- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3394
- نادىر
- 5
- يازما
- 3394
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-15 12:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
2012 - 2013 - يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى 29 - ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ داۋامى ئاياغلاشتى ... نەتىجە تۆۋەندىكىچە :
شارىك04 2 - 2 لىۋىرىكسۇن
بىر مەيدان كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسى ئوينالدى ، يەنى گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك بولغان شارىك04 كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا لىۋىرىكسۇن كوماندىسنى كۈتىۋالدى ...
مۇسابىقە باشلىنىپ لىۋىرىكسۇن كوماندىسى ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ ئاۋال 2 توپ ئۇرۇپ ئۈستىنلىككە ئۆتىۋالدى ، شارىك04 كوماندىسى 70 مىنۇتتىن كىيىن ھۇجۇم سۈرىتىنى تىزلىتىپ 2 توپ ئۇرۇپ ئۆزمەيدانىدا تەڭلىشىپ قالدى ۋە بىردىن نۇمۇر ئالدى ...
سىتۇگارت 2 - 0 مىنشىنگىلادباخ
يەنە بىر مەيدان گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى قىزىق نوقتىغا ئايلانغان كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلدى ... سىتۇگارت كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا مىنشىنگىلادباخ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ! نەتىجىدە سىتۇگارت كوماندىسى ياخشى ئىپادىسى بىلەن ئۆزمەيدانىدا غەلبە قىلىپ 3 نۇمۇرنى تولۇق قولغا كەلتۈردى !
ئاگسۇنبۇرگ 2 - 0 فىرانكفۇرت
دەرىجىسى چۈشۈپ كىتىش گىردابىغا بىرىپ قالغان ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسى بۇ پەسىل دەرىجىسى ئۆرلەپ ئىپادىسى كۆرنەرلىك ياخشى بولىۋاتقان فىرانكفۇرت كوماندىسنى كۈتىۋالدى ... نەتىجىدە ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا بۇ قارا تۇلپار كوماندىسنى مەغلۇب قىلدى !
بۇ پەسىللىك مۇسابىقە بىشىدا فىرانكفۇرت كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان ئىدى ، بىرلەشمە ئاياغلىشىشقا ئاز قالغاندا بۇرلارنىڭ قەدىمى بارا - بارا ئاستىلاشقا قاراپ ماڭدى !
2012-2013يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى رەت - تەرتىپى .
2012-2013 يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى مەرگەنلار رەت - تەرتىپى .
بۇنىڭ بىلەن 2012-2013يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى 29 - ئايلانما مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى ! 30 - ئايلانما مۇسابىقە 20 - چىسلا باشلىنىدۇ! ...
|
|