- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3394
- نادىر
- 5
- يازما
- 3394
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-14 08:50
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
2012-2013 يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى 29 - ئايلانما مۇسابىقىسى 13 - چىسلا سائەت 19:30 دە ( گىرمانىيە ۋاقتى 13:30 ) باشلاندى ... مۇسابىقە نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە :
فارت 1 - 6 دورتمۇند
سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسى مىھمان مەيداندا دەرىجىسى چۈشۈپ كىتىش ئالدىدىكى فارت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ...
بۇ مەيدان مۇسابىقىنى مادىرىد تىرىنىرى مورىنھو ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگىلى كەلدى !
مۇسابىقە باشلىنىپ دورتمۇند كوماندىسى ياخشى ئىپادىسىنى تولۇق جارى قىلدۇردى ۋە ئالدىنقى يىرىم مەيدان ئىچىدە دورتمۇند كوماندىسى رەقىبىگە 5 توپ ئۇرۇىۋەتتى ! ئالدىنقى مەيدان 5:0 ئاياغلاشتى ( گوتزى 2 توپ ، كۇبا 1 توپ ، گوندىگان 2 توپ ئۇردى ! )
كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ مۇسابىقە تىخىمۇ كەسكىنلەشتى ، فارت كوماندىسى 1 توپ قايتۇرۋالدى ! 81 مىنۇت بولغاندا لەيۋەندوۋىسكى 1 توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 6:1 قىلىپ مىھمان مەيداندا چوڭ پەرىق بىلەن غەلبە قىلدى ! شاھىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە توپ ئوينىدى ...
بەيرىن 4 - 0 نىرۇنبۇرگ
بەيرىن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا نىرۇنبۇرگ كوماندىسنى كۈتىۋالدى ، بەيرىن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا بوئاتىڭ ، لاۋىنىيا ۋە گومىزلارنىڭ توپ ئۇرشى بىلەن ئالدىنقى مەيدان 0:3 ئاياغلاشتى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىگە گومىز ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشتى !
كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ بەيرىن كوماندىسى يەنىلا ياخشى ئويناپ 56 مىنۇت بولغاندا شاچىرى بىرتوپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 0:4 قىلىپ ئۆزمەيدانىدا غەلبە قىلدى !
ۋولسۇنبۇرگ 2 - 2 خوفىنھام
بۆرە قەلئەسى كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا دەرىجىسى چۈشىپ كىتىش خەۋپىگە دۇچ كىلىۋاتقان خوفىنھام كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، خوفىنھام كوماندىسى قىممەتلىك 3 نۇمۇر ئىلىش ئۈچۈن بەك كۈچەپ ئوينىدى !
مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت بولغاندا بۆرەقەلئەسى كوماندىسى بىر توپ ئۇردى ، 34 مىنۇت بولغاندا خوفىنھام نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈپ ئالدىنقى مەيدان 1 : 1 ئاياغلاشتى !
كىيىنكى مەيدان خوفىنھام كوماندىسى شۇنداق كۈچەپ ئويناپ 63 مىنۇت بولغاندا بىر توپ ئۇرىۋالدى ، ئەپسۇس كىيىن 86 مىنۇت بولغاندا بۆرە قەلئەسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالدى ...
مايىنىز 1 - 2 ھامبۇرگ
مايىنىز كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ھامبۇرگ كوماندىسنى كۈتىۋالدى! ھەرئىككىلى تەرەپ ياخشى ئىپادىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ ئالدىنقى مەيدان 0:0 ئاياغلاشتى ! ...
كىيىنكى مەيدان باشلاندى ، ھامبۇرگ كوماندىسى مىھمان مەيداندا ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇدى ۋە كۆرىيەلىك چولپان سون 2 توپ ئۇردى ... مايىنىز كوماندىسى كۈچىگەن بولسىمۇ 86 مىنۇتتا بىر توپ قايتۇرۋالغان بولسىمۇ ئۆزمەيدانىدا 2:1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇردى ! ...
دولسىندوروف 2 : 2 بىرمىن
دولسىندوروف كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا كۈچلۈك بىرمىن كوماندىسنى كۈتىۋالدى ... مۇسابىقە باشلىنىپلا دولسىندوروف كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستىنلىككە ئۆتتى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ بىرمىن كوماندىىسى بىر توپ قايتۇرۋىلىپ ئالدىنقى مەيدان 1 : 1 ئاياغلاشتى !
كىيىنكى مەيدان دولسىندوروف كوماندىسى بىر توپ ئۇرۋالدى ، بىرمىن كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ 71 مىنۇت بولغاندا قارشى تەرەپ ئۆزىگە خايىن توپ ئۇردى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلى كوماندا 1 دىن نۇمۇر ئالدى ...
فىرۇبۇرگ 3 - 1 ھانۋېر96
فىرۇبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ياخشى ئىپادىسى بىلەن ھانۋېر96 كوماندىسنى مەغلۇب قىلىپ تولۇق 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى . بۇنىڭ بىلەن فىرۇبۇرگ كوماندىسى بىرلەشمىنىڭ 5 - ئورۇنغا سەكرەپ چىقتى !
|
|