىق پەيىتتە ئۇتتۇرۋېتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 17:16:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فالكاۋ ئېنگىلانتقا ماس كەلمەيدىغاندەكلا.مەنچە رونىي قايسى كۇلۇبقا بارسا مۇتلەق ئاساسلىق ئەزا بولالايدۇ.ۋاپىرىس،فالكاۋلا رۇنىينى زاپاس قىپ بولالمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 19:22:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلىمدىكى گەپنى قىلسام فۇرگۇسىنغا تازا ئىشەنمەس بوپ قالدىم ... نەدىكى ھالقىلىق ۋاقىتلاردا ئۇتتۇرۇپ قويۋاتىدۇ ، تىخى نەدىكى ئىپادىسىنى تاپالمايۋاتقانلارنى ئاساسلىق ئەزا قىلىۋالغان .. قىرىغاندا مۇجىزە ياراتقۇسى كىپ قالدىمۇ ياكى بۇيۇك بىرتانىيەگە ئادەم تەربىيلەپ بەرگۈسى كەپ قالدىمۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 19:25:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىقى يامانكىنا بۇ بوۋاينىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 23:14

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش