- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3394
- نادىر
- 5
- يازما
- 3394
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-11 19:20
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
57 يىلدىن كىيىنكى ئىككى گىرمانىيە سەركىسى !
2012 - 2013 يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى باشلىنىپ بۈگۈن سەھەر 4 كۈچلۈك كوماندا تاللىنىپ چىقتى ... ( بۇمۇ ئاسان نەتىجە ئەمەس!)
بۇ 4 كوماندىنىڭ ئىچىدە 2 كوماندا گىرمانىيە بىرلەشمىسنىڭ سەركىللىرى ... يەنە بەيرىن كوماندىسى بىلەن سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسى !!! بۇ ئىككى كوماندىنىڭ گىرمانىيە بىرلەشمىسىدە بولسۇن ۋە ياكى ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسدە بولسۇن مۇقىم نەتىجىسى بىلەن ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرشىپ كەلمەكتە ...
بەيرىن كوماندىسى بولسا گىرمانىيە بىرلەشمىسدە مۇدەەتتىن بۇرۇن چىمپىيۇن بولدى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە كۈچلۈك بولغان يۇۋىنتىس كوماندىسنى 4 : 0 نەتىجە بىلەن شاللاپ ئۇزغۈنلۇق مۇسابىقىسنىڭ 4 كۈچلۈككە كىردى !
دورتمۇند كوماندىسى بولسا گىرمانىيە بىرلەشمىسىدە ئىككىنجىلىك مۇقىملام ، ئىزچىل ياخشى ئىپادىسى بىلەن ماڭماقتا ، بوپمۇ ئۇزغۈنلۇق مۇسابىقىسدە ئاجايىپ ياخشى ئىپادىسى بىلەن ماڭدى ...
ئۇزغۇنلۇق گورۇپ مۇسابىقسىدە ھالاكەت گورپىسىغا ( 4 بىرلەشمىنىڭ چىمپىيۇنى يىغىلغان گورۇپ ) بۆلىنىپ قالغان بولسىمۇ ياخشى ئىپادىسى بىلەن بىر مەيدانمۇ مەغلۇب بولماي گورۇپتىن بىرىنجى بولۇپ چىكەتتى ۋە شۇنداقلا 4 كۈچلۈككە كەلگىچە بىر مەيدانمۇ مەغلۇب بولماستەك ياخشى نەتىجىسى بىلەن 4 كۈچلۈككە ئوڭۇشلۇق يىتىپ كەلدى ...
شۇنداق قىلىپ گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىن 2 كوماندا 57 يىلدىن كىيىن ئۇزغۇنلۇق 4 كۈچلۈك مۇسابىقىسىگە كىرىدى !!! ھۇررا گىرمانىيە تانكىللىرى! ...
ئىسپانىيەلىك ھۇجۇمچى ئالۋارو . نىگرىدو دورتمۇند كوماندىسىغا كىلىشى مۇمكىن !
ماكا خەۋىرى : دورتمۇند كوماندىسى يىقىندا بۇيىل 28 ياشقا كىرگەن ئىسپانىيەلىك سەۋىلىيەدە توپ تىپىۋاتقان ئالۋارو . نىگرىدونى كوماندىغا قوشىۋىلىشنى پىلانلىغان ۋە 1800万 باھا قويغان ...
بۇنىڭدىن باشقا ئالۋارو . نىگرىدوغا چىلسى تىرنىرى بىنتىسمۇ قىزقىپ قالغان ، قىنى بۇ چولپان قايسى كوماندىغا كىلدىكىن ؟!
قايسى كوماندىنىڭ ئۇچىرشىشىنى خالايسىز ؟
شۇنداق قىلىپ ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىگە 4 كۈچلۈك كوماندىلار كىرىپ بولدى ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسپانىيە كوماندىسىدىن 2 ، گىرمانىيە كوماندىسىدىن 2 كوماندا كىرىدى ...
يىقىندا ئىسپانىيەلىك 41% مادىرىد مەستانىللىرى يىرىم ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىدە مادىرىد كوماندىسنىڭ بارسىلونا بىلەن ئۇچۇرشىشنى ئۈمۈد قىلغان ۋە كەسكىن ئىلىپ بىرىلدىغان ئىسپانىيە دۆلەت دىربىسىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ...
يەنە 33% مادىرىد مەستانىللىرى دورتمۇند بىلەن 25% مەستانىلەر بەيرىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىشنى خالىغان ...
|
-
|