akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1162|ئىنكاس: 33

مانچىستىر بىرلەشمىسى خەۋەرلىرى (ئوۋچى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوۋچى312 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 17:26  

ئىنگىلاند بىرلەشمىسى 33 - ئايلانمىسىنىڭ مانچىستىر بىرلەشمىسنىڭ سىتوك شەھىرى بىلەن بولغان مۇسابىقىسى سىتوك شەھرىنىڭ بېرتانىيە پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى نەتىجىدە   مانچىستىر بىرلەشمىسى سىتوك شەھىرىنى 0-2 نەتىجە بىلەن ئۇتتى . كارىك ۋە ۋانپىرىسلارنىڭ (نۇقتا توپ) توپ ئۇرىشى بىلەن مانچىستىر شەھەرچىسىدىن بىر مەيدان ئارتۇق ئوينىغان ئەھۋالدا 15 نومۇر ئاشتى .




سىكولىس بۇ يازاد چىكىندىغانلىقى ئۈچۈن مانچىستىر تەرەپ بىر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن جىددى ھەركەت قىلماقتا . گەرچە مانچىستىردا ھازىر كىلەيۋىرى ، ئاندىرسۇن ، كارىك  ۋە كاگاۋا قاتارلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى بولسىمۇ لىكىن بەزىلىىرنىڭ ئىپادىسى تۇراقسىز بولغانلىقتىن ئوتتۇرا مەيدانغا قان تۇلۇقلىماقچى بولغان .
ئالدىنقى كۈنىدىكى نىۋكاستىل بىلەن بېفىنكا كوماندىسنىڭ مۇسابىقىسىنى سېر ئۈزى بېرىپ كۆرگەن ئاساسلىق مەقسىتى نىۋكاستىلنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى كابايىنىڭ ئىپادىسىنى كۈزۈتۈش . بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن كابايى لىيون ياشلار بازىسىدىن چىققان بۇلۇپ 2011 - يىلى يازادا نىۋكاستىلغا قۇشۇلغان . بۇ پەسىل كابايى 34 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 9 پاس بىرىپ 4 توپ ئۇرغان .  ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا مانچىستىر تەرەپ بۇ توپچىغا 20 مىليون فونىدسىتىرىڭ چىقىرىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ .



مانچىستىر بىرلەشمىسى يەنە گوللاندىيە بىرلەشمىسىدىكى فېينورىد  كوماندىسىدىكى جوننىي كېلەيسنىمۇ سېتىۋېلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن كىلەيسى ھازىر 21 ياش بۇلۇپ تىپىك ئارقا بەل ئۇ  فېرنودى ياشلار بازىسىدىن يىتىشىپ چىققان بۇ پەسىل 28 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 2 توپ ئۇرۇپ 6 پاس بەرگەن .
ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن گوللاندىيەنىڭ خاۋىسى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان  بۇ توپچنى ھازىر توتىنھام ۋە ئارىسىنال قاتارلىق كۇلۇپلارمۇ تالىشىۋاتىدۇ . باھاسى تەخمىنەنە 6.5 مىليون فونىدسىتىرلىڭ ئەتىراپىدا بۇلىشى مۇمكىن .

مانچىستىر تەرەپ يەنە لىللى كۇلۇبىدىكى 19 ياشلىق دىگىنىنمۇ سېتىۋېلىش تىزىملكىگە كىرگۈزگەن بۇلۇپ دىگىنى ھازىر ئېۋېرانىڭ ئەڭ ياخشى ئىز باسارى دەپ قارىلىۋاتقان بۇلۇپ باھاسى تەخمىنەن 5 مىليون ئەتىراپىدا بۇلىشى مۇمكىن .

مانچىستىر تەرەپ يەنە ئاجاكىستىكى تونى ئالدىرۋېيتنىمۇ يۆتكەش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن .  24 ياشلىق بۇ توپچى ئاياكىس ياشلار بازىسىدىن چىققان بۇلۇپ ئاساسلىق ئورنى ئوتتۇر بېك ھەم يان بېك ئارقا بەل قاتارلىق ئورۇنلارنىمۇ ئوينىيالايدۇ ئۇ ھازىرغىچە ئاياكىس ئۈچۈن 178 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بۇلۇپ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان بۇنىڭ باھاسى تەخمىنەن 9 مىليون ئەتىراپىدا بۇلىشى مۇمكىن .

مانچىستىر بىرلەشمىسى يەنە بارسىلونانىڭ يان ھۇجۇمچسى سانچىسنى يۆتكىمەكچى بولغان لىكىن باھا قويغان قويمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس بۇ سودىغا يەنە يۇۋىنتۇس ۋە ئىنتىر مىلانلار قاتناشقان بۇلۇپ ھەممىسى سانچىسنى يۆتكەش پىلانى تۈزگەن  .  سانچىسنىڭ  بارسىلوناغا كەلگەندىن بىرى ئىپادىسى كۆزگە كۈرۈنەرلىك ئەمەس شۇڭا بارسىلونا تەرەپ مۇۋاپىق باھا تاپشۇرىۋالسا قولدىن چىقىرىۋېتىشى مۇمكىن .

بەزى خەۋەرلەردە رونىينى پارىز بىلەن بىرلىككە كىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ لىكىن ئىشەنچىلىك ئەمەس شۇڭا سەل ئېنىقلاشقاندا ئاندىن يوللاي ..

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-15 17:06:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كابايى بىلەن سانچىسنىڭ رەسىمىنى شۇنچە قىلىپمۇ چىقىرالمىدىمغۇ نىمىش بوپكەتتى بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-15 17:09:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇنى كەتسە فالكافنى ئەكەلمىسە چاتاق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-15 17:14:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچېستېر ئىز باسار توپچىلارغا كۆز ساپتۇدە ؟؟ روننېي كەتسە مانچېستېر رونېيدەك توپچىدىن يەنە بىرنى تاپالمايدۇ !~ فالكاۋ نوچى ھۇجۇمچى بولسىمۇ رونىغا يەتمەيدۇ ~!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-15 17:25:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-15 17:28:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-15 17:30:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاي مۇداپىيەچى بىلەن ئوتتۇرا مەيدانغا بەكرەك كۈچەۋاتقان چېغىۋا دورتمونددىكى خۇمىلىسقىمۇ باھا قويغاننىڭ گىپى بار .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-15 17:33:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرىستىياننى سېتىپ ھازىرغىچە ئۇنۇڭ ئورنىنى چاندۇرمىغىدەك توپچى تاپالمىدى.رۇنىينى ساتسا تېخىمۇ چاتاق چىقىدۇ.فالكاۋ ھەرگىزمۇ رۇنىينىڭ رولىنى ئالالمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-15 17:40:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
awral1432 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 16:33
كىرىستىياننى سېتىپ ھازىرغىچە ئۇنۇڭ ئورنىنى چاندۇرمىغ ...


فالكاۋنى ئالىدىغان ئىشنى بوۋاي ئىنكار قىلىپ بولدى . ھازىر نىشان لەيۋەندوۋىسكى لىكىن رونىنى سېتىش ناتايىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-15 17:53:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن كابايى لىيون ياشلار بازىسىدىن چىققان بۇلۇپ 2011 - يىلى يازادا مانچىستىر بىرلەشمىسىگە قۇشۇلغان . بۇ پەسىل كابايى 34 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 9 پاس بىرىپ 4 توپ ئۇرغان .  ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا مانچىستىر تەرەپ بۇ توپچىغا 20 مىليون فونىدسىتىرىڭ چىقىرىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ .


خاتا بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق ، مانچىستىرغا قۇشۇلغان بولسا يەنە پۇل چىقىرىشىنىڭ ئورنى يوقتۇ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-15 18:26:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hiyalim يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 16:53
بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن كابايى لىيون ياشلار بازىسىدىن چى ...

نىۋكاستىلغا قۇشۇلغان دىمەكچى ئىدىم . قېرىپ قالدۇقمۇ نىمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-15 19:09:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوۋچى312 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 18:26
نىۋكاستىلغا قۇشۇلغان دىمەكچى ئىدىم . قېرىپ قالدۇقمۇ ن ...

تانكىچاقنىڭ يوقلۇقى بۇ ھەپتە چاندى ، ئامىرىكىغۇ چىسلى بىرلەشمە ئوينىمىدى دەپ يازمىسۇن ، سىلىمۇ ئالۋاستىنڭ خەۋىرىنى ئايرىم تىما قىپ يوللاپ قوياپسىلە ماۋۇ قاملاشماپتۇ جۇمۇ ، ھەر قىتىم ھەممە بىرلەشمنىڭ ئالدىدا ماڭدىغان بىرلەشمە تۇرسا ئىنگىلاد
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 12:52

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش