- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7993
- نادىر
- 19
- يازما
- 7993
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-10 23:13

4-ئاينىڭ 10-كۈنى ،ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپ مۇسابىقىسىنىڭ تۆتىنچى ئايلانمىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى .دۆلىتىمىزدىكى بېيجىڭ ئامانلىق كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئۆزبىكىستان بىرلەشمىسىدىكى بۇن يودكور كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى .ئاخىردا بېيجىڭ ئامانلىق كوماندىسى 0 : 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى .ھازىر بېيجىڭ ئامانلىق بەش نومۇر بىلەن گۇرۇپپىدا ئۈچىنچى ئورۇندا ،ئەگەر يەنە بىر مەيدان مەغلۇپ بولسا ،ئۇ چاغدا مۇددەتتىن بۇرۇن شاللىنىدۇ .
4-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى E گۇرۇپپىدىكى يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە ،جىياڭسۇ شۈنتىيەن كوماندىسى مېھمان مەيدانىدا تايلاندتىكى بۇرىرام كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى .90 مىنۇتلۇق كەسكىن تۇتۇشۇشتىن كېيىن ،جىياڭسۇ شۈنتىيەن 0 : 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولدى .بارى 31 مىنۇت بولغاندا مەيدانغا چىقتى. ئىپادىسى نورمال بولدى .بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن جىياڭسۇ شۈنتىيەن گۇرۇپپىدا ئەڭ ئاخىرقى رەتكە چۈشۈپ قالدى .
4-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە ،گۇاڭجۇ خېڭدا مېھمان مەيدانىدا تايلاندنىڭ چىمپىيۇن كوماندىسىنى 4 : 1 نەتىجە بىلەن يېڭىپ ،10 نومۇر بىلەن داۋاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇردى . ھەمدە گۇرۇپپىدىن چىقىشىمۇ ئاساسى جەھەتتىن مۇقىملىشىپ قالدى .ئىگىلىنىشچە ،تۆت ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن ، گۇاڭجۇ خېڭدانىڭ جەمئىي مۇكاپات سوممىسى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە 41 مىليونغا يەتكەن .
4-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن H گۇرۇپپىدىكى يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە ،دۆلىتىمىزدىكى گۇيجۇ رېنخې كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئاۋسترالىيە بىرلەشمىسىدىكى مەركىزى دېڭىزچىلار كوماندىسىنى 2 : 1 نەتىجە بىلەن يەڭدى .ھازىر گۇيجۇ رېنخې كوماندىسى تۆت نومۇر بىلەن گۇرۇپپىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرماقتا

|
|