akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 883|ئىنكاس: 29

مېنى بەيرىن مەستانىسى قىلغان(ميۇنخېن )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ميۇنخېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-16 14:34  

                                             ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار
           
            كەمنە  ميۇنخېندىن ئوتلۇق سالام !! بۈگۈن يەنە سېلەر بىلەن دىدارلېشىش نېسىپ بولغان ئوخشايدۇ .  شۇڭا ئۆزەم توردىن ئىزدەپ باشىقلارنىڭ ياردىمى ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق تەرجىم قىلىپ تەرييارلغان (خ س ك دىن كېنىشكەم يوق تىخى  ، خاتا يەرى بولسا تەلىم بىرەسىلەر  ) مۇنبەر ئەھلىگە ئازىراق كۆڭلۈم بار ئېدى .   قېنى ئەمسە ھوزور ئالغايسىلەر .
         ئېسمى : فراك  رىبىرى .    Franck Ribery   (ئەرەبچىسى _بىلال)         

        دۆلەت تەۋەلكى : فىرانسىيە  بۇلوننا        تۇغۇلغان ۋاقىت :  1983.4.7      

          ئېگىزلىكى  : 1مېـتر71 سانــتا                ئېغرلقى : 62 كېلوگىرم

         ھازىر تۇرۇشلۇق كۇلۇب :  بەيرىن ميۇنخېن     مەيداندىكى ئورنى : سول ھۇجۇمچى
            
                        

ربىرى

ربىرى




      فراك رىبىرى  1996 -يىلدىن 1999 -يىلغچە فرانسىيە لېر ياشلار كوماندىسىدا تۇرغان . ئېپادىسىنى جارى قېلدۇرالمىغان رىبرى  يۇرتى بۇلونناغا قايتىپ كەلگەن ۋە 2001 -يىلدىن 2002-يىلغچە شۇ يەردە توپ تەپكەن.(24 مەيدان مۇسابىقدە 5 توپ كېرگۈزگەن) بىر مەزگىل فرانىسيە بىرلەشمىسىدىكى  ھەرقايسى كۇلۇبلاردا توپ تەپكەن رىبىرى ئېپادىسىنى دېگەندەك جارى قىلدۇرالمىغان. 2005 -يىلى 1 -ئايدا تۈركىيە بىرلەشمسىدىكى غەلتە ساراي كوماندىسىغا 2.5 مىليون باھا بىلەن مېتىز ( 梅斯 كە ) كوماندىسدىن يۆتكەلگەن . شۇ مۇسابىقە پەسلىدە 14 مەيدان مۇسابىقدە بىرمۇ توپ ئۇرالمغان .ئەمما تۈركىيە لوڭقىسى يېرىم ھەلقغۇچ  تالىشش مۇسابىقىسىدە توپ ئۇرلمىغان بولسىمۇ ھالقىلىق بىر توپنىڭ چۈشىشگە سەۋەبچى بولغان . ئاخىردا ھەل قىلغۇچتا سەبداشلىرىغا ياردەمچى پاس چىقىرىپ 5-1 نەتىجە بىلەن قارشى تەرەپنى يىڭىپ چېمپىيون بولغان.
       2005-يىلى ئاخىردا ئەركىن توپچى سۈپىتدە فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى مارسېل كوماندىسغا يۆتكەلگەن ۋە ئېپادىسى ياخشى بولغان ھەم كوماندىنى نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرشتۈرگەن شۇنىڭ بىلەن بىرگە2006 - 2007 - يىللىرى 2 قېتىم فرانىسيە پۇتبۇل ئەپەندىسى بولغان.2007 -يىلى يازدا 25 مىليونلىق باھا بىلەن بەيرىنغا يۆتكەلگەن  . تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى گېرمانىيە بىرلەشمە لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسى بولۇپ بىرمىن كوماندىسى بىلەن ئوينالغان ۋە 2 يارەمچى  پاس چىقىرىپ 1-4 نەتىجە بىلەن يەڭگەن .شۇ پەسىل مۇسابىقدە  جەمئى 39 مەيدان چىقىپ 14 توپ ئۇرغان  16 پاس چىقارغان ھەم گېرمانىيە پۇتبۇل ئەپەندىسى بولغان .2011 -2012 يىلى بۇ پەسىل مۇسابىقدە بەيرىن لوڭقا كۆتۈرەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما رىبرى ئېپادىسى قالتىس بولغان.(32 مەيدان12 توپ ئۇرۇپ 21 ياردەمچى پاس چىقارغان) ئەلۋەتتە رىبىرى ئېپادىسى ھازىرمۇ تۇراقلىق كىتىپ بارىدۇ ، ھەم بۇندىن كىيىن ياخشى نەتىجلەرگە ئېرىششنى ئۈمۈد قىلمەن .


                                                             ئاخىردا رىبىرىنىڭ ماھارەتلىرىدىن ھوزۇرلانساق   


                                 

                                                                                           ئىمزا ___ميۇنخېن


                                                                                                                                    2013.4.16  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
مەنزىل + 50 قوللاش!
ئەلقۇت + 50 + 10 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 14:44:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا بۇنىڭ تەسىر قىلغان مۇسابىقىسى 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا فرانسىيە 3-1 نەتىجە بىلەن ئىسپانىيەنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى بولغان .
ئۆپكىسى يوقنىڭ بىرسى بۇ . توختىماي يۈگرەيدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 14:45:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فرانسىينىڭ كۆپ قىسمىدىكى پۇتبولچىلىرىنىڭ ھەممىسى  ئالجىرىيدىن ئىقىپ كىرگەنمىكى دەپ گۇمان قىلىمەن ( زىدانېي ، ھېنرىي ، ئابىدال ، رېبىرى ، ناسرى ، بېزېما ...... )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 14:50:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 14:44
ماڭا بۇنىڭ تەسىر قىلغان مۇسابىقىسى 2006-يىللىق دۇنيا لوڭ ...

ئۇنىڭ مەيداندىكى توختىماي يۈگۈرۈشى بىزنىڭ پەخرىمىز بارىجان بىلەن ئوپئوخشاش ، مەن شۇنداق ئويلاپ قالدىم ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-16 14:57:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ميۇنخېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-16 15:01  
intezar11 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 14:50
ئۇنىڭ مەيداندىكى توختىماي يۈگۈرۈشى بىزنىڭ پەخرىمىز ب ...


بارى رىبىرىدەك پۇرسەت تۇتالىسا ياخشى بوپ كىتەتتى . ياراتقان ئىگمىز ئۇنىڭ ئېشلىرنىمۇ ئاسان قىلار ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 14:58:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەك ئامراق بۇنىڭغا،بولۇپمۇ پاس بېرىشىغا،بەك ئېسىل ئويناپ قويىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 14:59:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ميۇنخېن يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 14:57
بارى رىبىرىدەك پۇرسەت تۇتالىسا ياخشى بوپ كىتەتتى . يا ...

مەن دەيمەن ، بارى بىلەن رىبىرىي ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق : توختىماي يۈگۈرۈش ئۇسلۇبى تامامەن ئوخشايدۇ ... ئوخشىمايدىغان يېرى : رىبىرىيغا بار پۇرسەت بارىغا يوق ..... قالغىننى ياراتقان ئىگەم ئۆزى ئاسانلىق يارېتىپ بىرەر ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 15:06:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىبىرى كۆچمەننىڭ بالىسى ئەمەس  بەلكى يەرلىك فىرانسۇز   ئۆيۈمنىڭ ئارقىسىدىكى كوچا مۇشۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان
رېبىرىنىڭ مېيز دا توپ تەپكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن   مۇشۇ مېيىز دىگەن ئىسىمنى ئاڭلىساملا ھۆ بولغۇم كىلىدىغان بوپ قالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 15:14:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام.

2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا بۇ ئاداش ئالامەت ياىشى ئۇيناپ قۇيغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 15:23:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەلتە ساراي كوماندىسىدىمۇ ئۇيناپ باققانمۇ بۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 15:28:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە كىلىپ مۇسۇلمانكەن بۇ ئاداش.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-16 15:29:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيداندا تىرىشىپ توپ ئوينايدىغان توپچىنىڭ بىرسى ... سۇئەت ، تېخنىكا ، بەدەن كۇچى جەھەتتە تەڭ يېتىلگەن توپچىدە بۇ !~~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 19:19

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش