- تىزىملاتقان
- 2012-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 134
- نادىر
- 0
- يازما
- 134
|
پۇتبول ھاياتىغا چۇشەنچە :
شاۋېنىڭ پۇتبول ھاياتى تامامەن كامپ نوغا مەنسۇپ . ئۇ 11 يېشىدىلا بارسىلوناغا قوشۇلغان بولۇپ ، 98 \ 1997 مۇسابىقە پەسىلىدە بارسىلونا ياشلار كوماندىسىدىن بارسىلونا 2- كوماندىسىغا تاللانغان . 2- كوماندىدا بۇ تالانىتلىق ياش پۇتبولچى تېزلا كوماندىنىڭ يادروسى يەنى چوڭ مىڭىسىگە ئايلانغان . 2- كوماندا تېرېنېرى يۇرېد . گونزالىيو بۇ تالانت ئىگىسىنى بارسىلونا بىرىنچى كوماندىسىغا تەۋسىيە قىلغان . 1998-يىلى يازدا ، مالوركا بىلەن بولغان ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ بىرىنچى كوماندىدا توپ تېپىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان . بۇ مۇسابىقىدە ئۇ ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپلا قالماي ، يەنە بىر توپ ئۇرغان . شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بىرىنچى كوماندىدىكى تۇنجى قەدىمىنى مۇشۇنداق غەلبىلىك باسقان . 99 \ 1998 پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، ۋانجار يېتەكچىلىكىدىكى بارسىلونا كوماندىسى قاتارىدا بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۇرگەن .
00 \ 1999 مۇسابىقە پەسلىدە گۇاردىئولانىڭ يارىلىنىشى سەۋەبلىك ، بۇ ‹‹ 4-نومۇرلۇق ئورۇن ›› نىڭ ئىزباسارى بولۇپ قالغان . كاپىتان ئىتالىيە بىرلەشمىسىگە يۆتكۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن شاۋې رەسمى ھالدا بارسىلونانىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادروسىغا ئايلانغان . گەرچە بارسىلوناغا ۋانجاردىن گۇاردىئولاغىچە بىرقانچە تېرېنېر ئالماشقان بولسىمۇ ، شاۋېنىڭ يادرولۇق ئورنى تەۋرەپمۇ قويمىغان ، شۇنداقلا 25 يېشىدىلا بارسىلونا ئۇچۇن 300 مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىغان .
رېجېكارد مەشقاۋۇل بولغاندىن كېيىن ، شاۋې ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان تەشكىللىگۇچى ئىكەنلىكىنىلا ئىسپاتلاپ قالماي ، چوڭ دائىرىلىك ئوتتۇرا مەيدان يادروسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان . 05 \ 2004 مۇسابىقە پەسلىدە بارسىلونا كوماندىسىدىكى ئەڭ كوپ مەيدانغا چىققان پۇتبولچى بولۇپ قالغان . شۇنداقلا مەيدانغا چىققان سانى 36 مەيدانغا يەتكەن .
رېجېكارد دەۋرىدىكى شاۋې ئاساسلىق ئەزا بولۇپلا قالماي ، ھەقىقى بارسىلونا تۆھپىكارىغا ئايلانغان . 08 \ 2007 مۇسابىقە پەسلىدە 7 توپ ئۇرۇپ ئۆزىنىڭ يەككە تۇر توپ ئۇرۇش رېكورتىنى ياراتقان . گۇاردىئولا دەۋرىگە كەلگەندە بولسا تولۇق پىشىپ يېتىلگەن شاۋې 54 مەيدان مۇسابىقىدە 10 توپ ئۇرۇپ ئۆزىنىڭ يەككە تۇر رېكورتىنى يېڭىلىغان . شاۋې ۋە ئىنېستادىن تەشكىللەنگەن قوش يادرولۇق قوشۇن 10 \2009 مۇسابىقە پەسلىدە تارىخى خارەكتىرلىك 99 نومۇر ئېلىپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چىمپىيونى بولغان .
2011 \ 2010 مۇسابىقە پەسلىدە ، شاۋې مېگايىل ( 549 مەيدان ) ساقلاپ تۇرغان بارسىلونا مەيدانغا چىقىش رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان . 2010-يىللىق ۋە 2011 - يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتى نامزاتلار تىزىملىكىدە ئالدىنقى 3 قاتارىغا كىرگەن .
تەبئىكى ، شاۋې ئىسپانىيە كوماندىسىدىكى غوللۇق چولپان . ئۇ 2002 ، 2006 ۋە 2010 يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى شۇنداقلا ، 2004 ، 2008 ۋە 2012 -يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتناشقان . 2008 -يىلى سەبداشلىرى بىلەن ياۋروپا لوڭقىسى چىمپىيونى بولغان ، شۇنداقلا خەلىقئارا پۇتبپلچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ‹‹ دۇنيادىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۇنگەن 5 پۇتبولچىنىڭ بىرى ›› شەرىپىگە ئېرىشكەن . 2010 يىلى دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۇرگەن . كۆرۇۋېلىشقا بولىدۇكى ، شاۋې مەيلى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ، مەيلى كۇلۇبتا بولسۇن ھەقىقى چولپان ، ھەققى پۇتبول جەڭچىسى !!!~~~
تەرجىمھالى :
ئىسىم - فامىلىسى : شاۋې . ھېرناندېس . كېلۋۇس
ئورنى : ئوتتۇرا مەيدان
نومۇرى : 6 - نومۇر ( دۆلەت كوماندىسىدا 8 - نومۇر )
تۇغۇلغان يۇرتى : تېراسسا ( بارسىلونا )
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1980 -يىلى 1- ئاينىڭ 25 -كۇنى
ئېغىرلىقى : 68 كېلوگىرام
بوي ئېگىزلىكى : 170 سانتېمتېر
كۇلۇب تارىخى : 98 -يىلدىن ھازىرغىچە ( بارسىلونا )
بارسىلونا بىرىنچى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئوينىغان بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىسى : مالوركا 1 : 2 بارسىلونا ( 98-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۇنى )
شاۋېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پۇتبول ھاياتىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن . |
|