- تىزىملاتقان
- 2012-10-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1708
- نادىر
- 0
- يازما
- 1708
|
بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ئەرىزى قۇبۇل قىلىندى
4-ئاينىڭ9-كۈنى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسنىڭ ئاشكارلىشىچە : گىرمانىيەلىك رىتپىر سىتاك بۇنىڭدىن كىيىنكى ھەرقانداق ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە رىتپىرلىق قىلىشىنى چەكلەپتۇ .
بۇ رىتپىر بارسىلونا بىلەن پارىژ ساينىت گىرمان كوماندىسى بىلەن بولغان تۇنجى ئۇچۇرشۇشتا باش رىتپىرلىق قىلغان بولۇپ بارسىلونا كوماندىسىنى 3 قېتىم قائېدىغا ئېخلاپلىق قىلدى دەپ خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ پارىژ ساينىت كوماندىسىغا يان باسقان ھەم ئېنق ئوفسايىت بولغان توپنى يان رىتپىر بايراقنى كۆتۈرۈپ بولغۇچە پۈشتەكنى چېلىۋەتكەن ، بىر كوماندىدىن 2 ئادەم يارلانغان چاغدىمۇ مۇسابىقىنى توختاتماي داۋاملاشتۇرىۋەتكەن . مۇسابىقە ئاخىرلىشىشى ھامان بارسىلونا كوماندىسى بۇ رىتپىرنىڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان .
ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى : بىرىنجىدىن ، ماسچىلانو يارلىنىغان چاغدا مۇسابىقىنى توختاتمىغان . ئېككىنجىدىن ، ماسچىلانونىڭ يارلانغىنىنى كۆرگەن تۇرۇقلۇقمۇ بارسىلونا كوماندىسىنىڭ دوختۇرىنى چاقىرمىغان . ئۈچۈنجىدىن ، ئېككى پۇتبولچى مەيداندىغا قايتىپ كەلگەن جەرياندىمۇ رىتپىرلىق گۇرۇپىسىدىكىلەرنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا بولمىغان . شۇڭا بۇندىن كىيىنكى ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە بۇنداق لاياقەتسىز رىتپىرنىڭ رىتپىرلىق قىلىشىنى چەكلىۋەتكەن ، ھەم بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ئەرىزى ئوڭۇشلۇق بولغان .
ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى
جۇمە كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت تۆتتە ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا چەك تارتىدۇ .
بىرىنجى قېتىملىق ئۇچۇرۇشۇش 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 24،25 -كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ .
ئېككىنجى قېتىملىق ئۇچۇرۇشۇش 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 1،2-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ .
بارسىلونا كوماندىسىنىڭ بايرىن ، دورتىموند ۋە مادىرىت كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇش ئېھتىماللىقى بار .تارىختا پەقەت دورتىموند كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بارسىلونا كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ باقمىغان .ئۇلارنىڭ ئۇچۇرۇشقان ۋاقتى 1996-1997مۇسابىقە پەسىلىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقا مۇسابىقىسى بۇلۇپ بارسىلونا كوماندىسى بىرىنجى ئۇچۇرشۇشتا نوكامپۇدا 0-2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان.ئېككىنجى ئۇچۇرشۇشتا بولسا دورتىموند كوماندىسى بىلەن 1-1 بولۇپ تەڭلىشىپ قىلىپ ئومومى نۇمۇردا 1-3 نەتىجە بىلەن دورتىمونىد كوماندىسىنى شاللىۋەتكەن ھەم شۇ پەسىلدىكى ھەم شۇ قېتىملىق دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقا مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان .
بەيرىن مىيونخىن كوماندىسى بىلەن بارسىلونا كوماندىسى تارىختا 6 قېتىم ئۇچۇراشقان .
1996-يىلى 4-ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى ئۇيۇشما لوڭقىسى تۇنجى ئۇچۇرشىشىدا بارسىلونا كوماندىسى 2-2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالغان.
1996-يىلى4-ئاينىڭ16-كۈنى ئېككىنجى ئۇچۇرشۇشتا 2-1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ شاللىنىپ كەتكەن .
1998-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپا مۇسابىقىسىدە 0-1نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان.
1998-يىلى11-ئاينىڭ4-كۈنى يەنە شۇ گۇرۇپا مۇسابىقىسىدە 1-2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان .
2009-يىلى4-ئاينىڭ8-كۈنى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ 1/4مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچۇرۇشىشىدا بارسىلونا كوماندىسى 0-4 نەتىجە بىلەن ئۇتقان .
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى ئېككىنجى ئۇچۇرشۇشتا 1-1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالغان .
خان جەمەتى مادىرىت كوماندىسى بىلەن بارسىلونا كوماندىسى 2009-يىلى 1/4 مۇسابىقىسىدە تۇتۇشقان . تۇنجى ئۇچۇرشۇشتا 2-0 نەتىجە بىلەن ئۇتقان . ئېككىنجى ئۇچۇرشۇشتا 1-1 نەتىجە بىلەن تەڭلەشكەن .
بۇ قېتىملىق يېرىم ھەلقىلغۇچقا ھەممىمىزنىڭ كوڭلىمىزدىكى زەردار كوماندىلار كىردى . مەنچە بۇ مۇسابىقە ناھايىتى قىززىيدۇ . قالغىنىنى ئەتە ئۇقىمىز . قېرىنداشلارنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋالغان ئاساستا پىكىر قىلىشىنى سورايمەن . |
|