akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 885|ئىنكاس: 18

ئىتالىيەنىڭ روھى تۈۋرىكى ____ ئاندىرا پىرلو

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5.jpg

ئاندىرا پىرلو ( Andrea Pirlo   1979-5-19) ئىتالىيە پۇتبولچىسى .
ھازىر توپ تىپىۋاتقاپ كۇلۇپ :  يۇۋىنتىس كۇلۇبى
مەيداندىكى ئورنى : ئوتتۇرا مەيدان
بوي ئىگىزلىكى :177سانتى مىتىر
بەدەن ئېغىرلىقى :68 كىلو گىرام
دۇنيا دەرىجىلىك ئېرىشكەن نەتىجىلىرى : 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى ، ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇنى 2 قېتىم ( 2003. 2007 )  ، 2012-يىللىق ياۋرۇپالوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ ئىسىل ئىپادىسى بىلەن ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسنى ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىگە باشلاپ كىرگەن ...

5JAF87T900BV0005.jpg

قىسقىچە  تەرجىمالى :
ئاندىرا پىرلو 1979-يىلى 5-ئاينىڭ 29 كۈنى بۇلېسىيە رايۇنىدا تۇغۇلغان . ئەڭ بۇرۇن بۇلېسىيە كۇلۇبىدا توپ ئوينىغان . پىرلو بۈگۈنكى زامان ئەڭ ياخشى تېخنىكىلىق ھۇجۇم تەشكىللەيدىغان  ئارقابەل توپچى . ئۇ ئىتالىيە ياشلار دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولۇپ2000-يىلى 21ياشلىقلار ياۋتۇپا لوڭقىسىنى كۆكتۈرگەن  .
1998 -يىلى ئاندىرا پىرلو بۇلېسىيا كۇلۇبىدىن ئايرىلىپ ئىتالىيە زەردارى بولغان ئىنتىر مىلان كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن . بۇ ۋاقىتتا پىرلو ھۇجۇم خارەكتىرلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئىدى .  چولپان توپچىلار ساماندەك جېق بولغان ئىتىر مىلان كۇلۇبىدا ئۇ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە كۆپ ئېرىشەلمىدى ، شۇنىڭ بىلەن پىرلو بۇلېسىيە كۇلۇبىغا قايتىپ كەتتى . 2001-يىلى يازدا پىرلو مىلان شەھرىنىڭ يەنە بىر كۇلۇبى ئا س مىلان كۇلۇبىغا يۆتكەلدى . ئا س مىلا كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى ئەنچېلودى پىرلونىڭ كەسپى ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قارار چىقاردى ، پىرلو نىڭ مەيداندىكى ئورنىنى ئارقا بەل ئورۇنغا ئالماشتۇرۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئاندىرا پىرلو يۇلتۇزدەك چاقناپ كەتتى  .
دۆلەت كوماندىسىدا : 88 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 11 توپ ئۇرغان
ياۋرۇپا 3 چوڭ لڭقىسىدا : 104 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 8 توپ ئۇرغان
ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدا : 88 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 7 توپ ئۇرغەن
توپ تەپكەن كۇلۇپلىرى : بۇلېسىيە ، ئىنتىر مىلان ، ئا س مىلان ، لېيجىنا كۇلۇبى ، يۇۋىنتىس كۇلۇبى
ئىنتىر :  1998-2001
ئا س مىلان : 2001-20011
يۇۋىنتىس : 2011 - .....

461_15278325_f50531ebb4f9557.jpg


2001-يىلى پىرلو مىلان كۇلۇبىغا يۆتكەلگدىن كىيى ئەنچېلودى ئۇنى يىڭى بىر ئاندىرا پىرلو قىلىپ ئۆزگەرتتى .
ئاندىرا پىرلونىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ھاياتى :
2000-يىلى پىرلو ئىتالىيە 21 ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولۇپ ياۋرۇپا 21 ياشلىقلار لوڭقىسىنى كۆتۈردى ، ئۇ شۇ مۇسابىقىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ، ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . شۇ يىلىسى ئۇ دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن شىنى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشتى .
2004-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى :
ئاندىرا پىرلو 2002-يىلى 9-ئايدا تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن كىيىن دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلاندى ، 2004 -يىلىدىكى ياۋرۇپا لوڭقىسىغا قاتناشتى .

0920-B07_1.jpg

2004-يىلىدىكى ئولىمپىك
2004-يىلى پىرلو ئىتالىيە ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولۇپ ئولىمپىككە قاتنىشىپ مىس مىدالغا ئېرىشتى .
2006-يىللى گىرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى :
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە پىرلونىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى .
تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە پىرلو چەكلەنگەن رايۇن سىرتىدىن بىر توپ ئۇرۇپ ئىتالىيە كوماندىسنىڭ تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى . ئارقىدىن پىرلو ياكۈنتاغا بىر پاسچىقىرىپ  مۇسابىقە نەتىجىسىنى 2 :0 گە ئۆزگەرتتى . ئىككىنچى مەيدان ئامرىكا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە پىرلو گىلاردىنوغا پاس چىقىرىپ گىلاردىنو بۇتوپنى كاللا بىلەن ئۈسۈپ كىرگۈزدى . يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقە ساۋاملىشىپ 119 مىنۇت بولغاندا پىرلو چاكلەنگەن رايۇن سىزىقىدىن توپنى ئىنتايىن چىرايلىق كونتىرول قىلىپ گېلوسوغا پسچىقاردى . گېلوسو شۇ توپنى ئۇرۇپ ئىتالىيە كوماندىسنى ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىگە ئەكىردى . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يەنە شۇ پىرلو ماتىراززىغا پاس چىقىرىپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى . نۇقتا توپ جېڭىدە پىرلو نۇقتا توپنى كىرگۈزدى . دۆلەت كوماندىسى بىلەن دۇنيا كوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى .


2852882103135652429.jpg





2012-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسى :
2012-يىلى پىرلو 33 يېشىدا ئىتالىيە كوماندىسنى باشلاپ ياۋرۇپا لوڭقىسىغا قاتناشتى . مۇسابىقىدىن بۇرۇن نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن دەپ قارالغان ئىتالىيە كوماندىسى پىرلونىڭ ئىسىل ئىپادىسى ۋە باشقا سەپداشلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلان 2 -لىككى ئېرىشتى .  
گۇرپا مۇسابىقىسىدە پىرلو 2 پاس چىقىرىپ 1 توپ ئۇرۇپ ئىتالىيە كوماندىسنىڭ گۇرپىدىن چىقىش توھپىكارى بولدى . كېلودىيە كوماندىسغا ئىنتايىن چىرايلىق ئىختىيارى توپ ئۇردى . پىرلو ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ 2-بۇلۇپ ئىككى قېتىملىق ياۋرۇپا لوڭقىسىدا توپ ئۇرغان توپچىسى بولدى . ئىڭگىلاند كوماندىسى بىلەن بولغان نۇقتا توپ جېڭىدى پىرلو قۇشۇق سىمان نۇقتا توپ ئۇردى  .
2012-يىلى ئىتالىيە كوماندىسى گىرمانىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان 2 توپنى بالوتېللى ئۇرغان بولسىمۇ ھەقىقى ماختاش ۋە شەرەپكە پىرلو ئېرىشتى . پىرلو بۇ مۇسابىقىدىكى 6 مەيدان مۇسابىقىنىڭ 3 مەيدىنىدا ئەڭياخشى توپچى بولۇپ باھالاندى . 33 يېشىدا بۇنداق نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس .

699013.jpg

تېخنىكا ئالاھىدىلىكى:
ئىتالىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاندىرا پىرلونى ئىتالىيەنىڭ پۇتبول شاھى دەپ تەرىپلىدى . ئىسپانىيەنىڭ ئاخپارات ۋاستىلىرى پىرلونى چىملىقتىكى دافېنچى دەپ تەرىپلىدى .
پىرلو باگىگودىن كىيىنكى ئىتالىيەنىڭ ئەڭ تالانتلىق توپچىسى . ئۇنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى ، نۇمۇش ئېلىش ئىقتىدارى ۋە ئىختىيارى توپ باشلاش ئىقتىدارى بىرسى- بىرسىدىن ياخشى .
پىرلو 2 ئادەمگە رەھمەت ئېيتىشى كىرەك . بىرسى ئۇنىڭغا پۇتبولنى چۈشەندۇرگەن روبورت باگىگو ، يەنەبىرسى ئۇنى ئارقا بەل توپچىسى قىلغان مەشقاۋۇل ئەنچېلودى .





پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-14 17:12:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-14 17:17:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ بۇلۇڭ توپ باشلىشى بەك ياخشى..   ئۇ قانچە ياش؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-14 17:18:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ بۇلۇڭ توپ باشلىشى بەك ياخشى..   ئۇ قانچە ياش؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-14 17:26:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-14 17:34  

مىلاننىڭ نىمىشقا  ئەڭ چوڭ پۇشايمىنى بولۇپ قالدى .
ئۇ سىلەرنىڭ خىيالىڭلار .

يۇۋېنتۇس بىلەن مىلان ئارىسىدىكى مەڭگۈلۈك ئىتتىپاق دىگەننى  چۈشەنمەيسىلە .
مىلان يۇۋېنتۇسنىڭ قايتىدىن زەردارلىق ھالىتىدە كۈچىيىشىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالىمەن دىسە ئەينى ۋاقىت ئىبراھىم ،سىلۋانىمۇ قايتۇرۇپ سېتىپ بەرگەن بولاتتى .
يۇۋېنتۇسنىڭ پارىژلىقلاردەك كۆپ مائاش بەرگۈسى يوق ،شۇڭا ئۇلارنى يۇۋېنتۇسقا ساتماي پارىژغا سېتىۋەتتى.
ھازىرمۇ يۇۋېنتۇسنىڭ ئىبراھىمنى ئەكەلگۈسى بار ،لىكىن مائاشنى يۇقىرى بېرەلمەيدۇ.

مىلان كاكانى ۋە پاتونى سېتىۋېتىشتە ئۆزىنىڭ بىلىدىغىنى بار .
خەقنىڭ سۆڭىكىنىڭ دەردى بولسا ئۇ ناھايىتى ئاسانلا قايتا يارلىنىپ قالىدىغان گەپ ،ئۇ ۋاقىت بىكار مائاشنى ئېلىپ ياتىدىغان ئىش چىقىدۇ .
شۇڭا مىلان كاللىنى ئىشلىتىپ كاكانى سېتىۋەتتى .
پاتونى ئۈمىد يۇلتۇزى دىگەن بىلەن ئۇ قېرى خوتۇننىڭ قۇچىقىدىلا تۈگىشىپ كەتتى ، ياۋروپاغا سېتىۋەتسە قايتۇرىۋېلىشتا قىيىنچىلىق بولىدۇ ، شۇڭا بىرازىلىيەگە سېتىپ كىيىنچە  ئەسلىگە قايتىپ قالسا يەنە گالىيان ى قاقۋاش ئەرزان باھادا سېتىۋالىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-14 17:31:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-14 17:45  

ئاندىرا پېرلو ئەمەس، ئاندىرى  پىرلو .
بۇلۇسىيە ===بىرىسىيە .
گىلوسو === گىروسسو .
شىنى ئولىمپىك ===سىدنىي ئولىمپىك
كولودىيە ===كىرودىيە.


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-14 17:37:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tarimi يوللىغان ۋاقتى  2013-4-14 17:31
ئاندىرا پېرلو ئەمەس، ئاندىرى .
بۇلۇسىيە ===بىرىسىيە .
گى ...

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-14 18:10:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقتساد دىگەننى ئويلاشمايدىغان توپچىدە بۇ ،،،   خاس پۇتپولغا مۇھەببەت بولغانلىقى ئۇچۇنلا ھازىرغىچە توپ تېپىۋاتىدۇ ،،،  پۇل ئۇچۇن ئەمەس ،،،،    مۇتلەق كوپ قېسىم توپچىلارنىڭ قارشىسىدا شۇنداق ھەشەمەتلىك ئائىلىدىمۇ مۇشۇنداق بىر تالانتلىق توپچىنىڭ چىقىشى ئاسان ئەمەس ،،،،    خالىسا بىرە كولۇپنى سېتىۋېلىش ھىچ گەپ ئەمەسقۇ بۇ بايۋەتچىگە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-14 18:20:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى بەك قېرىمىكىن دىسەم مەندىن كىچىك نېمەكەنغۇ؟  ساقىلىنى ئالماي يۈرۈپ  شۇنداق قېرى چىراي كۆرۈنىدىكەن-دە ئەسلىدە
ئەمما بۇنىڭ ئىتالىيە كوماندىسىدىكى ئورنى ۋە رولىغا گەپ كەتمەيدۇ،ھەقىقەتەن نوچى پۇتبولچى بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-14 18:26:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پىرلونى 2006-يىلى ئاران تۇنۇپتىكەنمەن.   كېيىن ئالىي مەكتەپكە چىقساق بىر قىز بارتى پىرلونىڭ ئالامەت مەستانىسى .............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-14 18:26:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى پەسىل يۇۋىنتىسنى مۇشۇ پئىرلو چىمپىئون قىلدى دىسەك ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-14 19:55:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارىس يوللىغان ۋاقتى  2013-4-14 18:10
ئىقتساد دىگەننى ئويلاشمايدىغان توپچىدە بۇ ،،،   خاس پۇ ...

راس دەيسىز ........   
پىرلونىڭ پۇتبولغا بولغان مۇھابىتى باشقا پۇتبولچىلارنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى ...
دادىسى بۇنىڭ توپ ئوينىشىغا قارشى چىقسىمۇ ئۆزى تىرىشىپ ئاخىرى دادىسىنى ئۆزىنىڭ مەستانىسى قىلىۋالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 13:53

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش